پىچان ناھىيىسى: ھويلا-ئاراندىكى كىچىك لاپاس كەنت ئاھالىلىرىنىڭ «ھەميان»ىنى توپمايتتى

日期:2019年03月30日
来源:天山网
【字体:

«قاراڭ، مېنىڭ كىچىك لاپىسىمدىكى يوۋبەسەي ۋە يازلىق بەسەيلەر نېمىدىگەن ياخشى ئۆسكەن، بۇ ئورگانىك مەھسۇلات، خىمىيەلىك ئوغۇت قوشۇلمىغان، مەن ئۇلارغا بىر ئاز مەھەللىۋى ئوغۇت بەردىم، ئىككى كۈندىن كېيىنلا ئىستىمال قىلىشقا بولىدۇ، ۋاقتى كەلگەندە مەن سىلەرنىڭ خىزمەت ئەترىتىڭلارنىڭ ئاشخانىسىغىمۇ ئازراق ئاپىرىپ بېرىمەن.» دېدى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى، پىچان ناھىيىسى تۇيۇق يېزىسى ئىتتىپاق كەنتى 1-گۇرۇپپىسىدىكى دېھقان كامىلخان ئەزىر خۇشالھالدا خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزاسى ئازادگۈل تۇردىغا.

تۇرپان شەھەرلىك سىياسىي كېڭەش ئورگىنىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى كەنتتە تۇرغاندىن بۇيان، ئۆيمۇ-ئۆي كىرىپ، ئىتتىپاق كەنتىدىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئەزەلدىن كۆكتات تېرىمايدىغانلىقىنى، ئادەتتە ھەممىسىنىڭ كۆكتات سېتىۋېلىپ يەيدىغانلىقىنى،ھەر بىر كەنت ئاھالىسىنىڭ بىر يىلدا كۆكتات سېتىۋېلىشقا ئاز دىگەندىمۇ ئوتتۇرا ھېساپ بىلەن2000 يۈەن ئەتراپىدا چىقىم قىلىدىغانلىقىنى، بۇ كۆپ ساندىكىكەنت ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇشتا كۆكتاتنى بىر قەدەر ئاز يىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى بايقىغان.

كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كۆكتات سېتىۋىلىش چىقىمىنى ئازايتىش، ھەمدە كەنت ئاھالىلىرىنىڭ يېمەكلىك ئادىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن، خىزمەت ئەترىتى كەنت ئاھالىلىرىنىھويلا - ئاران ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇشقا پائال يېتەكلەپ، كۆپچىلىكنى ئالدى بىلەن ئاسان ئەي بولىدىغان يوۋبەسەي، يازلىق بەسەي قاتارلىقلارنى تېرىشتىن باشلاپ، ئاندىن ئاستا - ئاستا باشقا كۆكتاتلارنى تېرىپسىناپ بېقىشقا رىغبەتلەندۈرگەن.

كامىلخاننىڭ يولدىشى ئۆمەر ئەخەت خۇشالھالدا مۇنداق دېدى: «خىزمەت ئەترىتى ئالدىنقى بىر مەزگىلدە ئۆيۈمگە كېلىپ ئائىلە زىيارىتى قىلغاندا، ماڭا ھويلىدىكى بىر پارچە بوش يەرگەكىچىك لاپاس قۇرۇپ، كۆكتات تېرىشنى تەۋسىيە قىلغان، مانا،تېرىغان يوۋبەسەي ۋە يازلىق بەسەيلەرنىئىككى كۈندىن كېيىنلا ئىستىمال قىلىشقا بولىدۇ، كېيىنچە مەن شوخلا، لازا ۋە چەيزە تېرىيمەن.»

«ھويلا-ئاران تېرىقچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئىلھام بېرىشۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىكقىلىش ئارقىلىق، بىر تەرەپتىن كەنت ئاھالىلىرىنى يېڭى كۆكتاتتىن بەھىرلەندۈرگىلى بولىدۇ،يەنە بىر تەرەپتىن كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇش چىقىمىنى ئازايتقىلى بولىدۇ، مۇنداقچە ئېيتقاندا، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۆزيانچۇقىدىن پۇل چىقارمىغىنى پۇل تاپقىنىغا باراۋەر. » دېدى خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزاسى ئازادگۈل. ( تۇرپان شەھەرلىك سىياسىي كېڭەش ئورگىنىنىڭ پىچان ناھىيىسى تۇيۇق يېزسى ئىتتىپاق كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىن شېن جېي تەمىنلىگەن)