شىنجاڭلىق يىگىت ئادەم قۇتقۇزۇپ 10 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى! ئۇ مۇنداق بىر قارار چىقاردى

日期:2022年04月22日
来源:天山网
【字体:

خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ جيەنلى شەھىرىدە

ئىككى كۈن ئىچىدە،سۇغا چۈشۈپ كەتكەن ئۈچ ئادەمنى قۇتقۇزۇپ قالغان

شىنجاڭلىق يىگىت يۈسۈپجان ھەبىبۇللا

4-ئاينىڭ 18-كۈنى ئالىبابا«كۈندە ئاكتىپ ئېنېرگىيە»سى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتىبىلەنبىرلىشىپ ئۇنىڭغا تارقاتقان

10 مىڭ يۈەن«كۈندە ئاكتىپ ئېنېرگىيە ئالاھىدەمۇكاپاتى»غا ئېرىشتى

بۇ يىل 26 ياشقا كىرگەن يۈسۈپجاننىڭ

ئۆيى خوتەن ۋىلايىتى قاراقاش ناھىيەسى كۇيا بازىرىدا

ئۇ خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ جيەنلى شەھىرىدە نەۋرە ئاكىسى بىلەن بىللە

كاۋاپ تىجارىتى قىلىدۇ

يۈسۈپجان بىلەن نەۋرە ئاكىسى جيەنلى شەھىرىدە بىر شىنجاڭ كاۋاپخانىسى ئاچقان بولۇپ، كۆپچىلىك ئۇنىڭ ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەنلىك ئىش ئىزلىرىدىن خەۋەر تاپقاچقا، يېقىنقى بىر مەزگىلدىن بۇيان، ئۇلارنىڭ كاۋاپخانىسىغا نۇرغۇن مېھمان كەلدى.

يۈسۈپجان ھەبىبۇللا تەمىنلىگەن سۈرەت

4-ئاينىڭ 9-، 10-كۈنلىرى

يۈسۈپجان چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جيەنلى بۆلىكىدىكى

يەنپۇ قۇملۇق ساھىلىداكاۋاپ سېتىۋاتقاندا

ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئىككى قېتىم سۇغا سەكرەپ چۈشۈپ، ئېھتىياتسىزلىقتىن سۇغا چۈشۈپ كەتكەن ئۈچ ئادەمنى قۇتقۇزدى

ئۇ گەرچە سۇ ئۈزۈشنى بىلمىسىمۇ

لېكىن«95-يىللاردا تۇغۇلغان» بۇ يىگىت مۇنداق دېدى:

«مەن كۆز ئالدىمدىلا بىر ھاياتلىقنىڭ غايىب بولۇشىغا قاراپ تۇرالمايمەن

چوقۇم سۇغا چۈشۈپ ئادەم قۇتقۇزۇشۇم كېرەك».

ئۇنىڭ ياخشى ئىشلىرى سانسىزلىغان تورداشنىتەسىرلەندۈردى

جيەنلىدىكى بىر يەرلىك دوۋيىن سۇپىسىدا سىن ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن

نۇرغۇن تورداش «دۇكاننىڭ ئىسمىنى سوراشتى»

كاۋاپ دۇكىنىغا بېرىپ، يۈسۈپجاننىڭ سودىسىنى تېخىمۇ قىزىتماقچى بولدى

يەنە بەزىلەر قەتئىيلىك بىلەن: «كاۋاپلارنى يەپ كاۋاپخانىنىقۇرۇقداپ قويۇش كېرەك!» دېيىشتى.

ئىنكاسلاردىن قارىغاندا

ئېنىقكى، يۈسۈپجان پەقەت ئادەم قۇتقۇزغانلىقى ئۈچۈنلا تونۇلۇپ قالمىدى

مۇھىمىيەنىلا«ئادەم ياخشى، كاۋاپنىڭ تەمىمۇ ياخشى» بولغانلىقى ئۈچۈندۇر

ھەتتا بەزى تورداشلار ئۇنىڭ بىلەن دوستلىشىپ

ئاكا-ئۇكا بولۇشنى ئويلىدى

قۇتقۇزۇۋېلىنغۇچىنىڭ تۇغقىنىنىڭمۇ «مەيدانغا چىققانلىقى»نى كۆرۈپ

بەزىلەر بىۋاسىتە

«سىلەر تۇغقان بولۇپ ئۆتسەڭلار بولىدىكەن» دەپ تەكلىپ بەردى

كۈندە ئاكتىپ ئېنېرگىيە مۇكاپاتى تارقىتىش سۆزىدە مۇنداق دېيىلگەن: «باتۇرلار قورقماس، چۈنكى قەلبىدە ئىشەنچ بار: <مەن چوقۇم قۇتقۇزىمەن، 56 مىللەت بىر ئائىلە كىشىلىرى!>سۇ ئۈزۈشنى بىلمەيدىغان بىر شىنجاڭلىق يىگىت تولۇپ تاشقان قىزغىنلىقى بىلەن چاڭجياڭ دەرياسى ساھىلىدىكى ھاياتلىق قوغدىغۇچىسىغا ئايلاندى».

4-ئاينىڭ 19-كۈنى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سىن ئۇلانمىسى ئارقىلىق يۈسۈپجان بىلەن كۆرۈشۈپ

ئۇنىڭغا «كۈندە ئاكتىپ ئېنېرگىيە» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلىكىنى ئېيتتى

ئۇ مۇنداق دېدى:

«مەن مۇكاپات پۇلى بىلەن سۇ ئۈزۈش سىنىپىغا تىزىملىتىمەن،

بۇنداق بولغاندا بۇنىڭدىن كېيىن ئادەم قۇتقۇزغاندا،

تېخىمۇ ئىشەنچلىك بولىدۇ».

ياخشى ئىشىڭىزبىلەن جيەنلىدىن ئىبارەت كىچىك شەھەرنى تەسىرلەندۈردىڭىز

​چوڭقۇر مېھىر-مۇھەببىتىڭىز بىلەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى تەسۋىرلىدىڭىز

يۈسۈپجان، يارايسىز!

مەنبە: ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسى