قەتئىي ھالدا «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى كۈرەش قىلىمەن

تارباغاتاي ۋىلايەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى خىزمەت كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىر ماينۇر جاقان

日期:2019年01月12日
来源:昆仑网(维吾尔语)
【字体:

شىنجاڭ دۆلىتىمىز زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى، نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق قول تۇتۇشۇپ، مۈرىنى- مۈرىگە تىرەپ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، ۋەتىنىمىزنىڭ غەربىي قىسم چېگراسىدىكى بۇ بىپايان مۇنبەت زېمىننى ئورتاق ئاچتى، قوغدىدى، قۇردى، ھەر مىللەت خەلق ئارىسىدا بىر- بىرىدىن ئايرىلالمايدىغان قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋەت ۋە چوڭقۇر ھېسسىيات شەكىللەندى. بىز بۇ خىل قىممەتلىك ئېسىل ئەنئەنىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، قەتئىي ھالدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغدىشىمىز، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغدىشىمىز كېرەك.

«ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر ھە دەپ قايمۇقتۇرۇپ، سىڭدۈرمىچىلىك قىلىپ، شىنجاڭ تارىخىنى بۇرمىلاپ، ئۆزگەرتىۋېتىپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى ۋە «ئىككى پان» ئىدىيەسىنى تەرغىب قىلىپ، مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇترىتىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنى سادىر قىلىپ، شۇ ئارقىلىق ئىدىيەنى قالايمىقانلاشتۇرۇش مەقسىتىگە يېتىشكە تەلۋىلەرچە ئۇرۇندى. ئۇلار شىنجاڭنىڭ دۆلىتىمىز زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلدى، شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنىڭ قان قېرىنداش ئەزالىرى ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلدى، شىنجاڭدىكى مىللەتلەر مەدەنىيىتىنىڭ جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ تەركىبىي قىسمى ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلدى، شىنجاڭنىڭ كۆپ خىل دىن تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان رايون ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلدى. بۇ خاتا پىكىر ئېقىمى شىنجاڭنىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسىگە ئېغىر زەربە بولدى، ھەر مىللەت خەلققە ئېغىر زىيان سالدى، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە ئېغىر تەسىر يەتكۈزدى. «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر شىنجاڭنى ۋەتىنىمىز قوينىدىن پارچىلاپ چىقىپ كېتىشكە تەلۋىلەرچە ئۇرۇندى، ئۇلارنىڭ جىنايى مەقسىتى قەتئىي ئەمەلگە ئاشمايدۇ.

نۆۋەتتە شىنجاڭ كەسكىن بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ۋەزىيىتىگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ. بىز تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قەتئىي جەڭ ئېلان قىلىشىمىز كېرەك. پەقەت ئۇلارنى تەلتۆكۈس مەغلۇپ قىلغاندىلا، ئىشلىرىمىز ئاندىن يېڭى تەرەققىياتقا ئېرىشىدۇ، ئاندىن تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيمىز.

ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، مۇقىملىقنى قوغداشنى ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان سىياسىي ۋەزىپە، تەيشەن تېغىدىنمۇ ئېغىر سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىپ، زىممىمىزگە ئېلىپ، چىڭ تۇتۇپ، ئىشلارنى ئەستايىدىل پىلانلاش، ئىشلارنى پۇختا قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك. غايە- ئېتىقادنى چىڭىتىپ، كاللىنى سەگەك تۇتۇپ، سىياسىي سەزگۈرلۈكنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، سىياسىي پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىمىزنى ئاشۇرۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەيدانىمىزنى ئىپادىلەپ، ئاڭلىق ھالدا بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ بىرىنچى سېپىدە تۇرۇپ، ئۆزىمىز ئۈلگە بولۇپ، باشلامچىلىق بىلەن ئۈلگە كۆرسىتىپ، قەتئىي ھالدا «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك.

كادىرلار قوشۇنىدىكى «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى تەكشۈرۈپ پەرقلەندۈرۈشنى كۈچەيتىپ، نۇقتىلىق ھالدا بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى قاتارلىق چوڭ ھەق- چوڭ ناھەق مەسىلىلىرى ئالدىدا مەيدانى مۇستەھكەم، ھەرىكىتى كەسكىن بولغان- بولمىغانلىقىغا قارىشىمىز، نۇقتىلىق ھالدا پارتىيەۋىلىك پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇشتا قەتئىي بولغان- بولمىغانلىقىغا قارىشىمىز، نۇقتىلىق ھالدا پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى ۋە سىياسىي قائىدىسىگە رىئايە قىلىشتا قاتتىق بولغان- بولمىغانلىقىغا قارىشىمىز كېرەك. ھەر ۋاقىت، ھەر جايدا «ئۆتكۈركۆز»ىمىز ئارقىلىق «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە يوشۇرۇنغۇدەك جاي قويماسلىقىمىز كېرەك.

شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمەنكى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ يېتەكلىشىدە، بىز پەقەت بىر مەقسەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، دۈشمەنگە قارشى بىر سەپتە تۇرۇپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلساقلا، چوقۇم «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ ئۆسۈپ كەتكەن ھەيۋىسىنى يەرگە ئۇرالايمىز، چوقۇم «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى تولۇق پاكىز يوقىتالايمىز، چوقۇم شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرالايمىز.