«ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى تەلتۆكۈس يوقىتىمەن

日期:2018年12月16日
来源:天山网
【字体:

ئاپتونوم رايونلۇق تۈرمە باشقۇرۇش ئىدارىسى ساقچى ئىشلىرىنى نازارەت قىلىش باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى غالىپ خېلىل

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش «بىرىكمە مۇشت» تەدبىرىنى يولغا قويۇپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى كۆپ، ئۈزلۈكسىز يۈز بېرىش ھالىتىنى تۈپتىن ئۆزگەرتتى، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ سىڭىپ كىرىشىنى ئۈنۈملۈك توستى، ھازىر ئىجتىمائىي ئومۇمىي ۋەزىيەت مۇقىم بولۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئىنتايىن زور دەرىجىدە ئاشتى. ئەمما «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر بىر كۈن تەلتۆكۈس يوقىتىلمىسا، ئۇلارنىڭ دۆلەتنى پارچىلاش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىش سۇيىقەستى بىر كۈن توختىمايدۇ، ئۇلارنىڭ جاللاتلىق قىلىچىنى ئۆزلۈكىدىن تاشلىشىدىن ئۈمىد كۈتكەنلىك گۆدەكلىك ۋە خەتەرلىك. ھەر مىللەت خەلق سەگەك بولۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ، قول تۇتۇشۇپ، بىرلىكتە «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، ئۇلارنى تەلتۆكۈس يوقاتقاندىلا، ئىناق، مۇقىم، گۈزەل شىنجاڭنى قۇرۇپ چىققىلى بولىدۇ.

ئۇزاقتىن بۇيان، شىنجاڭ خىزمىتى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشى ۋە زور كۈچ بىلەن قوللىشىغا ئېرىشتى، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى، ئىچكىرىدىكى ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ كۆپ يىلدىن بۇيان شىنجاڭغا خالىس نىشانلىق ياردەم بېرىشى يەنە شىنجاڭغا غايەت زور ئۆزگىرىش ۋە ياخشى تەرەققىيات پۇرسىتى ئېلىپ كەلدى. بىز شۇنى كۆرۈپ يېتىشىمىز كېرەككى، شىنجاڭنىڭ، بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش قاتارلىق ۋەزىپىلىرى يەنىلا ئىنتايىن مۈشكۈل. بىر قىسىم ئاممىنىڭ قانۇن توغرىسىدا بىلىدىغانلىرى ئىنتايىن ئاز بولغاچقا، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ زەھەرلىشىگە چوڭقۇر ئۇچرىدى. ئۇلار بىر تەرەپتىن، قالاق، چىرىك، كونا قائىدە- يوسۇن ۋە ناچار ئادەتلەرنىڭ كونتروللۇقى، ئىسكەنجىسىدە دىنغا ئېتىقاد قىلمايدىغانلارنى چەتكە قاقتى، بارلىق زامانىۋى ئىدىيە ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلىنى چەتكە قاقتى؛ يەنە بىر تەرەپتىن، مىللەت ئېڭى ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇپ، مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، يۇغۇرۇلۇشىنى چەتكە قاقتى، ئىدىيەسى مۇتەئەسسىپ بولۇپ، ئۆز-ئۆزىنى بېكىندۈرۈۋالدى. بۈگۈنكىدەك مۇشۇنداق ئىجادىي، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان دەۋردە، ئۇيغۇر ئامما دىننىڭ ئىسكەنجىسىدىن، تار مىللەتچىلىك ئېڭىدىن قۇتۇلۇپ چىقىپ، دىنىي تۈس ئالغان ئۆرپ-ئادەت ۋە قالاق تۇرمۇش ئۇسۇلىنى قەتئىي چۆرۈپ تاشلاپ، دۆلەت قانۇنىنى، دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىنى ئۆگىنىپ، مەدەنىيەت بىلىملىرى، پەن- تېخنىكا، كەسپىي ماھارەت ئۆگىنىپ، زامانىۋى تۇرمۇشقا ۋە دۆلەتنىڭ زور تەرەققىياتىغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن سىڭىشىشى كېرەك.

