مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغدايمەن

ئاقسۇ گېزىتى ئىدارىسى تەرجىمە ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى گۈلباھار مەمەت

日期:2019年01月12日
来源:新疆日报
【字体:

پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا غايەت زور ئۆزگىرىشلەر بولدى. شىنجاڭنىڭ ھەربىر تەرەققىيات قەدىمىنى ئەسلىسەك، ھەممىسى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىدىن، پۈتۈن مەملىكەتتىكى قېرىنداش ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ خالىس ياردىمىدىن ئايرىلالمايدۇ. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بولمىسا، شىنجاڭنىڭ گۈللىنىشى ۋە تەرەققىياتى بولمايتتى، ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىمۇ بولمايتتى. شۇڭا بىز باشتىن- ئاخىر مىننەتدارلىق ھېسسىياتىنى قەلبىمىزگە پۈكۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك.

شىنجاڭ ئەزەلدىن ھەر مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايون، ھەر مىللەت تارىختا ئوخشاش بولمىغان دىنلارغا ئېتىقاد قىلغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ خىل ئېتىقادلارمۇ ئۈزلۈكسىز ئۆزگەرمەكتە. «ئۈچ خىل كۈچ» تارىخىي پاكىتنى نەزەرگە ئالماي، شىنجاڭنىڭ تارىخىنى بۇرمىلاپ، ئۆزگەرتىۋېتىپ، شىنجاڭنىڭ ئەزەلدىن كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، كۆپ خىل دىن تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان رايون ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلدى، ئۇلارنىڭ مەقسىتى دىندىن پايدىلىنىپ بۆلگۈنچىلىك، بۇزغۇنچىلىق ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىش. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، «ئۈچ خىل كۈچ» مىللەتنى دەستەك قىلىپ، دىن تونىغا ئورىنىۋېلىپ، سەپسەتىلەرنى توقۇپ ئاممىنى قايمۇقتۇرۇپ، دىنىي تەلۋىلىكنى تەرغىب قىلىپ، مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇترىتىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنى سادىر قىلىپ، ۋەتەننى پارچىلاشتەك جىنايى مەقسىتىگە يېتىشكە تەلۋىلەرچە ئۇرۇندى. ئۇلار بىگۇناھلارنى خالىغانچە ئۆلتۈرۈپ، ئادىمىيلىكىنى يوقىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتى، مال- مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ئېغىر تەھدىت سالماقتا. بۇ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقىنى ئېغىر دەپسەندە قىلغانلىق، قانۇنچىللىقنىڭ ئىززەت- ئابرۇيىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزگەنلىك، مەدەنىيلىكنىڭ تۆۋەن چېكىگە ئېغىر خىرىس قىلغانلىق بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى، جەمئىيەتكە قارشى، مەدەنىيلىككە قارشى تۇرۇشتەك ھەقىقىي قىياپىتىنى تولۇق ئاشكارىلىدى. بىز جەزمەن زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، بايرىقىمىز روشەن ھالدا بارلىق زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايى ھەرىكەتلىرىگە قارشى تۇرۇشىمىز، ۋەتەننى پارچىلايدىغان بارلىق سۆز- ھەرىكەتلەرگە قارشى تۇرۇشىمىز كېرەك. «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر بىزنىڭ ئورتاق دۈشمىنىمىز، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش بىزنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتىمىز، بىز «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنىڭ گۈللەنگەن، مۇقىم بولغان چوڭ ياخشى ۋەزىيەتكە بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا قەتئىي يول قويمايمىز، ئۇلارنىڭ بىزنىڭ قان بىلەن گۆشتەك دوستلۇقىمىزغا خالىغانچە زىيان يەتكۈزۈشىگە قەتئىي يول قويمايمىز.

مەن پارتىيە ئەزاسى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، پارتىيەنىڭ تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈشىدە بىر پارتىيەلىك كادىر بولۇپ ئۆسۈپ يېتىلدىم. مەن شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، قەتئىي ھالدا ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، قەتئىي، كەسكىن ھالدا ئىدىيەدە يادرونى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىپ، سىياسىيدا يادرونى قوغداپ، تەشكىلىي جەھەتتىن يادروغا بويسۇنۇپ، ھەرىكەتتە يادروغا يېقىندىن ئەگىشىمەن. پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقىنى ئۆز خىزمىتىمنى ياخشى ئىشلەشتىكى بوشاشماس ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، باشتىن- ئاخىر باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى خىزمەت مەسئۇلىيىتىم ۋە بۇرچۇم دەپ بىلىپ، ھەسسىلەپ تىرىشىپ تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەيمەن.

پارتىيە گېزىتىنىڭ بىر تەرجىمە خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىدېئولوگىيە خىزمىتىنىڭ رەھبەرلىك ھوقۇقى ۋە سۆز ھوقۇقىنى پۇختا ئىگىلەش توغرىسىدىكى تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش تەلىپى بويىچە، ھەر ۋاقىت كاللامنى سەگەك تۇتۇپ، قەتئىي ھالدا پارتىيەنىڭ ئاخبارات تەشۋىقات ئاممىۋى پىكىر بازىسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغدايمەن.

مەن شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمەنكى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى ۋە كۈچلۈك رەھبەرلىكى بولىدىكەن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ يېتەكچىلىكىدە، بىز چوقۇم «ئۈچ خىل كۈچ»كە ئەجەللىك زەربە بېرىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرالايمىز.