«ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىمەن

日期:2018年12月22日
来源:天山网
【字体:

لوپ ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ھاكىم دىلشات قۇربان

شىنجاڭ قەدىمدىن تارتىپ كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەت يۇغۇرۇلۇپ توپلاشقان جاي، ئۇزاقتىن بۇيان، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق قان قېرىنداشلاردەك ئۆتۈپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، بۇ گۈزەل زېمىننى ئورتاق ئېچىپ گۈللەندۈردى. ھالبۇكى، «ئۈچ خىل كۈچ» ۋەتەننى پارچىلاش جىنايى مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، بىمەنە سەپسەتە تارقىتىپ، ئىنسان قېلىپىدىن چىققان، كىشىنى غەزەپلەندۈرىدىغان زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنى سادىر قىلدى. «ئۈچ خىل كۈچ» ئادىمىيلىكىنى يوقىتىپ، قاتمۇ قات قانلىق قەرزگە بوغۇلدى، ھەممە ئادەمنى نەپرەتلەندۈردى! مەن ئۇلار ئۆتكۈزگەن سەككىز تۈرلۈك جىنايەتنى يىغىنچاقلاپ چىقتىم، قېرىنداشلارنىڭ باتۇرلۇق بىلەن ئورنىدىن دەس تۇرۇپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قەتئىي جازا يۈرۈش قىلىپ، ئۇلارنىڭ زەھىرىنى تەلتۆكۈس تازىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

بىرىنچى جىنايىتى: ئىنسانىيەتكە قارشى تۇرۇش. «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ قىلمىش- ئەتمىشلىرىگە قاراپ باقايلى، ئۇلار دىن بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، ئاممىنى قايمۇقتۇرۇپ، ئېقىمغا زىت ئىش تۇتۇپ، جانغا زامىن بولدى، ئۇلار ئادەم ئۆلتۈرۈش، پارتلىتىش قاتارلىق زەھەرخەندە ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، ئاممىغا زىيانكەشلىك قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، مال- مۈلكى ۋە بىخەتەرلىكىگە ئېغىر خەۋپ يەتكۈزدى.

ئىككىنچى جىنايىتى: جەمئىيەتكە قارشى تۇرۇش. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن بۇيان، پارتىيە رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئامما قەددىنى رۇسلاپ، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇپ، بەختلىك، گۈزەل تۇرمۇش كەچۈردى. ۋاھالەنكى، «ئۈچ خىل كۈچ» چايان كەبى نىيىتى ئارقىلىق، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىگە زەھەرخەندىلىك بىلەن ھۇجۇم قىلىپ، ئاممىنى تېلېۋىزور كۆرمەسلىككە، ناخشا ئېيتىپ ئۇسسۇل ئوينىماسلىققا قايمۇقتۇردى. قەبىھ ۋاسىتە ئارقىلىق ئىجتىمائىي تەرتىپنى دەپسەندە قىلغانلىق جەمئىيەتكە قارشى تۇرغانلىق بولماي نېمە؟ ئۇنىڭ ماھىيىتى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ خاتىرجەم، بەختلىك تۇرمۇشىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە تەرەققىياتقا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، ئەڭ ئاخىرىدا ۋەتەننى پارچىلاش جىنايى مەقسىتىگە يېتىشتىن ئىبارەت.

ئۈچىنچى جىنايىتى: مەدەنىيلىككە قارشى تۇرۇش. «ئۈچ خىل كۈچ» دىننى دەستەك قىلىپ، ئۇزۇن ساقال، نىقابلىق كىيىم ئارقىلىق ئۇيغۇر يىگىتلىرى، قىزلىرىنىڭ كېلىشكەن چىرايى ۋە گۈزەل ئۆرۈمە چاچلىرىنى يوشۇرۇپ، بىزنى ناخشا ئېيتتى، دەپ ئەيىبلەپ، ئۇسسۇل ئوينىدى دەپ ئەيىبلەپ، ئەسەبىي، قالاق، چىرىك تۇرمۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق بىزنى چۈشەپ قويۇش خام خىيالىدا بولدى.

تۆتىنچى جىنايىتى: مىللەتكە قارشى تۇرۇش. نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان، بىزنىڭ ئەجدادلىرىمىز ئىزچىل تىرىشچانلىقى ۋە ئەقىل- پاراسىتىگە تايىنىپ تارىخنى يارىتىپ كەلدى، ئىزچىل ناخشا- ئۇسسۇلى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىنى خاتىرىلەپ كەلدى، ئىزچىل ئاق كۆڭۈللۈكى ئارقىلىق گۈزەل ئەخلاقىمىزنى نامايان قىلىپ كەلدى، ئۇلار ئىزچىل ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئەزاسى. «ئۈچ خىل كۈچ» قۇتراتقۇلۇق قىلىپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى كۈچەپ تەرغىب قىلىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى سادىر قىلىپ، ئۇيغۇرلار بىلەن قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋىتىنى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇپ، ئۇيغۇرلارنى قاراڭغۇ يولغا مېڭىشقا يېتەكلەشكە تەلۋىلەرچە ئۇرۇندى.

