ساۋەن ناھىيەسى: خىزمەت ئەترىتى ۋاسىتىچى بولۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بەردى

日期:2019年03月30日
来源:天山网
【字体:

«خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىدە، مېنىڭ زاۋۇتتا ئىشلەۋاتقىنىمغا ئىككى يىل بولۇپ قالدى، بىر ئايدا 5000 يۈەن ئەتراپىدا مائاش ئالىمەن، كىرىمىم بۇرۇنقىغا سېلىشتۇرغاندا كۆپ، تۇرمۇشۇم بارغانسېرى ياخشىلاندى.» دېدى ساۋەن ناھىيەسى شىگوبى بازىرى جياساۋزى كەنتىنىڭ ئاھالىسى مەخپەر مۇختەر.

ساۋەن ناھىيەسى شىگوبى بازىرى جياساۋزى كەنتىدە 247 ئائىلىلىك كەنت ئاھالىسى بار، كەنتتىكىلەر كۆممىقوناق تېرىقچىلىقىنى ئاساس قىلىدۇ، كىشى بېشىغا 6 مو يەر توغرا كېلىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇشنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، كەنتتىكى كۆپ قىسىم ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرى سىرتقا چىقىپ ئىشلەپ پۇل تاپماقچى بولغان، ساۋەن ناھىيەلىك سودا ۋە سانائەت-ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىدارىسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئۆز ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پائال تۈردە كارخانىلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، پىكىرلىشىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئويى بار كەنت ئاھالىلىرىگە كارخانىلارنىڭ ئادەم ئىشلىتىش ئۇچۇرىنى تەمىنلەپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن، مۇۋاپىق ئىش ئورنىنى تەۋسىيە قىلغان، ھەمدە «خىزمەتچى قوبۇل قىلىش يىغىنى»نى ئىشىك ئالدىدىلا ئېچىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يولىغا قەدەم قويۇشىغا ياردەم بەرگەن.

كەنت ئاھالىسى مەخپەر مۇختەر كەنتتىكى خىزمەتچى قوبۇل قىلىش يىغىنىغا قاتناشقاندىن كېيىن، كارخانىنىڭ تەربىيەلەش كۇرسىغا ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىپ، بىر توقۇمىچىلىق ئىشچىسىغا ئايلانغان. مەخپەرگە ئوخشاش، كەنت ئاھالىسى لى يۈپىڭ ۋە ئۇنىڭ يولدىشى بىر يىل ئىلگىرى دېھقاندىن سانائەت ئىشچىسىغا ئايلانغان، ھازىرقى خىزمىتىنى تىلغا ئېلىپ، ئۇ خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: «يولدىشىم ئىككىمىز ئوخشاش بولمىغان كارخانىدا ئىشلەيمىز، بىر ئايدا ئىككىمىزنىڭ كىرىمىنى قوشساق 9000 يۈەندىن ئاشىدۇ، كۈنلىرىمىز ئىنتايىن بەختلىك.»

ئىگىلىنىشچە، ھازىرغا قەدەر، شىگوبى بازىرى جياساۋزى كەنتىدە 80 دىن ئارتۇق كەنت ئاھالىسى سانائەت ئىشچىسىغا ئايلانغان، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ساۋەن ناھىيەسىدىكى كارخانىدا ئىشلەيدىكەن، يەنە بەزىلىرى كۇيتۈن، مايتاغ قاتارلىق ئەتراپتىكى ناھىيە-شەھەرلەردىكى كارخانىلاردا ئىشلەيدىكەن، ئۇلار ئۆز ئىش ئورنىدا ئەمگەكچان بىر جۈپ قولىغا تايىنىپ بەختلىك تۇرمۇش ياراتماقتا. (تارباغاتاي ۋىلايەتلىك «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش ئىشخانىسىدىن جاڭ يىنخۈەن تەمىنلىگەن)