«ئۈچ خىل كۈچ»كە قەتئىي زەربە بېرىپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغدايمەن

قاراقاش ناھىيەلىك مائارىپ مۇپەتتىش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ئابدۇخېلىل زۇلقادىر

日期:2019年05月12日
来源:天山网
【字体:

يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە چەكسىز غەمخورلۇق قىلىپ، نۇرغۇن يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلدى. بىز شۇنى چوڭقۇر تونۇپ يەتتۇقكى، ۋەتەننىڭ گۈللىنىشى، قۇدرەت تېپىشى بولمىسا، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەختى، خاتىرجەملىكى بولمايتتى؛ بىزنىڭ بۈگۈنكى ياخشى كۈنلىرىمىز پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىدىن كەلگەن، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ خالىس ياردىمىدىن كەلگەن. بىز ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىزدىن كۈتكەن سەمىمىي ئۈمىدىگە جاۋاب قايتۇرۇپ، گۈزەل يۇرت - ماكانىمىزنى ياخشى قوغداپ، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنى ئورتاق قۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.

شىنجاڭ ئەزەلدىن كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، كۆپ خىل مەدەنىيەت گىرەلەشكەن، كۆپ خىل دىن تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان رايون، شەرق - غەرب مەدەنىيلىكىنىڭ ئالمىشىشىدىكى مۇھىم يول بولۇپ كەلگەن. ئۇزاق تارىخىي مۇساپىدە، مىللەتلەر ئالاقىلىشىپ، ئالماشتۇرۇپ، ئارىلىشىپ، بىللە ياشاپ، بىللە ئۆگىنىپ، بىللە ئىشلەپ، بىللە كۆڭۈل ئېچىپ، ئېجىل - ئىناق ئۆتتى، بىر ياقىدىن باش چىقاردى، ئىناق تەرەققىي قىلدى.

شىنجاڭ جۇڭگو زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى، شىنجاڭدىكى مىللەتلەر جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ قان قېرىنداش ئائىلە ئەزالىرى. مىڭ يىللاردىن بۇيانقى تارىخ شۇنى قايتا - قايتا ئىسپاتلىدىكى، پەقەت مىللەتلەر ئىتتىپاقلاشسا، ئاندىن ئورتاق گۈللىنىش، تەرەققىي قىلىش، يۈكسىلىشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق ئارزۇسى.

«ئۈچ خىل كۈچ» ھەممىمىزنىڭ ئورتاق دۈشمىنى، ئۇلار سادىر قىلغان بىر قاتار زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرى ئۇلارنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى، جەمئىيەتكە قارشى، مەدەنىيلىككە قارشى ماھىيىتىنى ئاشكارىلىدى. بىز پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، مەردانە ھالدا «ئۈچ خىل كۈچ»كە جەڭ ئېلان قىلىپ، «ئۈچ خىل كۈچ» ۋە «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە ئەجەللىك زەربە بېرىشىمىز كېرەك.

مەن مەيدانىم مۇستەھكەم، بايرىقىم روشەن ھالدا «ئۈچ خىل كۈچ» ۋە «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى كۈرەش قىلىپ، بىزنىڭ تەستە قولغا كەلگەن گۈزەل تۇرمۇشىمىزنى ياخشى قوغداپ، گۈزەل يۇرت - ماكان قۇرۇپ، ۋەتەن ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرىمەن.