بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراقنى مەڭگۈ كىچىك ھويلىدا ئېگىز جەۋلان قىلدۇرىمەن

چۆچەك شەھىرى يېڭىشەھەر كوچا باشقارمىسى قارادۆڭ مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى سالىقجان ئىمىن

日期:2019年09月03日
来源:新疆日报
【字体:

مەن كونا جەمئىيەتتە تۇغۇلۇپ، قىزىل بايراق ئاستىدا چوڭ بولدۇم، كۆپ يىل پارتىيەنىڭ تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈشىدە بولدۇم. مەن بۇ يىل 73 ياشقا كىردىم، 2009- يىلىدىن باشلاپ ھەر ھەپتىدە كىچىك ھويلامدا دۆلەت بايرىقى چىقىرىپ، دۆلەت بايرىقى ئاستىدا ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى باش تېما قىلىنغان لېكسىيە سۆزلەپ كەلدىم. بارغانسېرى كۆپلىگەن كىشى ئۆزلۈكىدىن ھويلامغا كېلىپ دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمىغا قاتنىشىپ، بۇ ئارقىلىق پارتىيە ۋە ۋەتەنگە بولغان مىننەتدارلىق ھېسسىياتىنى ئىپادىلەيدىغان بولدى.

ئون يىلنى بىر كۈندەك ئۆتكۈزۈپ بۇ ئىشنى داۋاملاشتۇرۇشۇمدىكى سەۋەب، ئاتا - ئانام ۋە ئازادلىق ئارمىيەنىڭ ماڭا بولغان تەسىرىنىڭ چوڭقۇرلۇقىدىن بولغان. 1950- يىلى، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى مەلۇم قىسمى چۆچەك شەھىرىگە كەلگەندە، دەماللىققا تۇرىدىغان جاي تاپالماي قالغانىدى. ئاتا - ئانام ھويلىمىزدىكى تۆت ئېغىز ئۆينى بوشىتىپ بەردى، يەنە ھويلىدىكى بىكار يەرنى ئازادلىق ئارمىيەنىڭ كۆكتات تېرىشى ئۈچۈن تاپشۇرۇپ بەردى. سەككىز يىل ۋاقىتتا، بىز جەڭچىلەر بىلەن خۇددى بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئىناق ئۆتتۇق. ئۇ چاغدا ھويلىمىزدا بىر قىزىل بايراق لەپىلدەپ تۇراتتى، بۇ كۆرۈنۈش كاللامغا چوڭقۇر ئورناپ كەتكەنىدى. ئازادلىق ئارمىيەنىڭ خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلغاندىكى ھەربىر سۆز ھەرىكىتىنىڭ تەسىرىدە، مەن پارتىيە ۋە دۆلەت، جەمئىيەت ئۈچۈن كۆپرەك ياخشى ئىش قىلىش ئېتىقادىمنى مۇستەھكەملىدىم.

پارتىيەنىڭ شەپقىتىگە ئېرىشكەن، يېڭى دەۋرنىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن بەھرىمەن بولغان پۇقرا بولۇش سۈپىتىم بىلەن، باشتىن - ئاخىر شۇنداق قارايمەنكى، ئۇلۇغ پارتىيە ۋە ئۇلۇغ ۋەتەن بولمىسا، شىنجاڭنىڭ بۈگۈنكى تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشى بولمايتتى، ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىمۇ بولمايتتى، مەن ۋە كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى، ئىلگىرىلىشى تېخىمۇ بولمايتتى. پارتىيە بىزنى بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتۈردى، مەن پارتىيەنى قىزغىن سۆيىمەن، ۋەتەننى قىزغىن سۆيىمەن، يۇرتۇمنى قىزغىن سۆيىمەن، مەڭگۈ پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىمەن.

مۇنداق بىر ماقال - تەمسىل ناھايىتى ياخشى ئېيتىلغان: «ئالتۇن - كۈمۈش ھەقىقىي بايلىق ئەمەس، ئىتتىپاقلىق - ئىناقلىق ھەقىقىي بەخت.» مېنىڭ ھەر مىللەت ئاممىغا شۇنداق دېگۈم بار، شىنجاڭدىكى مىللەتلەر جۇڭخۇا مىللىتى ئائىلىسىنىڭ قان - قېرىنداش ئەزالىرى، ئۆزئارا چۈشىنىپ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، ئۆزئارا كەڭ قورساق بولۇپ، ئۆزئارا زوقلىنىپ، ئۆزئارا ئۆگىنىپ، ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، تىرىشىپ پارتىيەنى قىزغىن سۆيىدىغان، ۋەتەننى قىزغىن سۆيىدىغان، جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنى قىزغىن سۆيىدىغان نەمۇنىچىلاردىن بولۇشىمىز، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىمىزنى ئاسرىغاندەك ئاسرىشىمىز، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ھاياتىمىزنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلىشىمىز، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش قايسى بىر كىشىنىڭلا مەسئۇلىيىتى بولماستىن، بەلكى بىز شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى.

بۇنىڭدىن كېيىن، مەن ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ئۆزۈم ئۈلگە بولۇپ، ئەخلاق نەمۇنىچىسىنىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، دۆلەت بايرىقى چىقىرىش ۋە لېكسىيە سۆزلەشنى داۋاملاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىغا پارتىيەنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى پائال تەشۋىق قىلىپ، ياخشى باشلامچى بولۇپ، ئۈلگە بولۇپ، ھەربىر كىچىك ھەرىكىتىم ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئورتاق قوغداشقا تەسىرلەندۈرۈپ، تەسىر كۆرسىتىپ ۋە يېتەكلەپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغداشنىڭ پولات سېپىلىنى بەرپا قىلىپ، ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن كۈچ قوشىمەن.