3- ئاينىڭ 20- كۈنى، خۈيمىن مەھەللىسىدىكى ھەر مىللەت ئامما بىللە پولۇ يەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مېھرىنى ئورتاق ئىزھار قىلدى. شۇ كۈنى، كۇچا ناھىيەسىنىڭ ساقساق كوچا باشقارمىسى خۈيمىن مەھەللىسىدە «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى، ھەر مىللەت ئامما بىر قازاننىڭ تامىقىنى بىللە يەپ، بىللە ئۇسسۇل ئويناپ، گۈزەل چاغلارنى بىرلىكتە ئۆتكۈزدى.(نىياز راخمانفوتوسى)