مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ باشلامچىلىرىدىن، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ ئىلگىرى سۈرگۈچىلىرىدىن بولىمەن

日期:2018年12月09日
来源:天山网
【字体:

بورتالا شەھەرلىك پارتكوم ئالاقە تورى ئۇچۇرى ئىشخانىسىنىڭ كادىرى ئابدۇرۇسۇل

ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈش، شىنجاڭنى قۇرۇش بىز ھەر بىر شىنجاڭلىقنىڭ شەرەپلىك بۇرچى، پارتىيەگە سادىق بولۇش، خالىس تۆھپە قوشۇش ھەر بىر پارتىيەلىك كادىرنىڭ ئەڭ ئاساسىي مەجبۇرىيىتى ۋە مەسئۇلىيىتى. بورتالادا تۇغۇلغان، بورتالادا ئۆسۈپ يېتىلگەن، بورتالادا خىزمەت قىلىدىغان شىنجاڭلىق بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە يۇرتۇمدا يۈز بەرگەن غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ سىڭىشىپ ئورتاق ياشايدىغان، ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان چوڭقۇر ئۇرۇق- تۇغقانلىق ھېسسىياتىنى ھېس قىلدىم، كەڭ قورساقلىق، كۆپ خىللىقتىن ئىبارەت جۇڭخۇانىڭ مۇنەۋۋەر مەدەنىيىتىنىڭ ئالاھىدە جەلپكارلىقىنى ھېس قىلدىم. مەيلى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە، خىزمەتكە چىققاندىن كېيىن، تۇرمۇشتا بولسۇن، مەن ھەر مىللەت ساۋاقداشلىرىم، ئوقۇتقۇچىلىرىم، رەھبەرلىرىم، خىزمەتداشلىرىم ۋە دوستلىرىمنىڭ ياردىمى، غەمخورلۇقى، قوللىشىغا ئېرىشىپ، پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىنى تولۇق ھېس قىلدىم. ئەگەر پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتى بولمىسا، ھەر مىللەت ئاكا- ئۇكا، ئاچا- سىڭىللارنىڭ خالىس ياردىمى بولمىسا، مېنىڭ ئىلگىرىلىشىممۇ بولمايتتى، شۇڭا مەن چىن قەلبىمدىن پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن، ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن.

ھالبۇكى، چېگرا ئىچى- سىرتىدىكى «ئۈچ خىل كۈچ» «مىللەت»، «دىن»نى دەستەك قىلىپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى تارقىتىپ، مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇترىتىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنى سادىر قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىققا ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلدى. «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ جىنايى قىلمىشلىرىدىن ھەر مىللەت ئامما قاتتىق نەپرەتلەندى.

«ئۈچ خىل كۈچ» شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق دۈشمىنى، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش ھەر بىرىمىزنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى. مەن مىللىي بۆلگۈنچىلەرنىڭ بىزنىڭ مۇقىم- ئىناق چوڭ ياخشى ۋەزىيىتىمىزگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا قەتئىي يول قويمايمەن، ئۇلارنىڭ بىزنىڭ قان بىلەن گۆشتەك يېقىن مىللەتلەر ئارا دوستلۇقىمىزغا خالىغانچە زىيان يەتكۈزۈشىگە قەتئىي يول قويمايمەن. مالىمانچىلىق− ئاپەت، مۇقىملىق− بەخت، مۇقىملىق بىزنىڭ بارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشىمىزنىڭ ئاساسى، مەيلى قانداق ئەھۋالدا بولسۇن، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. مەن باشتىن- ئاخىر قەتئىي تەۋرەنمەي مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتىغا بولغان تونۇشۇمنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەيمەن. باشتىن- ئاخىر «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ شىنجاڭنىڭ تىنچلىقى، ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش جىنايى مەقسىتىنى سەگەكلىك بىلەن ئېنىق تونۇپ، «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى، جەمئىيەتكە قارشى، مەدەنىيلىككە قارشى ماھىيىتىنى تەشەببۇسكارلىق، باشلامچىلىق بىلەن پاش قىلىپ، تەنقىدلەپ، ئەتراپىمدىكى ھەر مىللەت ئاممىنى «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ ئەكسىيەتچىل ماھىيىتى ۋە رېئال خەۋپىنى ئېنىق تونۇشقا، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ سىڭدۈرمىچىلىكىگە قەتئىي تاقابىل تۇرۇشقا، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىشقا تەربىيەلەپ، يېتەكلەپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈچۈمنى بېغىشلايمەن.

ئىدېئولوگىيە ساھەسى ئىس- تۈتەكسىز مۇھىم جەڭگاھ، كۈرەش ئادەتتىن تاشقىرى كەسكىن، مۇرەككەپ بولۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىگە، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا ۋە ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك، شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكى ۋە ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئومۇملۇقىغا تېخىمۇ بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك. بىز بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىكلىكى، مۇرەككەپلىكى ۋە مۈشكۈللۈكىنى چوڭقۇر تونۇپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ سىياسىي سەزگۈرلۈكى ۋە سىياسىي پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، كەڭ كادىرلار، ئاممىنى ئىلگىرىلىگەن ھالدا ۋەزىيەتنى ئېنىق تونۇشقا، ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈشكە، تونۇشنى ئۆستۈرۈشكە، تېخىمۇ ئاكتىپلىق، تەشەببۇسكارلىق بىلەن «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىشقا، شىنجاڭنىڭ ئىتتىپاقلىق، مۇقىملىق چوڭ ياخشى ۋەزىيىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغداش ۋە مۇستەھكەملەشكە سەپەرۋەر قىلىشىمىز كېرەك. بىزمۇ نۆۋەتتىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ۋەزىيىتىنىڭ يەنىلا كەسكىنلىكىنى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش ۋەزىپىسىنىڭ يەنىلا ئىنتايىن مۈشكۈللۈكىنى تولۇق تونۇشىمىز، دۈشمەنگە قارىتا ھەرقانداق تەلەي سىناش ۋە كەڭ قورساق بولۇشنىڭ، دۈشمەنگە قارىتا ھەر قانداق يۇمشاق قوللۇق قىلىشنىڭ ئۆزى دۆلەت، خەلق ئالدىدا جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىك ئىكەنلىكىنى تولۇق تونۇشىمىز كېرەك. بىز ئىشقا سېلىشقا بولىدىغان بارلىق بايلىقنى ئىشقا سېلىپ، سەپەرۋەر قىلىشقا بولىدىغان بارلىق كۈچلەرنى سەپەرۋەر قىلىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايى ھەرىكەتلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىشنىڭ يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى شەكىللەندۈرۈشىمىز، زوراۋان- تېررورچىلارنىڭ ھەيۋىسىنى قەتئىي يەرگە ئۇرۇشىمىز، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك.

مەن زىممەمدىكى مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچنى چوڭقۇر بىلىمەن، قەتئىي، كەسكىن ھالدا پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، تىرىشىپ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ باشلامچىلىرىدىن ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ ئىلگىرى سۈرگۈچىلىرىدىن بولىمەن؛ پۈتۈن جەمئىيەتكە مىللەتلەر بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئاكتىپ كۈچىنى، مۇقىملىقنىڭ ئاكتىپ كۈچىنى پائال تارقىتىمەن؛ باشتىن- ئاخىر سىياسىي ئاڭ، ئومۇملۇق ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، مىللەتلەر بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، قەتئىي، كەسكىن ھالدا مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈچۈمنى بېغىشلايمەن.