ياشلىق كۈچۈمنى مۇجەسسەملەپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنىڭ قوغدىغۇچىسى بولىمەن

بورتالا شەھەرلىك ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى دوسبول سېرىك

日期:2019年01月04日
来源:新疆日报网
【字体:

نۆۋەتتە، شىنجاڭ تارىختىكى ئەڭ ياخشى تەرەققىيات مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ، ئىجتىمائىي ئومۇملۇق مۇقىم بولغان، ئىقتىساد تېز سۈرئەتتە راۋاجلانغان، خەلق تۇرمۇشى سىجىل ياخشىلانغان، مىللەتلەر ئىتتىپاق، ئىناق ئۆتىدىغان، شەھەر، يېزىلارنىڭ قىياپىتىدە زور ئۆزگىرىش بولغان يېڭى كەيپىيات بارلىققا كېلىپ، ھەر مىللەت خەلق چوڭ قەدەم بىلەن جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرىگە كىردى. مۇشۇ يەردە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان شىنجاڭلىق بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن ھەر مىللەت ئاكا- ئۇكا، ئاچا- سىڭىللار بىلەن بىللە ئۆگىنىپ، بىللە خىزمەت قىلىپ، بىللە ياشاپ كەلدىم، بىز سېنىڭ- مېنىڭ دېيىشمەيمىز، كۈنلىرىمىز بارغانسېرى ياخشىلىنىپ، بەخت تۇيغۇمىز بارغانسېرى كۈچەيدى. پارتىيە كۆپ يىل تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى قوغداش مەسئۇلىيىتىم ۋە مەجبۇرىيىتىم بار. مەن باشتىن- ئاخىر شۇنداق قارايمەنكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە ئۇلۇغ ۋەتەن بولمىسا، شىنجاڭنىڭ گۈللىنىشى ۋە تەرەققىياتى بولمايتتى، بىزنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىمىز بولمايتتى، مېنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىم، ئىلگىرىلىشىم تېخىمۇ بولمايتتى، مەن چىن قەلبىمدىن پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن، ۋەتەنگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن.

نۆۋەتتە، شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ۋەزىيىتى يەنىلا كەسكىن، مۇرەككەپ. «ئۈچ خىل كۈچ» ۋەتەننى پارچىلاش جىنايى مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، ھە دەپ دىنىي ئەقىدىلەرنى ئۆزگەرتىۋېتىپ، بىدئەت تەلىمات ئويدۇرۇپ چىقىپ، تۈرلۈك ئۇسۇللار ئارقىلىق دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىدىن پايدىلىنىپ ئاممىنى زەھەرلىدى، ھەتتا قارا قولىنى مەكتەپلەرگە سوزۇپ، بىزدىن بازىنى تالاشتى، ئاممىنى تالاشتى، ئەۋلادلارنى تالاشتى. كادىرلار قوشۇنىدىكى «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر سىياسىي ئىنتىزام، سىياسىي قائىدە ۋە بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ئىنتىزامىنى كۆزگە ئىلماي، پارتىيە ۋە خەلققە ئاسىيلىق قىلىپ، تۈرلۈك ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىپ ۋەتەننى پارچىلاشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇندى، بىز «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر يوشۇرۇنغىدەك ھەر قانداق جاينىڭ بولۇشىغا ھەرگىز يول قويمايمىز.

پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەر قانداق ۋاقىت، ھەر قانداق ئەھۋالدا قەتئىي ھالدا ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلايمەن، قەتئىي تەۋرەنمەي «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى كۈرەش قىلىپ، پارتىيەۋىلىككە ئەھمىيەت بېرىدىغان، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئالىدىغان، نەتىجە يارىتىشقا ماھىر ياخشى كادىر بولىمەن. كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى كادىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن كەڭ ئىتتىپاق ئەزالىرى ۋە ياشلارغا شۇنى تەشەببۇس قىلىمەنكى: ھەر ۋاقىت كاللىنى سەگەك تۇتۇپ، كۆزنى روشەنلەشتۈرۈپ، ئاڭلىق ھالدا دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ سىڭدۈرمىچىلىكىگە تاقابىل تۇرۇپ، دادىل پاش قىلىپ، پائال ئاشكارىلاپ، «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى كوچىدىن ئۆتكەن چاشقان ئۇر- ئۇرغا قالغاندەك ھالغا چۈشۈرۈش كېرەك.

ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ۋەتەننى سۆيۈش، شىنجاڭنى سۆيۈشنىڭ تەشۋىقاتچىسى بولىمەن. شىنجاڭنىڭ «تۆت تارىخ»ىنى ئۆگىنىشنى كۈچەيتىپ، ئاممىغا شىنجاڭ جۇڭگو زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى، شىنجاڭدىكى مىللەتلەر جۇڭخۇا مىللىتى ئائىلىسىنىڭ قان قېرىنداش ئەزالىرى، شىنجاڭدىكى مىللەتلەر مەدەنىيىتى جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ تەركىبىي قىسمى، شىنجاڭ كۆپ خىل دىن تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان جاي قاتارلىق ئاساسىي قاراشلارنى تەشۋىق قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى كۆزىنى روشەنلەشتۈرۈپ، ھەق- ناھەقنى ئېنىق ئايرىشقا تەربىيەلەيمەن، يېتەكلەيمەن، ھەر مىللەت ئاممىنى دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ سىڭدۈرمىچىلىكىگە ئاڭلىق تاقابىل تۇرۇپ، دۈشمەنگە قارشى بىر سەپتە تۇرۇپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇققا زەربە بېرىش، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن قاتنىشىشقا يېتەكلەيمەن.

مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممەمگە ئېلىپ، تىرىشىپ خىزمەت قىلىپ، ۋەتەننى سۆيۈش، شىنجاڭنى سۆيۈشنىڭ ئەمەلىيەتچىسى بولىمەن. كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى كادىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن ھالقىلىق پەيتتە ئاچقۇچلۇق رولۇمنى جارى قىلدۇرۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىتتىپاق ئەزالىرى، ياشلارنى يېتەكلەپ مۇقىملىقنى قوغداپ، «باش تېمىلىق ئىتتىپاق كۈنى»، «ياشلار چوڭ ئۆگىنىشى» قاتارلىق ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىپ، ياشلارنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ماس كېلىدىغان، ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرىدىغان ياشلار سىياسەت تەشۋىقات ئەترىتى، پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتىنى زور كۈچ بىلەن تەشكىللەپ قۇرۇپ، ئېغىر يۈكنى باتۇرلۇق بىلەن زىممەمگە ئېلىپ، كۆپلەپ تۆھپە قوشىمەن. بۇ يەردە مەن كەڭ ياش دوستلارغا ئۈنلۈك ئاۋازدا شۇنى ئېيتىمەنكى: كۈرەشچان ياشلىق ئەڭ گۈزەل، ۋەتەن بىزگە موھتاج، شىنجاڭ بىزگە موھتاج، بىز تىرىشىپ كۈرەش قىلساقلا، جەزمەن ئىتتىپاق- ئىناق، ئاۋات- باي، مەدەنىي- ئالغا باسقان، خاتىرجەم ياشايدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقالايمىز!

ئىستىلنى ياخشىلاپ، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ۋەتەننى سۆيۈش، شىنجاڭنى سۆيۈشنىڭ ئىلگىرى سۈرگۈچىسى بولىمەن. مەن باشلامچىلىق بىلەن خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاپ، «تۆت خاھىش» «تۆت كەيپىيات»نى قەتئىي تۈزەپ، ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىپ، پارتىيەنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دەل جايىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ئىللىقلىقىنى مىڭلىغان- ئونمىڭلىغان ئائىلىگە يەتكۈزۈپ، ئاممىنى قەتئىي، كەسكىن ھالدا پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىدىغان، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلايدىغان، پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىدىغان قىلىمەن.