بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، سادىق، مەسئۇلىيەتچان بولۇپ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشتىن ئىبارەت بۇ مەيدان قاتتىق جەڭدە غەلىبە قىلايلى

تارباغاتاي ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ ۋالىيسى مۇقىيات

日期:2018年12月30日
来源:天山网
【字体:

پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بولۇپمۇ ئاپتونوم رايونلۇق 9-قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، قەتئىي ھالدا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش «بىرىكمە مۇشت»ىنى ياخشى ئاتتى، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئومۇملۇقى سىجىل مۇقىم بولدى، ئىقتىساد تەكشى، ساغلام تەرەققىي قىلدى، ئاممىنىڭ تۇرمۇشى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاندى، تۈرلۈك ئىشلار ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرىلىدى. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى تامامەن دانا، توغرا، بىزنىڭ بارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشىمىزنىڭ تۈپ مىزانى؛ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ باش نىشاننى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى يۈرۈشلۈك «بىرىكمە مۇشت»ى مۇستەھكەم، كۈچلۈك بولۇپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ چىن دىلىدىن ھىمايىسىگە ئېرىشتى. بىز بۇرچنى زىممىگە ئېلىشنى كۈچەيتىپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، گۈزەل، بەختلىك يۇرت- ماكانىمىزنى ئورتاق ياخشى قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك.

بايرىقى روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىپ، باشتىن-ئاخىر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاش كېرەك. بىز «تۆت ئاڭ»نى پۇختا تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قەتئىي، كەسكىن ھالدا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش «بىرىكمە مۇشت» ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، قەتئىي تەۋرەنمەي ئىجتىمائىي ئومۇملۇقنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى قوغدىشىمىز كېرەك. سىياسىي ئىرادىنى، سىياسىي سەگەكلىكنى ۋە سىياسىي ئاڭلىقلىقنى باشتىن- ئاخىر ساقلاپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش قاتارلىق چوڭ ھەق-چوڭ ناھەق مەسىلىلىرىدە، ھەر قانداق ۋاقىت، ھەرقانداق ئەھۋالدا پوزىتسىيەسى ئىنتايىن قەتئىي، مەيدانى ئىنتايىن مۇستەھكەم بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قەتئىي، كەسكىن ھالدا «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر، «ئىككى يۈزلىمىچىلىك»كە قارشى كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك.

قەتئىي، كەسكىن ھالدا باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جەمئىيەتنىڭ سىجىل مۇقىملىقىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغداش كېرەك. نۆۋەتتە، شىنجاڭدىكى ئىنتايىن كەسكىن، ھايات-ماماتلىق بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە، بىز جەزمەن شۇنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ يېتىشىمىز كېرەككى، «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچىلەر» مىللەتلەر مۇناسىۋىتىگە قۇتراتقۇلۇق قىلىش قاتارلىق قىلمىشلىرىنى دەقىقىمۇ توختاتقىنى يوق، ئۇلارنىڭ ئۆسۈپ كەتكەن نوخلىسىنى ئېلىۋەتمىگىچە، ئۇلار پەيدا بولىدىغان تۇپراقنى يوقاتمىغىچە شىنجاڭدا ئەمىنلىك بولمايدۇ، ھەر مىللەت خەلق خاتىرجەم ياشىيالمايدۇ. بىز ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، قەتئىي ھالدا مۇقىملىقنى قوغداشنى ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان سىياسىي ۋەزىپە، تەيشەن تېغىدىنمۇ ئېغىر سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىپ، تەۋرەنمەي، بىپەرۋالىق قىلماي، ئىككىلەنمەي، شەكىلۋازلىق قىلماي، قەتئىي، كەسكىن ھالدا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش «بىرىكمە مۇشت» تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جەڭنى جەڭگە ئۇلاپ قىلىپ، تۈگۈننى تۈگۈنگە ئۇلاپ تۇتۇپ، قەتئىي ھالدا دۈشمەن كۈچلەرگە ھېچقانداق پايدىلانغۇدەك پۇرسەت، تىنىۋالغۇدەك پۇرسەت، قايتا باش كۆتۈرگىدەك پۇرسەت، قايتا تىرىلگىدەك پۇرسەت بەرمەي، «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى خەلق ئۇرۇشىنىڭ بىپايان دېڭىزىغا غەرق قىلىشىمىز كېرەك.

دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقى تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى قەتئىي تۈگىتىش كېرەك. «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر پاكىتنى خالىغانچە بۇرمىلاپ، يالغاننى توقۇپ، پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسەتلىرىگە تۆھمەت چاپلاپ، ھەر مىللەت ئاممىنى قايمۇقتۇردى، ئالدىدى. بىز دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىنى ئۆگىنىش ۋە ئىشلىتىشنى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئالماشتۇرۇش، ئالاقىلىشىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، بىلىم ئېلىش يوللىرىنى كېڭەيتىش، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئاچقۇچلۇق تەدبىر قىلىشىمىز كېرەك. دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقى تەربىيەسىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق، ھەم ھەر مىللەت ئاممىنىڭ پۇقرالىق ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ماركسىزملىق «بەش قاراش» نى پۇختا تۇرغۇزۇشىمىز، ھەم ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كۆزىنى روشەنلەشتۈرۈپ، ھەق-ناھەقنى ئېنىق ئايرىپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ ئېغىر خەۋپىنى ئېنىق تونۇشىمىز، «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ رەزىل غەرىزىنى ئېنىق كۆرۈشىمىز، تېخىمۇ مۇھىمى، ھەر مىللەت ئاممىنى ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقنىڭ نەتىجىلىرىدىن بەھرىلەندۈرۈش جەريانىدا، نەپنىڭ نەدىن كەلگەنلىكىنى، كىمگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش كېرەكلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشىمىز، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلىشىمىز، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشىمىز كېرەك.

مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ئىجتىمائىي ئىناقلىق، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ پولات سېپىلىنى ئورتاق بەرپا قىلىش كېرەك. «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر يالغان سەپسەتە تارقىتىپ، مىللىي زىددىيەت قوزغاپ، شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنىڭ قان قېرىنداش ئەزالىرى ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلىپ، ھەر مىللەت خەلق قېرىنداشلاردەك ئىناق ئۆتىدىغان، ئۆزئارا ھەمدەم بولىدىغان ياخشى تۇرمۇش مۇھىتىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا ئۇرۇندى. پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىدىن بىۋاسىتە نەپ ئالغۇچى ۋە ئۇنى ئىجرا قىلغۇچى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بايرىقىمىز روشەن ھالدا خاتا قاراش ۋە خاتا گەپ-سۆزلەرنى تەنقىد قىلىپ ۋە ئۇنىڭغا رەددىيە بېرىپ، ئاساسنى پۇختىلاپ، مەنبەدىن ساپلاشتۇرۇپ، ئېغىشنى تۈزەپ، يۆنىلىشنى توغرىلاپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى «بىز جۇڭگولۇق» «بىزنىڭ ۋەتىنىمىز جۇڭگو» «بىزنىڭ مىللىتىمىز جۇڭخۇا مىللىتى» «بىزنىڭ مەدەنىيىتىمىز جۇڭخۇا مەدەنىيىتى» «بىزنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىمىز جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش» ئىكەنلىكىنى باشتىن- ئاخىر ئەستە چىڭ ساقلاپ، باشتىن-ئاخىر ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى قوغداشنىڭ پولات سېپىلىنى ئورتاق بەرپا قىلىشقا يېتەكلىشىمىز كېرەك.

شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمەنكى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى بولىدىكەن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ يېتەكلىشى بولىدىكەن، بىز «تۆت ئاڭ»نى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بىر مەقسەتتە ئىتتىپاقلاشساق، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلساقلا، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشتىن ئىبارەت بۇ مەيدان قاتتىق جەڭدە چوقۇم غەلىبە قىلالايمىز، بىزنىڭ ئەتىمىز چوقۇم تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ!