ۋەتەننىڭ بىرلىكىنىڭ قەتئىي قوغدىغۇچىسى بولىمەن

ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەر باشلىقى ياسىن سىدىق

日期:2019年01月05日
来源:天山网
【字体:

مەن پارتىيە تەشكىلىنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك غەمخورلۇقى، يېتىشتۈرۈشىدە ئاساسىي قاتلامدىن تەدرىجىي ئۆسۈپ يېتىلگەن پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىر، مەن چىن قەلبىمدىن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن، ئۇلۇغ ۋەتەنگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن.

قەشقەردە خىزمەت قىلغان مەزگىلدە، مەن بىر قىسىم ئاممىنىڭ شىنجاڭ تارىخى توغرىسىدىكى بىلىملىرىنىڭ كەمچىللىكىدىن، «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ ۋەتەننى پارچىلاش خاتا ئىدىيەسىنىڭ قۇترىتىشى، قايمۇقتۇرۇشىدا، «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ قولچومىقىغا ئايلانغانلىقىنى كۆرۈپ، چوڭقۇر ئازابلانغانىدىم. تېخىمۇ غەزەپلەندۈرىدىغىنى، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئارىسىدىكى «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر خاتا ئىدىيە بىلەن ئاممىنى زەھەرلىدى، كومپارتىيەنىڭ تامىقىنى يەپ، كومپارتىيەنىڭ قازىنىنى چاقىدىغان بۇنداق مۇناپىقلارغا قارىتا، بىز ئۇلارنىڭ ھەقىقىي ئەپت-بەشىرىسىنى ئېنىق تونۇپ، ئۇلارنىڭ ھېچقانداق يوشۇرۇنىدىغان جايىنىڭ بولۇشىغا قەتئىي يول قويماسلىقىمىز كېرەك. ئۈرۈمچىگە كېلىپ خىزمەت قىلغاندىن كېيىن نۇرغۇن كىشى ماڭا: ئۈرۈمچىدە بۇ بىر نەچچە يىلدا ئۆزگىرىش زور بولدى، ئاسمان سۈزۈكلەشتى، شەھەر گۈزەللەشتى، تۇرمۇشىمىز تېخىمۇ راھەت، تېخىمۇ گۈزەل بولدى، دېيىشتى. بىراق، «ئۈچ خىل كۈچ» تەپتارتماي تارىخ ئېقىنىغا قارشى ھەرىكەت قىلىپ، شىنجاڭ تارىخىنى خالىغانچە بۇرمىلاپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى ۋە «ئىككى پان» ئىدىيەسىنى تارقىتىپ، بۆلگۈنچىلىك، بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ، بىزنىڭ ئىتتىپاق، مۇقىم چوڭ ياخشى ۋەزىيىتىمىزگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇندى.

بىز تارىخىي ماتېرىيالىزملىق قاراشنى قوللىنىپ، جۇڭخۇا نەزەرىدە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ شىنجاڭدىكى مىللەتلەر بىلەن، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ شىنجاڭدىكى مىللەتلەر مەدەنىيىتى بىلەن ئۆزئارا باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى نەزەردە تۇتۇپ، شىنجاڭنىڭ تارىخىي مەسىلىلىرىنى توغرا تونۇشىمىز كېرەك.

جۇڭگودىن ئىبارەت بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەتنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك تارىخىي ئۆزگىرىشى داۋامىدا، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق بىلەن بىرلىكتە جۇڭگونىڭ بىپايان زېمىنىنى ئورتاق ئاچتى، كۆپ مەنبە بىر گەۋدىلەشكەن جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنى ئورتاق بەرپا قىلدى. ئۇزاقتىن بۇيان شىنجاڭدا ياشاپ كەلگەن ھەر مىللەت ئامما قېرىنداشلاردەك يېقىن ئۆتۈپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، تاشقى دۈشمەنگە ئورتاق تاقابىل تۇرۇپ، ئورتاق ئېچىپ، گۈللەندۈرۈپ، قان قېرىنداش بولغان، باشقا كەلگەننى تەڭ كۆرىدىغان ئاكا-ئۇكىلىق رىشتى، ئاچا-سىڭىللىق رىشتى ئورنىتىپ، ئۆزئارا سىڭىشكەن، ھېچكىم-ھېچكىمدىن ئايرىلالمايدىغان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى شەكىللەندۈردى. شىنجاڭ تارىخى بىزگە قايتا-قايتا شۇنى ئۇقتۇردىكى: شىنجاڭ ئەزەلدىن كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايون، جۇڭگو زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى، شىنجاڭدىكى مىللەتلەر جۇڭخۇا مىللىتى ئائىلىسىنىڭ قان قېرىنداش ئەزالىرى.

ۋاھالەنكى، بىر ئوچۇم مىللىي بۆلگۈنچىلەر شىنجاڭ تارىخىنى خالىغانچە بۇرمىلىدى. دۆلىتىمىز تارىخىدا شىنجاڭ ئەزەلدىن «شەرقىي تۈركىستان» دەپ ئاتالغان ئەمەس، قانداقتۇر «شەرقىي تۈركىستان دۆلىتى» تېخىمۇ مەۋجۇت ئەمەس. «ئۈچ خىل كۈچ» مىللەت، دىننى دەستەك قىلىپ، ئاممىنى قايمۇقتۇرۇپ، مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇترىتىپ، ئېقىمغا قارشى ھەرىكەت قىلىپ، جانغا زامىن بولۇپ، شىنجاڭنى ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىدىن پارچىلاپ چىقىپ كېتىشكە تەلۋىلەرچە ئۇرۇنۇپ، ۋەتەننىڭ خەۋپسىزلىكى، مۇقىملىقىغا ئېغىر خەۋپ يەتكۈزدى.

«ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ «شەرقىي تۈركىستان» خاتا سەپسەتىسىنى تەرغىب قىلىشتىكى غەرىزى رەزىل. ئىتتىپاقلىق، مۇقىملىق− بەخت، بۆلگۈنچىلىك، مالىمانچىلىق− ئاپەت. شىنجاڭ تارىخىغا نەزەر سالساق، كۆپ مىللەت بۈيۈك بىرلىككە كەلگەن مەزگىلدە، جەمئىيەت ئومۇمەن تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىپ، ئىلگىرىلەپ، مىللەتلەر مەدەنىيىتى بىلەن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك مەدەنىيىتىنىڭ ئالمىشىشى، يۇغۇرۇلۇشى راۋان بولغان، ئىقتىساد، مەدەنىيەت روناق تېپىپ گۈللەنگەن. ئەمما بۆلۈنۈپ تۇرغان مەزگىلدە، شىنجاڭدا خەلق تۇرمۇشى خارابلىشىپ، ئىقتىساد كاساتلاشقان. تېرە بولمىسا، تۈك نەدە ئۆسىدۇ. مۇقىم ئىجتىمائىي ئومۇملۇق بولمىسا، بەختلىك تۇرمۇشتىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ، بۇ، تارىخ تەرىپىدىن سانسىز قېتىم ئىسپاتلانغان، ئاغدۇرغىلى بولمايدىغان ھەقىقەت. شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئومۇملۇقى مۇقىم بولمايدىكەن، ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەختلىك تۇرمۇشى قۇرۇق گەپكە ئايلىنىپ قالىدۇ.

ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايونىدا ئوخشاش بولمىغان مەزگىللەردە ئىلگىرى بەگلىكلەر ياكى بۆلۈنمە ھاكىمىيەت مەۋجۇت بولۇپ تۇرغىنىغا ئوخشاش، غەربىي يۇرتتىمۇ ئوخشاش بولمىغان مەزگىللەردە ئىلگىرى مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان «ئەل»لەر، جۈملىدىن شەھەر بەگلىكلىرى، كۆچمەن ئەل، سۇيۇرغاللىق، پادىشاھلىق، خانلىق، سۇلالە، بېقىندى ئەل، ئۇلپانچى ئەل قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى جۇڭگو تېررىتورىيەسىدىكى يەرلىك ھاكىمىيەت شەكلى بولۇپ، ھېچقايسىسى مۇستەقىل دۆلەت ئەمەس. بۇ تارىخىي پاكىتلار ئېنىق، روشەن، گۇمانلىنىشقا بولمايدۇ، بىراق «ئۈچ خىل كۈچ» ئۇقۇمنى قەستەن ئارىلاشتۇرۇپ، تارىختىكى شىنجاڭنىڭ يەرلىك ھاكىمىيىتىنى كۆپتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ جۇڭگو زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ئىكەنلىكىدەك پاكىتنى ئىنكار قىلدى. ئىلگىرى، ھەقىقىي ئەھۋالنى بىلمەيدىغان بىر قىسىم ئامما ئالدىنىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ چاپارمىنىگە ئايلىنىپ، نۇرغۇن زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلوسىنى سادىر قىلىپ، چېكىدىن ئاشقان جىنايەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتى، مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزدى، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىغا ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلدى، جەزمەن قانۇننىڭ قاتتىق جازاسىغا ئۇچرايدۇ.

شىنجاڭ تارىخىنى ياخشى ئۆگىنىپ، ياخشى تەشۋىق قىلىپ، ياخشى قوللىنىپ، ماركسىزملىق «بەش قاراش»نى پۇختا تۇرغۇزغاندىلا، ئاندىن خاتا ئىدىيەنىڭ يىلتىزىنى قېزىپ چىققىلى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچى، مەركەزگە ئىنتىلىش كۈچىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ. تارىخقا توغرا قاراپ، مەنبەدىن ساپلاشتۇرۇش، باشلامچىلىق بىلەن دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، باتۇرلۇق بىلەن ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قەتئىي قوغداش پارتىيەلىك كادىرلار زىممىسىگە ئالغان مۇقەددەس بۇرچ. ھەر مىللەت ئاممىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشى ئۈچۈن، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بەختلىك، گۈزەل تۇرمۇش كەچۈرۈشى ئۈچۈن، گۈزەل يۇرت- ماكان قۇرۇش ئۈچۈن، مەن ۋەتەننى پارچىلايدىغان قىلمىشلارغا باشلامچىلىق بىلەن قارشى تۇرىمەن، ئاممىنى يېتەكلەپ «ئۈچ خىل كۈچ»كە ئورتاق زەربە بېرىپ، باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش، ۋەتەن ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇش ئەمەلىي ھەرىكىتىدە ئۇلۇغ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن، ئۇلۇغ ۋەتەنگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن. بىز بىرلىكتە ھەرىكەتكە كېلىپ، جۇڭگو تارىخى ۋە شىنجاڭ تارىخىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، توغرا تونۇپ ۋە قوللىنىپ، پارتىيەنىڭ ئىدېئولوگىيە خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىك ھوقۇقىنى پۇختا ئىگىلەپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئاڭلىق ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، شىنجاڭ تارىخىنى بۇرمىلايدىغان سۆز-ھەرىكەتلەرگە ئاڭلىق قارشى تۇرۇپ، قەتئىي، كەسكىن ھالدا ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغدايمەن.