导航切换

داۋاملىق بايراقنى كۆتۈرۈپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، مۇقىملىقنى قەتئىي قوغدايمەن

بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئابلەت خۇدابەردى

日期:2019年01月01日
来源:天山网
【字体:

يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت كادىرلار، ئامما دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداپ، ئىناقلىق، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۆز ئەمەلىيىتىدە كۆرسەتتى، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك كۈچىيىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك ۋەزىيىتى بارغانسېرى ياخشىلىنىش يۆنىلىشىگە قاراپ تەرەققىي قىلماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بىزمۇ شۇنى سەگەكلىك بىلەن ئېنىق تونۇشىمىز كېرەككى، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى يەنىلا ئۇزاق مۇددەتلىك، مۇرەككەپ، ئۆتكۈر بولۇپ، دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى دۈشمەن كۈچلەرنىڭ سىڭدۈرمىچىلىكى بوشاپ قالغىنى يوق، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى كۈرەش ۋەزىپىسى مۈشكۈل.

پارتىيە كۆپ يىل تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن قەتئىي، كەسكىن ھالدا «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنىڭ جىنايى ماھىيىتى ۋە رەزىل غەرىزىنى پاش قىلىپ، تەنقىدلەپ، «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىمەن. بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىن ئىبارەت بۇ مۇھىم، زور پىرىنسىپال مەسىلىدە باشتىن-ئاخىر كاللامنى سەگەك تۇتۇپ، بايرىقى روشەن، مەيدانى مۇستەھكەم بولۇشنى، ھەرقانداق ئەھۋالدا قەتئىي ھالدا ئىككى قېيىققا تەڭ دەسسىمەسلىكنى، قەتئىي ھالدا دېگىنى بىر خىل، قىلغىنى بىر خىل بولماسلىقنى ئىشقا ئاشۇرىمەن، باشتىن- ئاخىر سۆزى بىلەن ھەرىكىتى بىردەك، ئىچى بىلەن تېشى بىردەك بولۇشنى، ھەققانىيەت يولىدىن قايتماي پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشنى ئىشقا ئاشۇرىمەن، باشتىن-ئاخىر ئېتىقادتا تەۋرەنمەسلىكنى، مەيداندا ئۆزگەرمەسلىكنى، يۆنىلىشتە ئېغىشماسلىقنى ئىشقا ئاشۇرىمەن. سىياسىي سەزگۈرلۈكۈم ۋە سىياسىي پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىمنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ھەرۋاقىت دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرىمەن، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرىمەن، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە قاتتىق بويسۇنۇپ، باشتىن-ئاخىر پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولىمەن. ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىگە چوڭقۇر چۆكۈشنى دائىملاشتۇرۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئاممىغا ۋەزىيەتنى تەھلىل قىلىپ بېرىپ، سىياسەتنى ئېنىق چۈشەندۈرۈپ، قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇپ، ئاممىنى «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنىڭ جىنايى ماھىيىتىنى ئېنىق تونۇشقا تەربىيەلەپ، ھەرمىللەت ئاممىنى «ئۈچ ئايرىلالماسلىق» ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزىدىغان، «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى كۈچەيتىدىغان، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشىدىغان قىلىمەن.

پارتىيە نىزامنامىسىدە پارتىيە ئەزالىرى «پارتىيەگە سادىق، سەمىمىي بولۇشى، سۆزى بىلەن ھەرىكىتى بىردەك بولۇشى كېرەك» دەپ بەلگىلەنگەن. پارتىيە ئەزالىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، پارتىيەگە سادىق بولۇش، سەمىمىي بولۇش چوقۇم ھازىرلاشقا تېگىشلىك ئاڭ. پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇشنى، ئۇلۇغ ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، بىرىنچىدىن، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى قەتئىي ھىمايە قىلىش كېرەك. پارتىيەنىڭ دانا رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭدا غايەت زور ئۆزگىرىشلەر بولدى، ھەر مىللەت خەلق خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈردى. كۆپچىلىك شۇنى چۈشىنىشى كېرەككى، كومپارتىيە بولمىسا بىزنىڭ بەختلىك، خاتىرجەم تۇرمۇشىمىز بولمايتتى. ئىككىنچىدىن، ئۇلۇغ ۋەتەننى قەتئىي قىزغىن سۆيۈش كېرەك. ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇشتا جەزمەن جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتىگە ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش كېرەك، ۋەتەننىڭ ئۇزاق تارىخى، مۇنەۋۋەر مەدەنىيىتىنى چۈشىنىش ۋە قوبۇل قىلىش ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتىنى يېتىشتۈرۈش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ مۇھىم شەرتى. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئامما جەزمەن دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىنى ياخشى ئۆگەنگەندىلا، ئاندىن ۋەتەننىڭ ئۇزاق تارىخىنى، مۇنەۋۋەر مەدەنىيىتىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنەلەيدۇ ۋە قوبۇل قىلالايدۇ. دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقى تەربىيەسىنى جەزمەن ھەرقايسى ساھە، ھەرقايسى تەرەپلەرگە سىڭدۈرۈش كېرەك، دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىنى ياخشى ئۆگىنىشنىڭ ئۆزى ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈشنىڭ تۈپ ئاساسى. ئۈچىنچىدىن، دۆلەت بايرىقىنى، دۆلەت گېربىنى قىزغىن سۆيۈشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. ھەيۋەتلىك دۆلەت بايرىقى، دۆلەت گېربى دۆلىتىمىزنىڭ ئىززەت- ئابرۇيىنىڭ سىمۋولى، بىر دۆلەتنىڭ بەلگىسى. ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ۋەتەننىڭ كۈنسېرى قۇدرەت تېپىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىش بىلەن بىللە، يەنە مەۋقەنى ئۆز ئىش ئورنىغا قويۇپ، دۆلەتكە كۆپرەك تۆھپە قوشۇشى كېرەك. تۆتىنچىدىن، سىياسىي كېڭەشنىڭ بىرلىك سەپ ۋە دېموكراتىك كېڭىشىشتىكى ئەۋزەل رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئەڭ زور چەكتە تۈرلۈك كۈچلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، قەتئىي ھالدا «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە زەربە بېرىش كېرەك. بەشىنچىدىن، باشلامچىلىق بىلەن سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، بەزى ناچار ئىستىللارنى تۈگىتىپ، زور كۈچ بىلەن سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەۋج ئالدۇرۇش كېرەك.

بىز شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىپ، كاللىمىزنى سەگەك تۇتۇپ، ئاگاھ سىگنالىنى ئۇزاققىچە ياڭرىتىپ، داۋاملىق بايراقنى كۆتۈرۈپ ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، قەتئىي، كەسكىن ھالدا «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى جەڭ ئېلان قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى خىزمەتلەرنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدە ئىزچىللاشتۇرۇشىمىز، ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك. مەن سىياسىي كېڭەشنىڭ سىياسىي جەھەتتە كېڭىشىش، دېموكراتىك نازارەت قىلىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش ۋە ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش فۇنكسىيەسىنى تولۇق ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ھەر مىللەت، ھەر ساھە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنى مۇقىملىقنى قوغداش، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشكە يېتەكلەپ ۋە ياردەم بېرىپ، ھەقىقىي تۈردە ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئورتاق ئىدىيەۋى ئاساسنى مۇستەھكەملەشنىڭ ئاساسىي ئوقى قىلىپ، تىرىشىپ ئەڭ چوڭ مەركەزداش چەمبەرنى سىزىپ چىقىپ، قۇدرەتلىك ئاكتىپ كۈچنى مۇجەسسەملەيمەن.