كۇچا ناھىيەسى: كالا، قويلارنىڭ يېڭى «تۇرالغۇسى» بار بولدى

日期:2019年03月30日
来源:天山网
【字体:

«بۇ چىرايلىق كالا قوتىنى ياسىلىپ بولسا، ئائىلىمىزدىكى كالىلار بۇ يىل چوقۇم ساغلام موزايلارنى موزايلايدۇ.» پات ئارىدا پۈتىدىغان كالا قوتىنىغا قاراپ، كۇچا ناھىيەسى ئۈچئۆستەڭ يېزىسى خامپاباغ كەنتىنىڭ ئاھالىسى ئەزىز راخمان خۇشاللىقتىن ئاغزىنى يۇمالماي قالغان ئىدى.

كۇچا ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى خامپاباغ كەنتىدە تۇرغاندىن بۇيان، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، مەبلەغنى مۇۋاپىق ئىشلىتىپ بىر قىسىم نامرات ئائىلىلەرگە نامراتلارنى يۆلەش بويىچە كالا، قوي باقمىچىلىق تۈرىنى ئىلتىماس قىلىپ بەردى. ئەمما كۆپ قىسىم نامرات ئائىلىلەرنىڭ قوتانلىرى كونىراپ كەتكەن، كۆلىمى كىچىك بولۇپ، قىش پەسلىدە سوغۇقتىن دالدىلانغىلى بولمايتتى. قوتان شارائىتى ناچار بولغاچقا، كالا، قويلارنىڭ كېسەل بولۇش نىسبىتى يۇقىرى بولۇپ، ھامىلە چۈشۈپ كېتىش ئەھۋاللىرى كۆپىيىپ، ئاممىغا زىيان ئېلىپ كەلگەن. ئائىلىلەرنى زىيارەت قىلىش جەريانىدا بۇ ئەھۋالنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، خىزمەت ئەترىتى كەنت «ئىككى كومىتېت»ى بىلەن بىرلىشىپ مەسلىھەتلىشىپ، ئارخىپى تۇرغۇزۇپ كارتا بېجىرىلگەن 16 نامرات ئائىلە ئۈچۈن نامراتلارنى يۆلەش قوتان تۈرىنى قولغا كەلتۈردى، بۇ تۈر مەبلىغى جەمئىي 160 مىڭ يۈەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ باقمىچىلىق سۈپىتىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، قوي، كالىلارنىڭ كېسەل بولۇش نىسبىتىنى ئازايتىپ، بورداشنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە ياردەم بەردى، مۆلچەرلىنىشىچە، 4-ئاينىڭ باشلىرىدا نامرات ئائىلىلەر باققان نامراتلارنى يۆلەش كالىسىنىڭ ھەممىسى «يېڭى ئۆي»گە كۆچۈپ كىرىدىكەن.

كەنت 1-شۇجىسى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى ما يوڭپىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «قوتان تۈرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش نامرات ئائىلىلەر ئىنكاس قىلغان كالا، قويلارنى <ياخشى باقالماسلىق، بېقىش تەس بولۇش>تەك گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈندۇر، خىزمەت ئەترىتى تۈرنىڭ يولغا قويۇلۇشىنى قاتتىق نازارەت قىلىپ، نامراتلارنى يۆلەش تۈرى ئارقىلىق ھەقىقىي تۈردە قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا كۆرگىلى بولىدىغان مەنپەئەت يەتكۈزىدۇ.» (ئاقسۇ ۋىلايەتلىك «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش ئىشخانىسىدىن جوۋ لېي تەمىنلىگەن)