شىنجاڭ ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى، نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان، شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جۇڭخۇا مىللەتلىرى مەدەنىيەت جەھەتتە ئۆزئارا قوبۇل قىلىپ، ئىقتىسادىي جەھەتتە ئۆزئارا تايىنىپ، ۋەتىنىمىزنىڭ گۈزەل تاغ-دەريالىرىنى، بىپايان زېمىنىنى ئورتاق ئاچقان، ئۇزاق جۇڭگو تارىخىنى، پارلاق جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى ئورتاق ياراتقان.
ھالبۇكى، چېگرا ئىچى-سىرتىدىكى «ئۈچ خىل كۈچ» بىزنىڭ ئاۋات-باي، قۇدرەتلىك ۋە ھەر مىللەت ئامما ئىتتىپاقلىشىپ، ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان، ئىناق ئۆتىدىغان چوڭ ياخشى ۋەزىيىتىمىزنى كۆرۈشنى خالىماي، بىر قاتار زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنى پىلانلاپ ھەم تەشكىللەپ يولغا قويۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتى، مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە غايەت زور زىيان سالدى، بۇ زوراۋان- تېررورچىلارنىڭ كىشىنى غەزەپلەندۈرىدىغان جىنايى قىلمىشى شىنجاڭنىڭ تىنچ، ئىناق تەرتىپىگە، ئىتتىپاقلىشىپ ئالغا ئىلگىرىلەش كەيپىياتىغا ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلدى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ياشاش ھوقۇقى، ساغلاملىق ھوقۇقى، مال-مۈلۈك ھوقۇقى ۋە تەرەققىيات ھوقۇقى قاتارلىق ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقىنى خالىغانچە دەپسەندە قىلدى، ھەر مىللەت ئامما بۇنىڭدىن قاتتىق غەزەپلىنىپ، دۈشمەنگە قارشى بىر سەپتە تۇردى. بىز مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئېتىقادىمىزنى ھەسسىلەپ مۇستەھكەملەپ، مىللەتلەر بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ قان قېرىنداشلىق مېھىر- مۇھەببىتى، ئۆزئارا سەمىمىي مۇئامىلىدە بولىدىغان ھەقىقىي مۇھەببىتى، ھايات-ماماتتا بىللە بولىدىغان چوڭقۇر مۇھەببىتى ئارقىلىق «ئۈچ خىل كۈچ»كە زەربە بېرىشتىكى قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەپ، «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ ھەيۋىسىنى قەتئىي يەرگە ئۇرۇشىمىز، ئۇلارنى خەلق ئۇرۇشىنىڭ بىپايان دېڭىزىغا غەرق قىلىۋېتىشىمىز كېرەك.
پارتىيە كۆپ يىل تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن بايرىقىم روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىپ، «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسىي ئاڭلىقلىقنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، باشتىن-ئاخىر چوڭ ھەق-چوڭ ناھەق مەسىلىلىرىنى ئېنىق پەرقلەندۈرۈشتە مەيدانىمنى ئىنتايىن مۇستەھكەم قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرىمەن؛ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشتا ھەرىكىتىمنى ئىنتايىن قەتئىي قىلىمەن؛ ھەر مىللەت ئاممىنى قىزغىن سۆيۈشتە ھېسسىياتىمنى ئىنتايىن سەمىمىي قىلىمەن. كۈچلۈك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسى، پەيتنى قولدىن بەرمەيدىغان روھ، ۋاقىت ساقلاپ تۇرمايدۇ دەيدىغان ئىستىل، ھەققانىيەت يولىدىن قايتمايدىغان مەنزىل ئارقىلىق دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرىمەن، باش نىشاننى كۆزلەيمەن، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرىمەن.
ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە كادىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى مەسىلىسىدە ھېچقانداق ئالاھىدە ئىمتىيازغا ئىگە ئەمەس، دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزىمەن، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش بىلەن بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىش مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈشنى نازارەت قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىمەن. مەسئۇلىيەتنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈشتە مۈجمەل بولمايمەن، قاتتىق بولۇشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى ۋە پارتىيە ئىشلىرىدا ۋەزىپە، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغانلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قەتئىي سۈرۈشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغانلارنى چوقۇم سۈرۈشتۈرۈش، مەسئۇلىيەتنى چوقۇم قاتتىق سۈرۈشتۈرۈشتەك كۈچلۈك سىگنالنى ئۈزلۈكسىز قويۇپ بېرىمەن. ھەرمىللەت كادىرلار، ئاممىنى قەتئىي، كەسكىن ھالدا «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى ئاداققىچە جان تىكىپ كۈرەش قىلىشقا كەڭ سەپەرۋەر قىلىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، دادىل ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، دادىل كۈرەش قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئىتتىپاق-ئىناق، ئاۋات-باي، مەدەنىي-ئالغا باسقان، خاتىرجەم ياشايدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇشنى تېزلىتىش ئۈچۈن تۆھپە قوشىمەن.