ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ پولات سېپىلىنى مۇستەھكەملەيمەن

日期:2019年02月01日
来源:天山网
【字体:

 دۆربىلجىن ناھىيەلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى تەلىم جاغىپار

شىنجاڭ ئۇلۇغ ۋەتىنىمىز زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئوغۇل-قىزلار ئەۋلادمۇئەۋلاد ئىتتىپاقلىق كۈچى، ئەمگەكچان ئىككى قولىغا تايىنىپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، تامچە-تامچە تەرى بىلەن بۇ گۈزەل بىياپان زېمىننى سۇغىرىپ كەلدى. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىدا، شىنجاڭنىڭ قىياپىتىدە غايەت زور ئۆزگىرىشلەر يۈزبەردى، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەپ، ئىجتىمائىي ئىشلار ئومۇميۈزلۈك ئالغا بېسىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى كۈنسېرى مۇستەھكەملىنىپ، ھەر مىللەت ئامما پارتىيەنى سۆيۈپ، ۋەتەننى سۆيۈپ، خاتىرجەم ياشاپ، خۇشال-خۇرام ئىشلىمەكتە.

بىراق، «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنىڭ شىنجاڭنىڭ تىنچ، ئىتتىپاق چوڭ ياخشى ۋەزىيىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش، ۋەتەننى پارچىلاشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇنۇشتەك جىنايى ھەرىكىتى باشتىن-ئاخىر توختاپ قالمىدى. كەسكىن، مۇرەككەپ بولغان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشى ۋەزىيىتى ئالدىدا، ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما تەشەببۇسكارلىق بىلەن دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى جەڭ ئېلان قىلىدىغان، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملىدى، پارتىيە كۆپ يىل تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن بىر پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن زىممەمدىكى مەسئۇلىيەتنىڭ مۇھىم، زور ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم. بۇنىڭغا قارىتا، مەن شۇنداق تەنتەنىلىك ۋەدە بېرىمەنكى:

بايرىقىم روشەن ھالدا سىياسىي مەيداندا چىڭ تۇرۇپ، قەتئىي، كەسكىن ھالدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرىمەن، ئەمەلىيلەشتۈرىمەن. «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى كەسكىن كۈرەش جەريانىدا، جاھاننىڭ رەپتارىغا كىرىۋېلىش، كارى بولماستىن قول قوۋۇشتۇرۇپ تۇرۇش، مۇناسىۋەتسىز ئادەم بولۇش كېرەكمۇ؟ ياكى باتۇرلۇق بىلەن ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، دادىللىق بىلەن كۈرەش قىلىدىغان ئاۋانگارتلاردىن بولۇش كېرەكمۇ؟ بۇ، شىنجاڭدىكى ھەربىر كادىر جەزمەن ھەرىكىتى ئارقىلىق جاۋاب بېرىشكە تېگىشلىك مەسىلە. مەن «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇپ، سىياسىيدا زېرەك ئادەم بولۇپ، چوڭ ھەق-چوڭ ناھەق مەسىلىلىرىدە تونۇشتا مۈجمەل بولمايمەن، پوزىتسىيەدە تۇتۇق بولمايمەن، ھەرىكەتتە تەۋرەنمەيمەن، قەتئىي، كەسكىن ھالدا باش نىشاننى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشىدە ئاۋانگارتلاردىن، ئۈلگىلەردىن بولىمەن، «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى قەتئىي جان تىكىپ كۈرەش قىلىمەن.

بايرىقىم روشەن ھالدا بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇپ، «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى ئۈزۈل- كېسىل يوقىتىمەن. مەن كۈرەش قىلىش ئېڭىمنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، باشتىن-ئاخىر تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىنى ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان سىياسىي ۋەزىپە، تەيشەن تېغىدىنمۇ ئېغىر سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىپ، كۈرەش قىلىش كىرىچىنى چىڭىتىپ، ئاگاھ سىگنالىنى ئۇزاققىچە ياڭرىتىش، دائىم ھوشيار تۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تەۋرەنمەي، بوشاڭلىق قىلماي، ئىككىلەنمەي، شەكىلۋازلىق قىلماي، باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممەمگە ئالىمەن. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئورۇنلاشتۇرمىسىنى كەم-كوتسىز ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرىمەن، پۈتۈن زېھنىم، كۈچۈم بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، مەسئۇلىيەت ئالدىدا جاۋابكار بولۇش، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ پولات ئىستىھكامىنى مۇستەھكەملەيمەن، «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى يوقىتىشتىن ئىبارەت بۇ مەيدان خەلق ئۇرۇشىدا غەلىبە قىلىپ، ئۇلارنى خەلق ئۇرۇشىنىڭ بىپايان دېڭىزىغا غەرق قىلىمەن.

بايرىقىم روشەن ھالدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغداشنىڭ قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملەيمەن. شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىنى مۇستەھكەملەش ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەم بولغان مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىن ئايرىلالمايدۇ. دۈشمەنلەر بىزنىڭ ئىتتىپاقلىشىشىمىزدىن قورقىدۇ، بۇ، ئىتتىپاقلىقنىڭ ئەڭ قۇدرەتلىك كۈچ ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ؛ دۈشمەنلەر قانچىكى ئىتتىپاقلىققا بۇزغۇنچىلىق قىلماقچى بولسا، بىز شۇنچە قولنى قولغا تۇتۇشۇپ، مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى ئاداققىچە داۋاملاشتۇرۇشىمىز كېرەك. مەن باشلامچىلىق بىلەن «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، تىرىشىپ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ سادىق قوغدىغۇچىلىرىدىن، نەمۇنىلىك ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچىلىرىدىن بولىمەن، ھەر مىللەت ئاممىنى پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشكە، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاشقا، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا يېتەكلەپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ پولات سېپىلىنى مۇستەھكەملەيمەن.