بەشىنچى جىنايىتى: دىنغا قارشى تۇرۇش. ئىسلام دىنى تىنچلىقنى تەشەببۇس قىلىدۇ، كىشىلەرنىڭ ئۆزئارا ياردەم بېرىشى، ئۆزئارا ئەپۇ قىلىشى، ئۆزئارا يول قويۇشى، ئۆزئارا كۆيۈنۈشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەمما، «ئۈچ خىل كۈچ» «غازات قىلغانلار جەننەتكە كىرىدۇ» دېگەندەك ئەسەبىيلىك ئىدىيەلىرىنى كۈچەپ تەرغىب قىلىپ، كىشىنى چۆچۈتىدىغان بىر قاتار قانلىق زوراۋانلىق دېلولىرىنى سادىر قىلدى، دىنىي ئەقىدىلەرنى بۇرمىلاپ ئۆزگەرتىدىغان، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلارنى تۇيۇق يولغا باشلايدىغان بۇنداق ئۇسۇل دىنغا قارشى تۇرغانلىق بولماي نېمە؟

ئالتىنچى جىنايىتى: ئىتتىپاقلىققا بۇزغۇنچىلىق قىلىش. «ئۈچ خىل كۈچ» تۈرلۈك ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ مىللىي زىددىيەت پەيدا قىلىپ، ئۇيغۇرلاردىن باشقا مىللەتلەرنى چەتكە قاقتى ۋە ئۇلارغا دۈشمەنلىك نەزەرى بىلەن قارىدى. ئۇلارنىڭ بۇنداق قىلىشتىكى مەقسىتى نېمە؟ ھەر مىللەت ئاممىغا ۋەھىمە ھېس قىلدۇرۇش ئارقىلىق، ئۆزلىرىنىڭ ۋەتەننى پارچىلاش جىنايى مەقسىتىگە يېتىش، خالاس. ئىتتىپاقلىق، مۇقىملىق − بەخت، بۆلگۈنچىلىك، مالىمانچىلىق − ئاپەت. «ئۈچ خىل كۈچ» بىز ھەر مىللەتنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا قانچە ئۇرۇنغانسېرى، بىز مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى شۇنچە ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قۇدرەتلىك ئىتتىپاقلىق كۈچىنى مۇجەسسەملىشىمىز كېرەك.

يەتتىنچى جىنايىتى: ۋاپاغا جاپا قىلىش. پارتىيە ۋە دۆلەت شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە ئالاھىدە غەمخورلۇق قىلدى، مەملىكەت بويىچە 19 ئۆلكە، شەھەر شىنجاڭغا ئومۇميۈزلۈك نىشانلىق ياردەم بەردى. لوپ ناھىيەسىنى ئېلىپ ئېيتساق، دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 2011- يىلىدىكى 3428 يۈەندىن كۆپىيىپ 2016- يىلىدىكى 7015 يۈەنگە يەتتى. تۈرلۈك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشلىرىنىڭ يۈرگۈزۈلۈشى، بىر قاتار ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ قۇرۇلۇشى بىزنى پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسەتلىرى ئېلىپ كەلگەن ئۆزگىرىشلەردىن بەھرىمەن قىلدى. ئىشىنىمەنكى، چېكىدىن ئاشقان جىنايەت ئۆتكۈزگەن ھەر بىر زوراۋان- تېررورچى ئۇنسۇر ئىلگىرى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ شەپقىتىدىن بەھرىمەن بولغان، لېكىن ئۇلار گۆشنى يەپ بولۇپلا يۈز ئۆرۈپ ئادەم چىشلىدى، يامان گەپ قىلدى، پىتنە- ئىغۋا تارقاتتى، جاللاتلىق قىلىچىنى كۆتۈردى. بۇنداق كىشىلەر ئىگىسىنى تونۇمايدىغان ئىت، ۋاپاغا جاپا قىلىدىغان بۆرە!

سەككىزىنچى جىنايىتى: ئەسلىنى ئۇنتۇپ، ۋاپاسىزلىق قىلىش. ئاشۇ زوراۋان- تېررورچى ئۇنسۇرلارغا قاراپ بېقىڭ، ئۇلارنىڭ قايسى بىرى ئانا سۈتى ئېمىپ چوڭ بولمىغان؟ ئاتا- ئانىسى ئۇلارغا يۈز كېلەلمىگۈدەك نېمە ئىش قىلغانغا، ئۇيغۇر مىللىتى يەنە ئۇلارغا يۈز كېلەلمىگۈدەك نېمە ئىش قىلغانغا، ئۇلار بۇ يولدا مېڭىپ ئاتا- ئانىسىدىن ئۆچ ئالىدۇ، ئۆز مىللىتىدىن ئۆچ ئالىدۇ؟ زوراۋان- تېررورچى ئۇنسۇرلار زوراۋانلىق- تېررورلۇق ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللانغاندا، ئۆزىنى مىڭبىر جاپا- مۇشەققەتتە بېقىپ چوڭ قىلغان ئاتا- ئانىسىنى ئويلاپ باقتىمۇ؟ ئۆزى بىلەن بىللە ئويناپ چوڭ بولغان ئاكا- ئۇكا، ئاچا- سىڭىللىرىنى ئويلاپ باقتىمۇ؟ ئۇلار ئويلاپ يېتەلمەيدۇ، نەزەرىدە دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىلا بار بولغان ئۇلار ئاللىبۇرۇن ئادىمىيلىكىنى يوقاتقان، ئەسلىنى ئۇنتۇغان، ئۇلار ئۆزىنى بېقىپ ئۆستۈرگەن ئاتا- ئانىسى ۋە ئۇرۇق- تۇغقانلىرىغا پەقەت ئازابلا ئېلىپ كېلىدۇ، بۇ نەقەدەر شەخسىيەتچىلىك، نەقەدەر رەھىمسىزلىك!

«ئۈچ خىل كۈچ» ئۆتكۈزگەن جىنايەتنىڭ ئېغىرلىقىدىن كىشى قاتتىق غەزەپلىنىدۇ، بىزنىڭ ئۇلارنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىغا تاقەت قىلىپ تۇرۇشقا ھېچقانداق ئاساسىمىز يوق، ئۇلار ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق دۈشمىنى، بۇ ئۆچمەنلىك ئىنتايىن چوڭقۇر!

نېمە ئۈچۈن «ئۈچ خىل كۈچ» مۇشۇنداق غالجىرلىشىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن «ئۈچ خىل كۈچ»نى يوقىتىپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ؟ نېمە ئۈچۈن «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ يەنە مەۋجۇت بولۇش تۇپرىقى بولىدۇ؟ بۇنىڭ بىر مۇھىم سەۋەبى، كادىرلار قوشۇنىمىزنىڭ ئارىسىغا بىر قىسىم «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنىڭ يوشۇرۇنۇۋالغانلىقىدۇر. بۇ «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر كۆرۈنۈشتە ئىتائەت قىلغان بولۇپ، ئاستىرتىن خىلاپلىق قىلدى، يۇقىرىنى ئالداپ، تۆۋەندىن يوشۇردى؛ ئۇلار پەرۋاسىزلىق قىلىپ، بىر چەتتە قاراپ تۇردى؛ قانۇنسىز ھەرىكەتلەر، دىنىي ئەسەبىيلىك بىلەن شۇغۇللاندى؛ ئەھۋالنى بىلىپ تۇرۇپ مەلۇم قىلمىدى، قانات ئاستىغا ئالدى، يوشۇردى؛ كۈشكۈرتۈپ، قۇتراتقۇلۇق قىلدى، يوشۇرۇن مەبلەغ ياردىمى بەردى؛ ئىچكى- تاشقى جەھەتتىن تىل بىرىكتۈرۈپ، يىراقتىن ماسلاشتى؛ بىرلىشىپ ئەسكىلىك قىلدى، ئېغىز- بۇرۇن يالاشتى... دەل مۇشۇ «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر يالغان سادىق بولۇپ، راست بۆلگۈنچىلىك قىلىپ، دىققەتنى يالغان مەركەزلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي سىڭدۈرمىچىلىك قىلىپ، يالغان ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، راست بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، كادىرلار قوشۇنىنىڭ ئوبرازىنى خۇنۈكلەشتۈردى، كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلدى، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلارنى يامان يولغا باشلىدى، ئەسەبىي كەيپىياتنىڭ يامرىشىغا تۈرتكە بولدى. «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ قولچوماقچىلىرى، مىللىي مۇناپىقلار، دۆلەتنىڭ خائىنلىرى، خەلقنىڭ ئورتاق دۈشمەنلىرى، ئۇلار ۋاپاغا جاپا قىلدى، ئۇلار ھايۋانچىلىكمۇ ئەمەس! بىز كۆزىمىزنى روشەنلەشتۈرۈپ، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى قەتئىي تارتىپ چىقىپ، ئۇلارنى «ئۈچ خىل كۈچ» بىلەن تەڭ يوقىتىپ، تەڭ تارمار قىلىشىمىز كېرەك!

قېرىنداشلار، بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى چۆرىدەپ، بىر مەقسەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، دۈشمەنگە قارشى بىر سەپتە تۇرۇپ، ئىرادىمىزدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى قەتئىي پاش قىلىپ، تەنقىد قىلىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، تىرىشىپ ئەمگەكچان ئىككى قولىمىزغا تايىنىپ گۈزەل يۇرت- ماكانىمىزنى قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك.