مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئۆزۈمدىن باشلايمەن

كەلپىن ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم ئەزاسى زۇلخۇمار ئەركىن

日期:2019年11月09日
来源:新疆日报
【字体:

مەن پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈشىدە ساغلام ئۆسۈپ يېتىلگەن ھەم جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىشقا ئىرادە باغلىغان بىر ياش كادىر. مەن ئاساسىي قاتلام كادىر ئائىلىسىدىن، كەلپىندە تۇغۇلۇپ، كەلپىندە چوڭ بولۇپ، كەلپىندە ئۆي - ئوچاقلىق بولۇپ، خىزمەت قىلدىم. بالىلىق دەۋرىمدىن باشلاپلا ئائىلىمىز ھەر مىللەت قوشنىلار بىلەن بىللە تۇرمۇش كەچۈرەتتى، قوشنىلار ئىناق - ئىتتىپاق بولۇپ، خۇددى بىر تۇغقان قېرىنداشلاردەك ئۆتەتتۇق.

ئېسىمدە قېلىشىچە كىچىك ۋاقتىمدا، مېنىڭ ئۆيۈم ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ ئائىلىلىكلەر قورۇسىدا بولۇپ، بىر كوچىدا بىر نەچچە ئائىلە ئولتۇراقلاشقانىدى، بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر ئائىلە «شياۋلىزى رېمونتخانىسى» ئىدى. بىز بىر قانچە ئائىلىنىڭ مۇناسىۋىتى ناھايىتى ياخشى بولۇپ، ھەر قېتىملىق بايرام، دەم ئېلىش كۈنىدە، بىر نەچچە ئائىلە كىشىلىرى بىللە تاماق ئېتىپ، تاماق يەپ، پاراڭلىشاتتۇق، ئاشۇ ئىللىق كۆرۈنۈشلەر ئىزچىل مېنىڭ ئېسىمدە ساقلاقلىق، مەن باشتىن - ئاخىر ئاشۇ سەمىمىي چىن دوستلۇقنى ئۇنتۇپ قالمىدىم. ئۆسۈپ يېتىلىش سەرگۈزەشتىمنى ئەسلىسەم، ھەممىسىدە ھەرقايسى مىللەت ئاكا - ئۇكا، ئاچا - سىڭىللار ئىناق ئۆتۈپ، سېنىڭ - مېنىڭ دېيىشمەيدىغان، بىرلىكتە خۇشاللىققا چۆمۈپ ئىللىقلىققا تولغان كۆرۈنۈشلەر بار.

كىچىك ۋاقتىمدا، كەلپىن ناھىيە بازىرىدا بىرلا چوڭ كوچا بولۇپ، پۈتۈن ناھىيە بازىرىنى كېسىپ ئۆتەتتى، سەل چوڭراق ئىككى دۇكانلا بار ئىدى. ئېسىمدە قېلىشىچە شۇ چاغدىكى «چى نېڭ تاللا بازىرى»نىڭ دۇكان ئىگىسى خۇڭ فامىلىلىك بوۋاي ئىدى، مەن ۋە دوستلىرىم بۇ دۇكانغا بەك ئامراق ئىدۇق، ھەر قېتىم دۇكانغا بارغىنىمدا ئۇ مېنى «ئەركىننىڭ قىزى» دەپ چاقىراتتى، مەن ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىشنى ياخشى كۆرەتتىم، ئۇمۇ مېنى ئەركىلىتىشنى ياخشى كۆرەتتى، ھەر قېتىم دۇكاندىن ئايرىلىدىغان چاغدا بوۋاي ماڭا بىرنەچچە سېغىز كەمپۈت بېرەتتى، دەسلەپتە مەن خىجىل بولۇپ ئالمايتتىم، بىراق بوۋاينىڭ «قىزچاق، ئېلىڭە» دېگەن گېپىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، مەن رەت قىلمايدىغان بولدۇم. ھازىرغىچە، سېغىز كەمپۈتنى كۆرسەملا خۇڭ بوۋاينى ئەسلەيمەن. بىز ھەممىمىز بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك يېقىن ئۆتكەن قوشنىدارچىلىق مېھرىدىن، قېرىنداشلاردەك ساۋاقداشلىق مېھرىدىن، ئېغىر كۈنلەردە بىللە بولغان يېقىن دوستلۇق مېھرىدىن بەھرىمەن بولۇۋاتىمىز.

كىچىك ۋاقتىمدا، ھەر مىللەت دوستلىرىم بىلەن بىللە بازار ئايلىناتتۇق، بىللە لەڭپۇڭ يەيتتۇق، سامسا يەيتتۇق. ئۇ چاغدا ئاتا - ئانىمىز بەرگەن پارچە پۇللار ئاز بولغاچقا، بىز دائىم بىرلا سامسا سېتىۋېلىپ، ئۇ بىر چىشلەمدىن، بۇ بىر چىشلەمدىن ناھايىتى مەززە قىلىپ يەيتتۇق، كۆپچىلىك دائىم خۇشال - خۇرام ھالدا بازاردىكى ئېسىل تائاملاردىن بەھرىمەن بولاتتۇق.

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جان تومۇرى، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئالىي مەنپەئىتى. بىر دۆلەت كادىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن قەتئىي تەۋرەنمەي مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ماركسىزملىق «بەش قاراش» ۋە «ئۈچ ئايرىلالماسلىق» ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشنىڭ ئىدىيەۋى ئاساسىنى پۇختىلايمەن. «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىگە پائال قاتنىشىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈندىلىك تۇرمۇش، خىزمەت، ئۆگىنىش جەريانىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىشنى ئۆزۈمدىن باشلاپ، كىچىك ئىشلاردىن باشلاپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنى دائىم پورەكلىتىپ ئېچىلدۇرىمەن.