پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، ئەمەلدە كۆرسىتىپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك

日期:2022年12月25日
来源:昆仑网(维吾尔语)
【字体:

ما شىڭرۇي ئۆزى تۇرۇشلۇق پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ مەخسۇس تېمىلىق ئۆگىنىش يىغىنىغا قاتناشتى

پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، ئەمەلدە كۆرسىتىپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرىۋاڭ شىڭرۇي، جاڭ يەنفاڭخەۋەر قىلىدۇ: 12 ـ ئاينىڭ 23 ـ كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي ئاددىي پارتىيە ئەزاسىلىق سالاھىيىتى بىلەن، ئۆزى تۇرۇشلۇق ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى ئۇنىۋېرسال 1 ـ باشقارمىسى كاتىبات 1 ـ باشقارمىسى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ «پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، جاسارەت بىلەن گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش» مەخسۇس تېمىسىدىكى ئۆگىنىش يىغىنىغا قاتنىشىپ، ياچېيكىدىكى پارتىيە ئەزالىرى بىلەن بىرلىكتە پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىپ، پىكىر يۈرگۈزۈپ، ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى يەنىمۇ چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، خىزمەتلەرگە بىرلەشتۈرۈپ ئۆگىنىش تەسىراتلىرىنى ئالماشتۇرۇپ، ئىدىيە ئۇلۇغ كۈچىنى ھېس قىلىپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش كۈچىنى مۇجەسسەملىدى.

يىغىندا، پارتىيە ياچېيكىسىدىكى مەسئۇل يولداش ياچېيكا قۇرۇلۇشى ۋە خىزمەتلەرنىڭ قانات يايدۇرۇلۇش ئەھۋالىنى دوكلات قىلدى. ياچېيكا ئەزالىرى ئۆگىنىش باش تېمىسىنى چۆرىدەپ، ئۆگىنىش، پىكىر يۈرگۈزۈش ۋە خىزمەت ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ سۆز قىلىپ، پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك، دەل جايىدا ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چۈشىنىپ ئۆگىنىش، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈش، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، مەۋقەنى ئۆز خىزمىتىگە قويۇپ گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش قاتارلىقلار توغرىسىدا ئىدىيەۋى تونۇشىنى چوڭقۇر ئالماشتۇردى، ئۆگىنىش تەسىراتلىرى، چۈشەنچىلىرىدىن تەڭ بەھرىمەن بولدى، كۈرەش قىلىش ئىشەنچى، ئىرادىسىنى ئىپادىلىدى. ما شىڭرۇي ئارىلاپ ـ ئارىلاپ كۆپچىلىك بىلەن ھەمتۈرتكە بولۇپ پىكىر ئالماشتۇرۇپ، كۆپچىلىكنىڭ ئۆگىنىش، پىكىر يۈرگۈزۈش ۋە قوللىنىشنى تۇتاشتۇرۇش، بىلىش، ئىشىنىش ۋە قىلىشنى بىرلىككە كەلتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈش، ئەتراپلىق ئىگىلەشتە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى، كۆپچىلىكنىڭ سىياسىي ئېتىقادىنى چىڭىتىپ، سىياسىي مەيداندا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭ تۇپرىقىدا يىلتىز تارتىپ، چىن قەلب، چىن ھېسسىيات بىلەن ئىش قىلىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلىشىنى ئۈمىد قىلدى.

ما شىڭرۇي مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىدا جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئالغا سىلجىتىشتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈلۈپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتى، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىلدى، ھەرىكەت كۆرسەتمىسى بېكىتىلدى. بىز «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىدىيەمىزنى پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، كۈچىمىزنى پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن تۈرلۈك ۋەزىپىلەرگە مۇجەسسەملەپ، باش شۇجى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى كۆرسىتىپ بەرگەن توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ قەتئىي تەۋرەنمەي باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلىشىمىز كېرەك.

ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى، كەڭ پارتىيەلىك كادىرلار شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىپ، ئىگىلەپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئىككى ئومۇمىي ۋەزىيەت»نى قەلبكە پۈكۈپ، «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»غا رىشتە باغلاپ، يېڭى مۇساپىدە ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، جاسارەت بىلەن گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشى كېرەك. مۇتلەق سادىق بولۇشتەك سىياسىي پەزىلەتنى مۇستەھكەملەپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئېتىقاد ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، مەنىۋى كالتسىينى يېتەرلىك تولۇقلاپ، ئىدىيە رولىنى چىڭ تۇتۇپ، تېخىمۇ قەتئىي، ئاڭلىق ھالدا ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاش كېرەك. پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسى بىلەن قوراللىنىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، قەتئىي بوشاشماي شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق ھەربىر ياچېيكا، ھەربىر پارتىيە ئەزاسىنى قوراللاندۇرۇپ، چۈشىنىپ ئۆگىنىش، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈش، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ھەقىقىي چۈشىنىش، ھەقىقىي ئىشىنىش، ھەقىقىي قوللىنىشقا سىجىل كۈچ سەرپ قىلىپ، ئۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان مەيدان، قاراش، ئۇسۇل، داۋلى، ئىلمىي قائىدە، پەلسەپەۋى قائىدىلەرنى تىرىشىپ ئىگىلەپ، تېخىمۇ ياخشى ھالدا كاللىنى قوراللاندۇرۇش، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، سىستېمىلىق تەتقىق قىلىپ، پىلانلاپ، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ھەقىقىي تۈردە باش شۇجى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەت ۋە نەتىجىلەردە نامايان قىلىش كېرەك. تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، دادىل نەتىجە يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، كۈچلۈك مەسئۇلىيەتچانلىق ۋە يۈكسەك بۇرچ تۇيغۇسىنى ساقلاپ، مەسىلىلەرگە دادىل يۈزلىنىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، ئىش قىلىشنى ئويلايدىغان، ئىش قىلالايدىغان، ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرالايدىغان بولۇپ، ۋەزىپە ـ مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىشتا زۆرۈر بولغان بىلىم سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خىزمەت ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈپ، پارتىيەگە يۈز كېلەلەيدىغان، خەلققە يۈز كېلەلەيدىغان، دەۋرگە يۈز كېلەلەيدىغان يېڭى نەتىجىلەرنى يارىتىش كېرەك. ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتە ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، رەھبىرىي كادىرلار قوش تەشكىلىي تۇرمۇش، «ئۈچ يىغىن، بىر دەرس»، باش تېمىلىق پارتىيە كۈنىگە قاتنىشىش قاتارلىق تۈزۈملەرنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ تەشكىلىي تۇرمۇشىنى دائىملاشتۇرۇش، قېلىپلاشتۇرۇش، تۈزۈملەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش؛ ھۆرمەت قىلىشنى بىلىپ، ھەزەر ئەيلەپ، تۆۋەن چەكنى ساقلاپ، راستچىل ـ ئەمەلىيەتچىل خىزمەت ئىستىلىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، جەمئىيەت ئەھۋالى، خەلق رايىنى تولۇق ئىگىلەپ، راست گەپ قىلىپ، ئەمەلىي ئىش قىلىپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى قوغلىشىپ، شەكىلۋازلىق ۋە بىيۇروكراتلىقتىن كۈچەپ ساقلىنىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى ئالدىنقىسى بىلەن كېيىنكىسىنى باغلايدىغان، ھەرقايسى تەرەپلەرنى ماسلاشتۇرىدىغان مەركىزىي تۈگۈن ئورنىدا تۇرىدۇ، مەسئۇلىيىتى ئىنتايىن مۇھىم، زور. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى باشتىن ـ ئاخىر ئەستە چىڭ ساقلاپ، «پارتىيە كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى پارتىيەنىڭ بولۇش»تا چىڭ تۇرۇپ، ئۇيۇشۇش كۈچى، جەڭگىۋارلىقىنى كۈچەپ كۈچەيتىپ، «ئالدىدا مېڭىش، ئۈلگە بولۇش» تەلىپى بويىچە، مەركىزىي خىزمەتنى چۆرىدەپ، ئومۇمىي ۋەزىيەتكە مۇلازىمەت قىلىپ، «ئۈچكە مۇلازىمەت قىلىش» خىزمىتىنى يۇقىرى سۈپەتتە ياخشى ئىشلەپ، «قەيسەر ئالدىنقى قاراۋۇل» ۋە «مۇستەھكەم ئارقا ھويلا» بولۇپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان بولغان ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك يۈرۈشۈشىگە، تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرمىلارنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ئەقىل ـ پاراسىتى ۋە كۈچىنى قوشۇشى كېرەك.