شىنجاڭنىڭ ئەدلىيە مەمۇرىيىتى سىستېمىسى شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى قوغداشتا مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرماقتا، شۇنداقلا غايەت زور خىرىسقا دۇچ كەلمەكتە. بىر تەرەپتىن، تۈرمە، زەھەر تاشلاتقۇزۇش ئورۇنلىرىنىڭ مۇتلەق بىخەتەرلىكىنى قوغداش مەسئۇلىيىتى زور، يەنە بىر تەرەپتىن، قوشۇنىمىزغا يوشۇرۇنۇۋالغان «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر زور يوشۇرۇن ئاپەت بولۇپ، خىزمىتىمىزگە بولغان خەۋپى ئىنتايىن زور. «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر ئېغىزىدا پارتىيەگە سادىق، دۆلەتكە سادىق بولۇۋېلىپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىگە بويسۇنغان، پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنغان بولۇۋېلىپ، ئاستىرتىن «ئۈچ خىل كۈچ» بىلەن تىل بىرىكتۈرىدىغان، دۆلەتنى پارچىلاشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇنىدىغان جىنايى قىلمىشلار بىلەن شۇغۇللاندى، ئۇلار سېپى ئۆزىدىن بۆلگۈنچى ئۇنسۇر، پارتىيەگە ئاسىيلىق قىلغان، دۆلەتكە ۋە خەلققە ئاسىيلىق قىلغان مىللىي مۇناپىقلاردۇر، جەزمەن ئۇلارنى ۋاقتىدا تەلتۆكۈس يوقىتىش كېرەك، بەزى دېلو مىساللىرى بىزگە شۇنى ئۇقتۇردىكى، يېنىدىكى ئادەمنىڭ «سۆزىنى ئاڭلاپ»لا قالماي، يەنە «ھەرىكىتىگە قاراش» كېرەك، ئەگەر ئۇنىڭ ئالدىدا بىر خىل، كەينىدە بىر خىل ئىكەنلىكىنى بايقىغان ھامان دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، دادىل، قەتئىي كۈرەش قىلىش كېرەك، كۆڭلىدە بىلىپ تۇرۇپ، ئېغىزىدا ھاماقەت بولۇۋېلىشقا، مەن بىلەن مۇناسىۋەتسىز دەپ كارى بولماسلىققا، ھەتتا «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنىڭ قولچوماقچىسى بولۇشقا قەتئىي بولمايدۇ.

پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى كۈرەشتە مەن قەتئىي ھالدا شۇنداق قىلىمەنكى:

سىياسىي مەيدانىمنى مۇستەھكەملەپ، پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولىمەن. قەتئىي ھالدا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ھەر ۋاقىت كاللامنى سەگەك تۇتۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تۈرلۈك خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە تەلىپىنى پوزىتسىيەدە ئىككىلەنمەي، ھەرىكەتتە سۇسلۇق قىلماي كەم- كوتسىز ئەمەلىيلەشتۈرىمەن.

پارتىيە ئەزالىق سالاھىيىتىمنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، نەمۇنە، ئۈلگە بولىمەن. سىياسىي ئىنتىزام، سىياسىي قائىدە ۋە بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ئىنتىزامىغا قاتتىق رىئايە قىلىپ، قەتئىي ھالدا «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى كۈرەش قىلىمەن. خىزمەتتە، تۇرمۇشتا پارتىيە ئەزالىرىغا قويۇلىدىغان تەلەپ، ئىنتىزام، بەلگىلىمە بويىچە ئۆزۈمگە قاتتىق چەك قويۇپ، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ سالاھىيىتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان سۆز- ھەرىكەتلەرنى قەتئىي تۈزىتىپ، ئۆز سالاھىيىتىمگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان تۇرمۇش ئۇسۇلى، ئۆرپ-ئادەتلەرنى چۆرۈپ تاشلايمەن. ئۆزۈم ۋە ئائىلەمدىكىلەر دىنىي تۈس ئالغان ھەرقانداق پائالىيەتلەرگە قەتئىي قاتناشمايمىز، ئۇرۇق-تۇغقان، دوستلىرىمغا پائال تەربىيە قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق ئۈلگىلىك رولۇمنى ياخشى جارى قىلدۇرىمەن.

مەسئۇلىيەتنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن زىممىگە ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرىمەن. خىزمەتتە سىياسىي ئىرادەمنى مۇستەھكەملەپ، باشلامچىلىق بىلەن ئىستىلىمنى ياخشىلاپ، قەتئىي، كەسكىن ھالدا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش «بىرىكمە مۇشت» تەدبىرىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بوشاڭلىق قىلمايمەن، ئىككىلەنمەيمەن، شەكىلۋازلىق قىلمايمەن، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئالدىدا مېڭىپ، ئاساسىي قاتلامغا چۆكۈپ، تۈرلۈك تۈرمە باشقۇرۇش بىخەتەرلىك تەدبىرىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ، يوشۇرۇن خەۋپنى تەكشۈرۈپ، يوچۇقنى ئېتىپ، كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاپ، بايقىغان مەسىلىنى ۋاقتىدا تۈزىتىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، مەسئۇلىيەت ئالدىدا جاۋابكار بولۇش، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش ئۈچۈن تېگىشلىك رولۇمنى جارى قىلدۇرىمەن.