مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ياخشى ئۈلگىسى بولىمەن

ئاقسۇ ۋىلايەتلىك تاشقى ئىشلار ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى غۇنچەم جۈمە

日期:2019年09月03日
来源:新疆日报
【字体:

مەن باي ناھىيەسىنىڭ ئونباش يېزىسى كونا تۇر كەنتىدە تۇغۇلغان، بوۋام كەنتتىكى مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزاسى، كۆپ يىل كەنت كادىرى بولغان، ئاتا - ئانام ساۋاتلىق دېھقان. بوۋام كونا جەمئىيەتنىڭ تۈرلۈك جاپا - مۇشەققەتلىرىنى باشتىن كەچۈرگەن بولغاچقا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، دائىم كونا جەمئىيەت بىلەن يېڭى جەمئىيەتنى سېلىشتۇرۇپ، بىزگە پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش تەربىيەسى بېرەتتى. كىچىك بوۋام 20 يىلغا يېقىن كەنت ياچېيكا شۇجىسى بولغان، ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە كەنتتە مىللىيلار بىلەن خەنزۇلار ئارىلاش ئوقۇيدىغان باشلانغۇچ مەكتەپ بار ئىدى. مېنىڭ ئېسىمدە، ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، ئىتتىپاقلىشىپ، دوستانە ئۆتكەن كۆرۈنۈشلەر، شۇنداقلا كونا تۇر كەنتىدىكى ھەر مىللەت كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىناق بىللە ئۆتۈپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، گۈزەل تۇرمۇش بەرپا قىلىشتىكى تەسىرلىك كۆرۈنۈشلەر بار.

ئىلگىرى يۈزبەرگەن بىر ئىش مەن ۋە بىزنىڭ جەمەتىمىزگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن. ئاتا - ئانامنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە، ئادەتتىن تاشقىرى بىر قەھرىتان سوغۇق كۈندە، شەھەردىن چىققان ۋۇ فامىلىلىك بىر ئائىلە بالىلىرىنى ئېلىپ كەنتكە كېلىپ ماكانلاشقان، لېكىن ئەينى ۋاقىتتا كەنت ئۇلارغا ئولتۇرۇشقا ئۆي بېرەلمىگەچكە، ئاتا - ئانام تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇلارغا بىرنەچچە ئېغىز ئۆيىنى بوشىتىپ بەرگەن، ئائىلىمىز ۋۇ ئائىلىسى بىلەن قوشنا بولۇپ قالغان. شۇ يىلى قىشتا، بوۋام ناھىيە بازىرىغا بازارلىق قىلغىلى كېتىۋاتقان يولدا بەختكە قارشى قاتناش ۋەقەسى يۈزبەرگەن، يۇرتداشلار دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ جىددىي قۇتقۇزغان. ئەينى چاغدا بوۋامغا تال يېرىلغان دەپ دىياگنوز قويۇلغان، ئەھۋال ئىنتايىن خەتەرلىك بولۇپ، كۆپ مىقداردا قان بېرىشكە توغرا كەلگەن. قاتناش ۋە خەۋەرلىشىش شارائىتىنىڭ چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن، قان تىپى ماس كېلىدىغان ئائىلە كىشىلىرى بىلەن ۋاقتىدا ئالاقىلىشىش مۇمكىن بولمىغاچقا، بوۋامنىڭ ھاياتى خەۋپ ئىچىدە قالغان. نەق مەيداندىكى يۇرتداشلارنىڭ قان تىپىمۇ ماس كەلمىگەن، پەقەت بازارغا بىللە ماڭغان سۇڭ لەيشىن ئىسىملىك بىر يىگىتنىڭ قان تىپى ماس كېلىپ قالغان، ئۇ قوشنىمىزنىڭ ئىنىسى ئىكەن. سۇڭ لەيشىن ھېچنېمە دېمەيلا، يېڭىنى تۈرۈپ بوۋامغا قان بەرگەن. بۇ خەنزۇ يىگىتنىڭ قېنى بوۋامنىڭ قان تومۇرىغا ئېقىپ كىرگەندىن كېيىن، ھوشسىز ياتقان بوۋام كۆزىنى ئاچقان! سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن، بوۋام يەنە 30 يىلغا يېقىن ساغلام تۇرمۇش كەچۈرگەن، ئائىلىمىزدىكىلەر ۋۇ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ياخشى قوشنىلاردىن بولۇپ قالغان. بىز پۈتۈن ئائىلىدىكىلەر تا ھازىرغىچە سۇڭ لەيشىننىڭ جاننى قۇتقۇزۇپ قېلىشتەك شەپقىتىنى ئۇنتۇپ قالمىدۇق.

چوڭلارنىڭ تەسىرىدە، ئوقۇش ۋە خىزمەت جەريانىدا مەن نۇرغۇن ھەر مىللەت دوستلار بىلەن تونۇشتۇم، بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ ياخشى ئىككى خەنزۇ دوستۇم بار، بىرىنىڭ ئىسمى تيەن يىنپىڭ، يەنە بىرىنىڭ ئىسمى تيەن خەيخۇا، ھازىر ئىككىسى ئايرىم - ئايرىم ھالدا گەنسۇنىڭ نىڭشيەن ناھىيەسىدە ۋە سىچۇەن چېڭدۇدا خىزمەت قىلىۋاتىدۇ، ئۇلار مېنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپتىكى يېقىن دوستلۇرۇم. گەرچە بىز ئۈچ جايدا تۇرۇۋاتقان بولساقمۇ، لېكىن يىللارنىڭ سىنىقىدىن ئۆتكەن دوستلۇقىمىز كۈنسېرى چوڭقۇرلاشتى. بىز ئۈچ ئائىلىدىكى ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ھەممىسى ئۆزئارا تونۇشىدۇ، دائىم بېرىش - كېلىش قىلىپ تۇرىدۇ، بىزنىڭ ئەرلىرىمىز ۋە بالىلىرىمىز بىز ئۈچىمىزنىڭ دوستلۇقىغا ھەۋەس قىلىدۇ.

مېنىڭ ئىككى قىزىممۇ ھەر مىللەتتىن دوست تۇتۇشنى بەك ياخشى كۆرىدۇ. چوڭ قىزىمنىڭ ئەڭ يېقىن دوستى بىر موڭغۇل قىز، ئىسمى ئۇدام؛ كىچىك قىزىمنىڭ ئەڭ يېقىن دوستى بىر خەنزۇ قىز، ئىسمى لېي زىيىڭ. بالىلارنىڭ مىللەت ھالقىغان سەمىمىي دوستلۇقىنى كۆرۈپ، مەن «ئۈچ ئايرىلالماسلىق» ئىدىيەسىگە قارىتا تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇشقا ئىگە بولدۇم.

يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىدا، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ زور كۈچ بىلەن ياردەم بېرىشىدە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق تىرىشىپ كۈرەش قىلىش ئارقىلىق بالدىنمۇ شېرىن كۈن ئۆتكۈزۈۋاتىدۇ، بىز ھەر مىللەت ئىتتىپاق، دوستانە ئۆتىدىغان ئىللىق چوڭ ئائىلىدە بەختلىك ياشاۋاتىمىز. پارتىيەنىڭ ئىللىق قۇياش نۇرىغا چۆمۈلۈپ ئۆسۈپ يېتىلگەن پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ياخشى ئەنئەنىسىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ۋارىسلىق قىلىپ، پەرزەنتلىرىم، ئەتراپىمدىكى ئامما ئۈچۈن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ياخشى ئۈلگىسىنى تىكلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۆز تۆھپەمنى قوشىمەن.