باش نىشاننى خىزمەتنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرى ۋە پۈتۈن جەريانىدا ئەمەلىيلەشتۈرىمەن

日期:2018年12月19日
来源:天山网
【字体:

خوتەن ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەھكىمە باشلىقى ئەنۋەر ئىبرايىمجان

ئەمەلىيەت تولۇق ئىسپاتلىدىكى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى ئىنتايىن دانا، تامامەن توغرا؛ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ ئاتقان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش «بىرىكمە مۇشت»ى مەركەزنىڭ تەلىپىگە تامامەن ئۇيغۇن، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئارزۇسىغا ئۇيغۇن. بىز باشتىن-ئاخىر باش نىشاننى قەلبىمىزگە پۈكۈپ، زىممىمىزگە ئېلىپ، چىڭ تۇتۇپ، خىزمەتنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرى ۋە پۈتۈن جەريانىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاڭلىق ھالدا «يادرونى قوغدايدىغان، مەركەزگە مۇلازىمەت قىلىدىغان، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەيدىغان» مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئىدىيەسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، قەتئىي ھالدا بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ بىرىنچى سېپىدە، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشنىڭ بىرىنچى سېپىدە، قەلبنى، كۈچنى مۇجەسسەملەشنىڭ بىرىنچى سېپىدە تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىشىمىز كېرەك.

مەن شىنجاڭدا تۇغۇلۇپ يېتىلگەن كادىر، پارتىيەنىڭ ئىللىق نۇرىغا چۆمۈلۈپ ئۆسۈپ يېتىلدىم. مەن تۇغۇلغان، ئۆسۈپ يېتىلگەن تارباغاتاي ۋىلايىتىدە، خەنزۇ، قازاق، ئۇيغۇر، موڭغۇل، رۇس قاتارلىق كۆپلىگەن مىللەت بار، مەن كىچىكىمدىن تارتىپ ھەر مىللەت كىچىك دوستلار بىللە ئۆگىنىپ، بىللە چوڭ بولغان. ھازىر، مەن خىزمەت قىلىۋاتقان خوتەن ۋىلايىتىمۇ ھەر مىللەتتىن شەكىللەنگەن چوڭ ئائىلە بولۇپ، كۆپچىلىك ئۆزئارا ئىناق ئۆتۈپ، خاتىرجەم ياشاۋاتىدۇ. ھالبۇكى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، «ئۈچ خىل كۈچ» شىنجاڭ تارىخىنى ھە دەپ بۇرمىلاپ، «ئىككى پان» ئىدىيەسىنى تارقىتىپ، مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇترىتىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ئارىسىدىكى ئىتتىپاقلىققا ئېغىر تەسىر يەتكۈزدى. بىز چوقۇم ماركسىزملىق «بەش قاراش»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ھەق-ناھەقنى پەرقلەندۈرۈش، سىڭدۈرمىچىلىككە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىمىزنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك.

پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇپ، قەتئىي، كەسكىن ھالدا باش نىشاننى چۆرىدەپ، پارتىيەلىك كادىرلارغا خاس ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولۇمنى جارى قىلدۇرىمەن. باشتىن- ئاخىر باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنىنى قوغداشنى ئەڭ زور سىياسىي، ئەڭ مۇھىم سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدە قىلىپ، قەتئىي، كەسكىن ھالدا يادرونى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، يادرونى ھۆرمەتلەش، يادرونى قوغداش، يادروغا بويسۇنۇش، يادرونى ھىمايە قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يادروغا مۇتلەق سادىق بولۇپ، مەڭگۈ يادروغا يېقىندىن ئەگىشىمەن. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، قۇدرەتلىك ئۇيۇشتۇرۇش كۈچى ۋە يېتەكلەش كۈچىگە ئىگە سوتسىيالىستىك ئىدېئولوگىيەنى بەرپا قىلىمەن. «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى كۈچەيتىشنى كۆزلەپ، غايە- ئېتىقادىمنى چىڭىتىمەن؛ ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىشنى كۆزلەپ، مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرىمەن؛ مەنبەدىن ساپلاشتۇرۇشنى كۆزلەپ، خاتا پىكىر ئېقىمىنىڭ يىلتىزىنى چوڭقۇر قېزىپ چىقىمەن؛ ئۇسۇلنى ئىگىلەشنى كۆزلەپ، توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە چىڭ تۇرىمەن؛ كىشىلەر قەلبىنى قولغا كەلتۈرۈشنى كۆزلەپ، ئەبەدىي ئەمىنلىك ئاساسىنى پۇختىلاپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنىڭ شىنجاڭدا يىلتىز تارتىشىغا سىجىل تۈرتكە بولىمەن.

مەن ئاكىتىپ ھالدا «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى تەشكىللەپ، ئۇنىڭغا قاتنىشىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئېسىل ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىمەن. مەن شىنجاڭنىڭ «تۆت تارىخ»ىنى ئۆگىنىشنى ئىدىيە ۋە خىزمەت ئەمەلىيىتىگە زىچ باغلاپ، كادىرلار، ئاممىنى شىنجاڭنىڭ تارىخ، مىللەت، مەدەنىيەت، دىن قاتارلىق مەسىلىلىرىنى توغرا تونۇش ۋە ئۇنىڭغا توغرا مۇئامىلە قىلىشقا يېتەكلەپ، ماركسىزملىق «بەش قاراش»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزىمەن. ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ كۈچىنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، مۇھىم، زور مەسىلىلەر، مۇھىم تارىخىي پاكىتلار، مۇھىم قاراشلارنى ئاممىباب، چۈشىنىشلىك تىل بىلەن ھەر مىللەت ئاممىغا تولۇق چۈشەندۈرىمەن. قەتئىي، كەسكىن ھالدا «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنىڭ جىنايى سۇيىقەستىنى پاش قىلىپ، تەنقىد قىلىپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى مىللىي بۆلگۈنچىلىككە ئائىت سۆز- ھەرىكەتلەرگە ئاڭلىق قارشى تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈچ قوشۇشقا يېتەكلەيمەن.