پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، ۋەتەنگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، قول تۇتۇشۇپ تېخىمۇ گۈزەل ئەتىنى ئورتاق بەرپا قىلايلى

قاراقاش ناھىيەسى لوقمان دوختۇرخانىسىنىڭ مۇئاۋىن دوختۇرخانا باشلىقى باراتنىياز خۇدابەردى

日期:2019年01月12日
来源:昆仑网(维吾尔语)
【字体:

پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ كۈچلۈك ياردىمىدە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلدى، يول ئېچىپ ئىلگىرىلىدى، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا غايەت زور ئۆزگىرىش بولدى، كىيىم- كېچەك، يېمەك- ئىچمەك، تۇرالغۇ، قاتناش قاتارلىق ماددىي تۇرمۇش جەھەتلەردە بولسۇن، ياكى ئاممىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىدا بولسۇن ناھايىتى كۆپ خۇشاللىنارلىق ئۆزگىرىش بولدى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئۆستى، تۇرمۇش سۈپىتى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاندى.

تېببىي خادىم بولۇش سۈپىتىم بىلەن، داۋالاش جەھەتتە مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان بىر قىسىم ئۆزگىرىشلەرنى سۆزلەپ ئۆتىمەن.

ئىلگىرى، بەزى دېھقانلار كىيىش- تويۇش مەسىلىسىنىمۇ تەستە ھەل قىلاتتى، ئاغرىپ قالسا پۇل چىقىرىپ كېسەل كۆرسىتىش، دورا ئېلىشنى دېمەيلا قويايلى، كۆپلىگەن دېھقاننىڭ بولۇپمۇ نامرات ئاھالىنىڭ داۋالىنىشقا پۇلى بولمىغاچقا، كېسىلى سوزۇلۇپ كېتەتتى؛ ئەسلىدە ئائىلە ئىقتىسادىي شارائىتى يامان ئەمەس بەزى ئائىلىلەرمۇ كېسەل سەۋەبىدىن نامراتلىشىپ كېتەتتى؛ يەنە بەزىلىرى داۋالاش ئۇل ئەسلىھەلىرى مۇكەممەل بولماسلىق، داۋالاش شارائىتى قالاق بولۇش سەۋەبىدىن، دوختۇرلار پۈتۈن كۈچى بىلەن قۇتقۇزسىمۇ، داۋالاش نەتىجىسى ئانچە كۆڭۈلدىكىدەك بولمايتتى.

بۈگۈنكى كۈندە، ئىقتىسادنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، داۋالاش سەۋىيەسى كۈنسېرى ئۆستى، پارتىيەنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزىدىغان تۈرلۈك داۋالاش سىياسىتى ئاساسىي قاتلامدا يىلتىز تارتىپ، كېسەل كۆرسىتىش قىيىن بولۇش، كېسەل كۆرسىتىش قىممەت بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەر زور دەرىجىدە ھەل قىلىندى، كېسەل سەۋەبىدىن نامراتلىشىپ كېتىش، كېسەل سەۋەبىدىن قايتا نامراتلىشىپ كېتىش ھادىسىسىنىڭ يۈز بېرىشى ئۈنۈملۈك توسۇلدى. ھازىر، نامرات ئاھالىلەر كېسەل كۆرسەتسە ئالدى بىلەن داۋالىنىپ كېيىن ھەق تۆلىسە بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ناھايىتى ئاز داۋالىنىش خىراجىتى تاپشۇرسىلا بولىدۇ، بۇ، نامرات ئاھالىلەرنىڭ ئىقتىسادىي يۈكىنى زور دەرىجىدە يەڭگىللەتتى. ھەربىر كىشى يەنە يىلدا بىر قېتىم سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈرتۈشتىن بەھرىمەن بولالايدۇ، داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەنتلەرگە، ئىشىك ئالدىغىچە كېلىپ داۋالاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى، كېلىشىملىك ئائىلە دوختۇرلىرى قەرەللىك سەمىمىي مۇلازىمەت قىلىپ، ئاممىنى كېسەل كۆرسىتىش ئۈچۈن غەم يېمەيدىغان قىلدى، بۇلارنىڭ ھەممىسى پارتىيەنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىدىن ئايرىلالمايدۇ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى، غەمخورلۇقىدىن ئايرىلالمايدۇ، بىز جەزمەن قەلبىمىزدىن مىننەتدار بولۇشىمىز كېرەك.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، چېگرا ئىچى- سىرتىدىكى «ئۈچ خىل كۈچ» ۋەتەننى پارچىلاش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش جىنايى مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، «مىللەت» بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، «دىن» تونىغا ئورىنىۋېلىپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى تارقىتىپ، بىمەنە سەپسەتە تارقىتىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنى سادىر قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتى، مال- مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ئېغىر خەۋپ يەتكۈزدى. يەنە كادىرلار قوشۇنىغا يوشۇرۇنۇۋالغان «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر بار، ئۇلار «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ قولچومىقى ۋە پەردە ئارقىسىدىكى قارا قولى، ئۇلارنىڭ دېگىنى بىلەن قىلغىنى بىردەك ئەمەس، ئۇلار سەھنىدە بىر خىل، سەھنىدىن چۈشكەندە بىر خىل، ئالدىدا بىر خىل، كەينىدە بىر خىل بولۇپ، كومپارتىيەنىڭ تامىقىنى يەپ، كومپارتىيەنىڭ قازىنىنى چاقتى، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئېغىر توسقۇنلۇق قىلدى. بىز جەزمەن «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى جان تىكىپ كۈرەش قىلىپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قەتئىي قوغدىشىمىز كېرەك.

ئانىمىز بىزنى بېقىپ تەربىيەلىسىمۇ بىزدىن ھېچنېمە تەلەپ قىلمايدۇ، لېكىن ھەممىمىز چوڭ بولغاندا ئانىمىزغا ۋاپادارلىق يەتكۈزۈش كېرەكلىكىنى بىلىمىز، بۇ بىز ھەر بىرىمىزنىڭ ئورتاق تونۇشى. پارتىيە بىزنى يېتەكلەپ يېڭى دەۋرگە ئېلىپ كىردى، پارتىيەنىڭ تۈرلۈك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتى بىزنى بۈگۈنكى بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتۈردى، ۋەتەن ئانىمىز بىزگە مۇشۇنچىۋالا كۆپ نەرسىلەرنى بېرىپ تۇرۇپمۇ بىزدىن ھېچنېمە تەلەپ قىلمىدى، بىز مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشنى بىلىشىمىز كېرەكمۇ- قانداق؟ يەنە قاراپ باقايلى، «ئۈچ خىل كۈچ» بىزگە نېمىلەرنى ئېلىپ كەلدى؟ ئۇلار بىگۇناھ كىشىلەرنى ھاياتىدىن ئايرىدى، نۇرغۇن ئائىلىنى خانىۋەيران قىلدى. شۇڭا، بىز جەزمەن كىمنىڭ بىزگە ھەقىقىي كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى، كىمگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشىمىز كېرەكلىكىنى بىلىشىمىز كېرەك.

«ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى يوقاتمىغىچە، شىنجاڭدا ئەمىنلىك بولمايدۇ. بىز قەتئىي ھالدا ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، قەتئىي ھالدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىنى چىڭىتىپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ئىنتىزامىغا قاتتىق رىئايە قىلىپ، باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىپ، ھەر مىللەت ئاكا- ئۇكا، ئاچا- سىڭىللار بىلەن قول تۇتۇشۇپ مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ، شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ گۈزەل پارلاق ئەتىسىنى يارىتىشىمىز كېرەك.