ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى قوغدايمەن

日期:2019年02月01日
来源:天山网
【字体:

ئاقسۇ ۋىلايەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى ئالاھىدە ساقچى تارماق ئەترىتىدىن سۇلايمان ئەرشىدىن

2015-يىلى 7-ئايدا مەن نەنجىڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسىنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، گۈزەل يۇرت-ماكان قۇرۇش ئارزۇسىنى قەلبىمگە پۈكۈپ، ئۆزۈم تۇغۇلۇپ ئۆسكەن جايغا قايتىپ كەلدىم، شۇ يىلى 11-ئايدا شەرەپ بىلەن خەلق ساقچىسى بولدۇم. مەن باشتىن-ئاخىر پارتىيەنىڭ مېھىر- شەپقىتىنى ئۇنتۇمايمەن، پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتى بولمىسا، بىزنىڭ بۈگۈنكى گۈزەل تۇرمۇشىمىز بولمايتتى. مەن باشتىن-ئاخىر شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمەنكى، جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلساقلا، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلساقلا، ئاندىن بەختلىك تۇرمۇش يارىتالايمىز، ئاندىن يۇرت-ماكانىمىزنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقالايمىز.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭدا يۈزبەرگەن زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتى، مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ئېغىر خەۋپ يەتكۈزدى، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىغا ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلدى، بۇ، «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ ۋەتەننى پارچىلاشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇنۇشتەك جىنايى مەقسىتى ۋە غالجىرلاشقان ئەپت- بەشىرىسىنى تولۇق ئاشكارىلىدى. زوراۋان- تېررورچىلارنىڭ قىلمىشى ئىنتايىن زەھەرخەندە، ۋاسىتىسى ئىنتايىن قەبىھ، تەسىرى ئىنتايىن يامان بولدى، بۇنى ئادىمىيلىكنى يوقاتقان، كىشىنىڭ قاتتىق غەزىپىنى قوزغايدۇ، دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ، بۇ ئۇلارنىڭ ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزگە ئىلمايدىغان رەزىل ماھىيىتىنى تولۇق ئاشكارىلىدى. زوراۋان-تېررورچىلارنىڭ قەبىھ قىلمىشى قانۇننىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى دەپسەندە قىلغانلىق، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىگە خىرىس قىلغانلىق.

بىر ئالاھىدە ساقچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن مەسئۇلىيىتىمنىڭ مۇھىم، زور، بۇرچۇمنىڭ شەرەپلىك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ يەتتىم. مەن جامائەت خەۋپسىزلىكى ئالاھىدە ساقچىلىرىنىڭ «سىياسىيغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش، ئىنتىزامغا ئالاھىدە رىئايە قىلىش، جاپاغا ئالاھىدە چىداش، پىداكارلىققا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش، جەڭ قىلىشقا ئالاھىدە ماھىر بولۇش» روھىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا مەسئۇلىيەتنى زىممەمگە ئېلىپ، ئۆز خىزمىتىمنى ياخشى ئىشلەيمەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، باشلامچىلىق بىلەن پارتىيەنىڭ مىللەت، دىن سىياسىتىنى، دۆلەتنىڭ قانۇن-نىزاملىرىنى تەشۋىق قىلىپ، پارتىيەنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن بۇيانقى شەھەر، يېزىلاردىكى غايەت زور ئۆزگىرىشلەر، پارتىيەنىڭ تۈرلۈك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرى قاتارلىقلارنى تەشۋىق قىلىپ، ئاممىنىڭ پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش ئېتىقادىنى يەنىمۇ كۈچەيتىمەن. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قوغداش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، باتۇرلۇق بىلەن ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، باشلامچىلىق بىلەن دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى پاش قىلىپ، تەنقىدلەپ، ھەر مىللەت ئاممىغا «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ يامان غەرىزى ۋە رەزىل ئەپت-بەشىرىسىنى تولۇق تونۇتۇپ، «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى، جەمئىيەتكە قارشى، مەدەنىيلىككە قارشى ماھىيىتىنى پاش قىلىپ، «غازات يولىدا شېھىت بولغانلار جەننەتكە كىرىدۇ» دېگەندەك بىمەنە سەپسەتىلەرنى قەتئىي ئېچىپ تاشلاپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ زەھىرىنى قەتئىي تۈگىتىمەن.

مەن باشتىن-ئاخىر پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلايمەن، سىياسىيدا زېرەك ئادەم بولۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلايمەن، پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىمەن. تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشتىن ئىبارەت بۇ مۇھىم، زور پىرىنسىپال مەسىلىدە، مەن باشتىن-ئاخىر بايرىقىمنى روشەن، مەيدانىمنى مۇستەھكەم، ئىچىم بىلەن تېشىمنى بىردەك قىلىپ، ھەقىقىي تۈردە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى زىممەمگە ئېلىپ، ئاڭلىق ھالدا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ بىرىنچى سېپىدە تۇرۇپ، قەتئىي تۈردە «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى كۈرەش قىلىمەن. مەن باشتىن-ئاخىر باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «پارتىيەگە سادىق بولۇش، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، قانۇننى ئادىل ئىجرا قىلىش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش» ئومۇمىي تەلىپىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە جامائەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسىدىكى بىرىنچى دەرىجىلىك قەھرىمان نەمۇنىچى، ئاپتونوم رايون بويىچە مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزاسى يولداش مەمەتجان توخنىيازدىن ئۆگىنىپ، قەھرىمانغا توغرىلىنىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى قوغداش ئۈچۈن كۈچ قوشىمەن.