تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشتىن ئىبارەت بۇ مەيدان قاتتىق جەڭدە قەتئىي غەلىبە قىلىمەن

日期:2019年04月05日
来源:天山网
【字体:

ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ ئەزاسى، مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى مەمەت ساۋۇت

مەن دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، قەدەممۇقەدەم ھازىرقى خىزمەت ئورنۇمغا چىقالىشىم پارتىيەنىڭ كۆيۈنۈشى، غەمخورلۇقىدىن بولغان، پارتىيە بولمىسا بۈگۈنكى مەن بولمايتتىم. مەن ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشتىن ئىبارەت بۇ مەيدان قاتتىق جەڭدە قەتئىي غەلىبە قىلىمەن.

پارتىيەۋىلىكىمنى تاۋلاپ، پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇش سىياسىي پەزىلىتىمنى چىڭىتىمەن. مەن ئۈزلۈكسىز ھالدا «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئەڭ چوڭ سىياسىي قىلىپ، باشتىن - ئاخىر باش نىشاننى قەلبىمگە پۈكۈپ، زىممەمگە ئېلىپ، ھەرىكىتىمدە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇقىملىقنى قوغداشنى ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان سىياسىي ۋەزىپە، تەيشەن تېغىدىنمۇ ئېغىر سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىپ، كۈچنى مۇجەسسەملەپ دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، «بىرىكمە مۇشت»نى ياخشى ئېتىپ، ياخشى باشلامچى بولۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇش، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمەن.

مەسئۇلىيەتنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، دادىللىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممەمگە ئالىمەن. باشتىن - ئاخىر پارتىيە ۋە خەلق مەنپەئىتىنى قەلبىمدە ئەڭ يۈكسەك ئورۇنغا قويۇپ، پارتىيەگە، دۆلەتكە ئۆزۈمنى بېغىشلاپ، پارتىيەگە، دۆلەتكە جاۋاب قايتۇرۇپ، پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن ئومۇم ئۈچۈن، خەلق ئۈچۈن ئىشلەپ، باشتىن - ئاخىر كۈچلۈك كەسىپچانلىق ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى ساقلاپ، خىزمەت ئورنۇمنى بازا بىلىپ ساقلايمەن، خىزمەتنى كەسىپ بىلىپ ئىشلەيمەن، تۆھپە قوشۇشنى مەجبۇرىيەت، دەپ بىلىمەن. نۆۋەتتە شىنجاڭ ھېلىھەم «ئۈچ مەزگىل گىرەلىشىپ كەتكەن» ئالاھىدە تارىخىي مەزگىلدە تۇرۇۋاتىدۇ، بۇ، كەڭ كادىرلارنىڭ سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىشى، كۈرەش قىلىش روھىنى ئۆستۈرۈشى، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشكە جۈرئەت قىلىشى، نوچىلىرىغا تېگىشكە جۈرئەت قىلىشى، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشقا جۈرئەت قىلىشى، جەڭ قىلىشقا جۈرئەت قىلالايدىغان، جەڭدە غەلىبە قىلالايدىغان بولۇشى، بولۇپمۇ ھالقىلىق پەيتتە ئوتتۇرىغا چىقالايدىغان، مەھكەم تۇرالايدىغان، غەلىبە قازىنالايدىغان بولۇشىغا تېخىمۇ موھتاج. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش توغرىسىدىكى تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرۇش، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قېيىپ كەتمەي، چەتنەپ كەتمەي، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، مەسئۇلىيەت ئالدىدا جاۋابكار بولۇش، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قەتئىي تۈردە «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىمەن.

ئۆزۈمنى باشقۇرۇپ، تۆۋەن چەكنى ساقلايمەن. ئۆزۈمنى چەكلەپ تۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئۆزۈمنى ئۈزلۈكسىز ئۆزگەرتىپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، قەلبىمدىكى چاڭ - توزانلارنى داۋاملىق سۈپۈرۈپ چىقىرىپ، ئىدىيەمدىكى ئەخلەتلەرنى داۋاملىق تازىلاپ، ھەقىقەتتە چىڭ تۇرىمەن، خاتالىقنى تۈزىتىمەن. ھەر ۋاقىت پارتىيە نىزامنامىسى، پارتىيە قائىدىسى، پارتىيە ئىنتىزامى، كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئۆلچىمى بويىچە ئۆزۈمگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇش مىزانى ۋە پاك - تەلەپچان بولۇش مىزانىنى باشلامچىلىق بىلەن ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىمەن. پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش تۈپ ئاساسىي مەقسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھەقىقىي تۈردە خەلقنىڭ بەختىنى كۆزلەشتىكى كونكرېت ھەرىكىتىمگە ئايلاندۇرىمەن.