«ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى كۈرەش قىلىپ، بەختلىك تۇرمۇشىمىزنى قوغدايمەن

مايتاغ نېفىت- خىمىيە شىركىتى مۇھىت كۆزىتىش مەركىزىنىڭ ياردەمچى ئىنژېنېرى دىلبەر

日期:2019年01月12日
来源:新疆日报
【字体:

ئىسلاھات، ئېچىۋېتىلگەن 40 يىلدىن بۇيان، قاراماينىڭ قىياپىتىدە غايەت زور ئۆزگىرىشلەر بولدى. پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتى ھەر مىللەت ئاممىغا بەختلىك تۇرمۇش ئېلىپ كەلدى. بىزنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەمىز كۆرۈنەرلىك ئۆستى. پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى، تەربىيەسى، يېتىشتۈرۈشىدە، مەن تەدرىجىي بىر كەسپىي تېخنىك خادىم بولۇپ ئۆسۈپ يېتىلدىم.

2016- يىلى، مەن شەرەپ بىلەن مايتاغ نېفىت- خىمىيە شىركىتى بويىچە «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ئۈلگىلىك قوشماق تۇغقانلاشقۇچى» دېگەن نامغا ئېرىشتىم، بۇنىڭدىن چەكسىز ئىپتىخارلىق ھېس قىلدىم. بۈگۈنكى كۈندە، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىدە، ئىدارىمىزدە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدا ھەممە كىشىنىڭ مەسئۇلىيىتى بولۇش، ھەممە كىشى ئورتاق بەرپا قىلىش، ھەممە كىشى قەدىرلەش، ھەممە كىشى ئورتاق بەھرىلىنىشتەك ياخشى ۋەزىيەت شەكىللەندى.

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەرمىللەت خەلقنىڭ جان تومۇرى، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى، ئالغا بېسىشىنىڭ ئۇل تېشى، شۇنداقلا پۈتۈن جۇڭگو خەلقىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى. مەن شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمەنكى، بىز پەقەت ئۇلۇغ ۋەتەننى، جۇڭخۇا مىللىتىنى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى خىزمەت، ئۆگىنىش، تۇرمۇشنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگىچە سىڭدۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىمىزنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ھاياتىمىزنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەپ، ھەر مىللەت قېرىنداشلار ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشساقلا، بىزنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىمىز چوقۇم ئۇزاققىچە پورەكلەپ ئېچىلالايدۇ.

ھەربىر شىنجاڭلىق چوقۇم شۇنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ يېتىشى كېرەككى، بەختلىك تۇرمۇشنى پارتىيە بەرگەن، بىز چوقۇم ئۇنى مەھكەم ياخشى قوغدىشىمىز كېرەك، «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى كۈرەش قىلىش بىزنىڭ بەختلىك، خاتىرجەم تۇرمۇشىمىزنى قوغدىغانلىق، گۈزەل يۇرت- ماكانىمىزنى قوغدىغانلىق.

مەن باتۇرلۇق بىلەن «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرىمەن، باشلامچىلىق بىلەن دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ سىڭدۈرمىچىلىكىگە تاقابىل تۇرىمەن، ئاكتىپلىق بىلەن ئاساسىي مېلودىيەنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئاكتىپ كۈچ تارقىتىمەن، ئەتراپىمدىكىلەرنى «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ ماھىيىتىنى ۋە خەۋپىنى ئېنىق تونۇشقا ياخشى يېتەكلەيمەن، توغرا سىياسىي مەيداندا چىڭ تۇرۇپ، بايرىقىم روشەن ھالدا «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى تۇرۇپ، ئىناق- مۇقىم ۋەزىيەتنى قوغدايمەن.

مېنىڭ بۈگۈنكى بارلىقىم پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقىدىن ئايرىلالمايدۇ. دۆلەت كارخانىسىنىڭ كادىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ ئەۋج ئالدۇرغۇچىسى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئىلگىرى سۈرگۈچىسى بولۇپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى مەسئۇلىيىتىنى زىممەمگە ئېلىشتىن باش تارتماي، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشىمەن.