ئاقسۇ شەھىرى: ھەقسىز چۈجە كىرىمنى ئاشۇرۇشقا ياردەم بەردى

日期:2019年03月31日
来源:天山网
【字体:

«خىزمەت ئەترىتى ۋە رايونغا قاراشلىق كارخانىنىڭ ياردىمىگە رەھمەت، بىزگە شۇنچە كۆپ چۈجە تارقىتىپ بەردى، مەن بۇ چۈجىلەرنى چوقۇم ياخشى بېقىپ چوڭ قىلىمەن، شۇ چاغدا يەنە بىر مۇنچە كىرىم قىلالايمەن» دېدى چۈجىنى قولىغا ئالغان قىيىنچىلىقى بار ئاھالە ئاقنىياز داۋۇت خۇشال ھالدا.

3-ئاينىڭ 28-كۈنى چۈشتە، ئاقسۇ شەھىرى توپۇلۇق يېزىسى قارا يانتاق كەنت كومىتېتىغا كېلىپ-كېتىدىغانلارنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمەي، بۆلەكچىلا قىزىپ كەتكەنىدى، كەنتتىكى نامرات ئاھالىلەر ئۈچ چاقلىق موتوسېكلىتنى ھەيدەپ كەينى-كەينىدىن بۇ يەرگە كېلىپ، خىزمەت ئەترىتىدىكىلەرنىڭ ئۇلارغا ھەقسىز چۈجە تارقىتىپ بېرىشىنى ساقلاۋاتاتتى.

قارا يانتاق كەنتىدىكى بىر قىسىم تېرىلغۇ يەرنىڭ تۇپراق قاتلىمى نېپىز، تۇپرىقى ناچار بولغاچقا، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى سىجىل ئاشۇرۇشى بوغما ھالەتكە دۇچ كەلدى، ئاقسۇ ۋىلايىتىگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار خىزمىتى كومىتېتىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى كەنتنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، ھويلا-ئاران باقمىچىلىقىدىن پايدىلىنىپ، نامرات كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىشنى قارار قىلدى: تەۋەلىكىدىكى كارخانىلار بىلەن ۋاقتىدا ئالاقىلىشىپ، ياردەم بېرىش مەبلىغى توپلاپ، چۈجە سېتىۋېلىپ، قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەرنىڭ بېقىشىغا ھەقسىز تارقىتىپ بەردى.

كەنت 1-شۇجىسى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى جاڭ يەنجۇڭ مۇنداق دېدى: قارا يانتاق كەنتىنىڭ شەھەر بىلەن بولغان ئارىلىقى يېقىن، كەنتتە بىر كۆلەملەشكەن ئۆي قۇشلىرىنى بېقىپ كۆپەيتىش مەيدانى بار، بىز تولۇق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، ھەر بىر قىيىنچىلىقى بار ئائىلىگە 80~100 گىچە چۈجە تارقىتىپ، دېھقانلارنىڭ بۇلتۇرقى <ئۈچ رايونغا ئايرىش> ( ئولتۇراق رايون، تېرىش رايونى ، باقمىچىلىق رايونى)قۇرۇلۇشىنىڭ ياخشى ئەسلىھەسىدىن پايدىلىنىپ، يەرلىك توخۇنى دالىدا بېقىپ، كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش تېخنىكىسىغا ئىز قوغلاپ يېتەكچىلىك قىلدۇق، چۈجىلەر ئەي بولغاندىن كېيىن باقمىچىلىق مەيدانى مەسئۇل بولۇپ سېتىۋالىدۇ، كەنت ئاھالىلىرى ساتالماسلىقتىن غەم يېمەيدۇ، ئاددىي ھېسابلىغاندا، تەننەرخنى چىقىرىۋەتكەندە، ھەر بىر ئائىلىنىڭ 5000 يۈەن ئەتراپىدا كىرىم قىلالايدۇ. (ئاقسۇ ۋىلايىتى « ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش » ئىشخانىسىدىن جاڭ بىن تەمىنلىگەن)