دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ياخشى باشلامچى بولىمەن

日期:2019年04月02日
来源:昆仑网(维吾尔语)
【字体:

ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى نۇردۇن ئىبراھىم

پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ ياخشى باشلامچىسى بولىمەن. پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇشنى باش سىياسىي پىرىنسىپ، سىياسىي خىسلەت، سىياسىي پەزىلەت قىلىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قەتئىي ھالدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلايمەن. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى مەسئۇلىيەت، بۇرچ قىلىپ، قەتئىي تۈردە ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى زىممەمگە ئالىمەن، باشتىن - ئاخىر باش نىشاننى قەلبىمگە پۈكۈپ، زىممەمگە ئېلىپ، ھەرىكىتىمدە ئەمەلىيلەشتۈرىمەن، قەتئىي، كەسكىن ھالدا بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ بىرىنچى سېپىدە تۇرۇپ، ئىچىم بىلەن تېشىمنى بىردەك، سۆزۈم بىلەن ھەرىكىتىمنى بىردەك قىلىپ، ياخشى باشلامچى بولۇپ، «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىمەن. باشتىن - ئاخىر سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان ئىستىلنى تاۋلايمەن، خىزمەت ئورنۇمدا ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىمنى تولۇق ئادا قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممەمگە ئېلىپ ئەمەلىي ئىشلەيمەن، سۆلەتۋازلىق قىلماي، يۈزەكى ئىش قىلماي، پارتىيەگە، دۆلەتكە ئۆزىنى بېغىشلاش، پارتىيەگە، دۆلەتكە جاۋاب قايتۇرۇش ئېتىقادىم بىلەن، ئۆز خىزمىتىمنى پۇختا، ئەمەلىي ياخشى ئىشلەپ، خىزمەت ئەمەلىي نەتىجەم ئارقىلىق پارتىيەگە بولغان مۇتلەق ساداقىتىمنى ئىزھار قىلىمەن.

شىنجاڭ تارىخىنى توغرا تونۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ياخشى باشلامچىسى بولىمەن. ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش، ئورتاق گۈللىنىپ راۋاجلىنىش ئىدىيە ئاساسىنى پۇختىلايمەن. سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ماركسىزملىق «بەش قاراش» ۋە «ئۈچ ئايرىلالماسلىق» ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەپ، تەربىيەلەپ، «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىمەن. «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇقى قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئەستايىدىل تەشكىللەيمەن ۋە قاتنىشىمەن، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەشۋىقاتىنى پائال قانات يايدۇرىمەن، ھەر مىللەت ئاممىنى ئىتتىپاقلىق، مۇقىملىق − بەخت، بۆلگۈنچىلىك، مالىمانچىلىق − ئاپەت دېگەن داۋلىنى ئەستە مەھكەم ساقلاشقا، ھەر مىللەت ئاممىنى زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، قېرىنداشلاردەك ئىناق ئۆتۈپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىنى ئاسرىغاندەك ئاسراشقا، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ھاياتىنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەشكە يېتەكلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنى پورەكلىتىپ ئېچىلدۇرىمەن.

پۈتۈن زېھنىم، كۈچۈم بىلەن خىزمەت قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشنىڭ ياخشى باشلامچىسى بولىمەن. مەسئۇلىيىتىمنى قەتئىي ياخشى ئادا قىلىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، ئىجتىمائىي كاپالەت ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشنى ئەڭ چوڭ سىياسىي مەسئۇلىيەت ۋە بىرىنچى خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى قىلىپ، «يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق بىر تۈركۈمنى يۆلەش»نى نامراتلارنى يۆلەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ ئاچقۇچلۇق يولى ۋە ئۈنۈملۈك تەدبىرى قىلىپ چىڭ تۇتۇپ، ئەمەلىي تۇتۇپ، دىققەتنى ئېغىر نامرات ناھىيەلەردىكى نامرات ئائىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، دەل جايىدا كۈچەپ، تەشكىللىك يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئاساسىي تەدبىر قىلىپ، «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ئىزى ۋە ئۈنۈمىنى ئېنىق قىلىش»نى نىشان قىلىپ، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ئەندىزىسىنى تەدرىجىي ئورنىتىمەن ۋە مۇكەممەللەشتۈرىمەن. پۈتۈن ۋىلايەتتە ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ، كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالىلەر، تۆۋەن كاپالەت ئوبيېكتلىرى، ئالاھىدە نامرات كىشىلەرنى ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ۋە كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتناشتۇرۇش خىزمىتىنىڭ تولۇق قاپلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، نامرات ئاھالىلەرنىڭ شەھەر، يېزا ئاھالىسى ئاساسىي كۈتۈنۈش، داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىشتىكى شەخسلەر ھەق تۆلەش تولۇقلىمىسى سىياسىتىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، نامرات ئاھالىگە داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدا مايىللىشىش سىياسىتىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرىمەن.