شىنجاڭنىڭ ئىتتىپاق، مۇقىم چوڭ ياخشى ۋەزىيىتىنى جان تىكىپ قوغدايمەن

ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، باش كاتىپ، مەمۇرىي مەھكىمە ئىشخانىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ئەخمەت تۇردى

日期:2018年12月30日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ دۆلىتىمىز زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى، كۆپ مىللەت بۈيۈك بىرلىكى ئەندىزىسى دۆلىتىمىزدە چىن، خەن سۇلالىسى دەۋرىدىن تارتىپ ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەنگەن تارىخىي ئەنئەنە ۋە ئۆزگىچە ئەۋزەللىك؛ شىنجاڭدىكى مىللەتلەر جۇڭخۇا مىللىتى ئائىلىسىنىڭ قان قېرىنداش ئەزالىرى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق مەنپەئىتى؛ شىنجاڭدىكى مىللەتلەر مەدەنىيىتى جۇڭخۇا مەدەنىيىتى مۇنبەت تۇپرىقىدا يىلتىز تارتقان، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى، بۇلار ئۆزگەرتىشكە بولمايدىغان، شۇنداقلا مەڭگۈ ئۆزگەرمەيدىغان پاكىت. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى بېكىتىپ، خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشىمىزنىڭ يۆنىلىشىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بەردى، ئۇنى تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى. ئەمما يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، چېگرا ئىچى-سىرتىدىكى «ئۈچ خىل كۈچ» رەزىل غەرىزىدىن يانماي، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىم، مىللەتلەر ئىتتىپاق چوڭ ياخشى ۋەزىيىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇندى، شىنجاڭنى ۋەتەن قوينىدىن پارچىلاپ چىقىپ كېتىشكە تەلۋىلەرچە ئۇرۇندى. كادىرلار قوشۇنىغا يوشۇرۇنۇۋالغان بەزى «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ قولچومىقى ۋە پەردە ئارقىسىدىكى قارا قولى بولدى. پارتىيە كۆپ يىل تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەڭگۈ «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر بىلەن قەتئىي سىغىشالمايمەن، پارتىيەگە، دۆلەتكە ئۆزۈمنى بېغىشلاپ، پارتىيەگە، دۆلەتكە جاۋاب قايتۇرۇپ، ئىسسىق قېنىم ۋە ھاياتىم ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۆمۈر بويى كۈرەش قىلىمەن.

باشتىن- ئاخىر بايرىقىم روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىپ، ئېتىقادىمنى مۇستەھكەملەپ پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىمەن. مەن پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى، يېتىشتۈرۈشىدە ئۆسۈپ يېتىلگەن پارتىيەلىك كادىر، مەن پارتىيەنىڭ مېھىر-شەپقىتىنى مەڭگۈ ئەستە چىڭ ساقلاپ، مەڭگۈ ئۇنتۇمايمەن. ھەرقانداق ۋاقىتتا سىياسىيدا زېرەك ئادەم بولۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنىنى قوغداش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قوغداشنى بىرىنچى سىياسىي تەلەپ قىلىپ، ئىدىيەدە يادرونى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، سىياسىيدا يادرونى قوغداش، تەشكىلىي جەھەتتە يادروغا بويسۇنۇش، ھەرىكەتتە يادروغا يېقىندىن ئەگىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قەتئىي ھالدا يادرونى مۇھاپىزەت قىلىپ، سەمىمىي ھالدا يادروغا سادىق بولۇپ، باشتىن-ئاخىر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلايمەن، بارلىق ھەرىكەتتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بويسۇنۇپ، چىن كۆڭلۈمدىن پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن، قەتئىي ھالدا پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلايمەن، مەڭگۈ پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىمەن.

باشتىن-ئاخىر مەيدانىمنى ئېنىق ئىپادىلەپ ئۈلگە بولۇپ، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى قەتئىي پاش قىلىمەن، تەنقىد قىلىمەن. مەن «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنىڭ جىنايى ماھىيىتىنى تېخىمۇ سەگەكلىك بىلەن چوڭقۇر تونۇپ، ۋەتەننى پارچىلاش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇنغان دۈشمەنلەرگە قارشى قەتئىي، كەسكىن جەڭ ئېلان قىلىمەن، ئاڭلىق ھالدا ئېتىقادى مۇستەھكەم زېرەك ئادەم، ئىچى بىلەن تېشى بىردەك سەمىمىي ئادەم، ئىنتىزامغا قاتتىق رىئايە قىلىدىغان قائىدىلىك ئادەم بولۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن زىممەمگە ئالىمەن. مەن داۋاملىق دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، كادىرلار، ئاممىنى كۆزىنى روشەنلەشتۈرۈش، ھەق-ناھەقنى ئېنىق ئايرىشقا يېتەكلەپ، مۇستەھكەم، كۈچلۈك ھەققانىيەت سادايىم ئارقىلىق جەمئىيەتتىكى خاتا قاراش ۋە پىكىر ئېقىمىنى قىلچە ئىككىلەنمەي پاش قىلىمەن، ئۇنىڭغا رەددىيە بېرىمەن ۋە تاقابىل تۇرىمەن، دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان بارلىق سۆز-ھەرىكەتلەرگە قارشى مەيدانىم مۇستەھكەم، بايرىقىم روشەن ھالدا كۈرەش قىلىمەن.

باشتىن-ئاخىر باش نىشاننى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جان-دىلىم، پۈتۈن كۈچۈم بىلەن تۆھپە قوشىمەن. مەن شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرىمەن، باش نىشاننى كۆزلەيمەن، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرىمەن. «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، بايرىقىم روشەن ھالدا بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ بىرىنچى سېپىدە تۇرۇپ، پارتىيەگە، دۆلەتكە ئۆزىنى بېغىشلاش، پارتىيەگە، دۆلەتكە جاۋاب قايتۇرۇشنى بۇرچ، مەسئۇلىيەت قىلىپ، باش نىشان ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، باش نىشان بايرىقىنى جەۋلان قىلدۇرۇپ، قەتئىي، كەسكىن ھالدا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ ئاچقۇچلۇق پەيتىدە بىرىنچى سەپتە تۇرۇپ، بىرىنچى سەپكە ئاتلىنىپ، بىرىنچى سەپتە جان تىكىپ، زەربىدار، بايراقدار بولۇپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىتتىپاق، مۇقىم چوڭ ياخشى ۋەزىيىتىنى جان تىكىپ قوغدايمەن، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەختلىك تۇرمۇشى ۋە گۈزەل كەلگۈسىنى جان تىكىپ قوغدايمەن.

نۆۋەتتە، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ مۇتلەق ئۈستۈن ئەۋزەل ۋەزىيىتى شەكىللەندى، «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر كوچىدىن ئۆتكەن چاشقان ئۇر-ئۇرغا قالغاندەك ھالغا چۈشۈپ قالدى. ھەرقانداق كىشى شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىگە توسقۇنلۇق قىلالمايدۇ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا ئىنتىلىش قەدىمىنى توسۇپ قالالمايدۇ. شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ يېتەكلىشىدە، يۇقىرى- تۆۋەن بىر مەقسەتتە بولۇپ، سىجىل تىرىشىپ، بوشاشماي كۈرەش قىلساقلا، جەزمەن شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى بالدۇر ئىشقا ئاشۇرالايمىز.