«ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى جان تىكىپ كۈرەش قىلىمەن

日期:2019年02月21日
来源:天山网
【字体:

خوتەن شەھەرلىك سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، رەئىس مەتتۇردى مەمتىمىن

شىنجاڭ جۇڭگو زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى. ئۇزاق تارىخىي مۇساپىدە، شىنجاڭدىكى مىللەتلەر بۇ يەردە ياشاپ، كۆپىيىپ، قان قېرىنداش بولۇپ، باشقا كەلگەننى تەڭ كۆرۈپ، بۇ مۇنبەت تۇپراقنى ئورتاق ئېچىپ قۇردى. ھەرقايسى مىللەتلەر ئىقتىسادىي جەھەتتە ئۆزئارا تايىنىپ، ھېسسىيات جەھەتتە ئۆزئارا يېقىنلىشىپ، مەدەنىيەت جەھەتتە ئۆزئارا سىغدۇرۇشۇپ، ھېچكىم ھېچكىمدىن ئايرىلالمايدىغان ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرۈپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە دۆلەتنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى ئورتاق قوغدىدى. ھالبۇكى، «ئۈچ خىل كۈچ» ئۆزلىرىنىڭ ۋەتەننى پارچىلاش جىنايى مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى ھە دەپ تەرغىب قىلىپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىكنى تەرغىب قىلىپ، مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇترىتىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنى سادىر قىلىپ، تۈرلۈك ئاماللار بىلەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، بەختلىك تۇرمۇشىمىزغا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا ئېغىر خەۋپ يەتكۈزدى. ئەتراپىمىزغا يوشۇرۇنۇۋالغان «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر ئاستىرتىن «ئۈچ خىل كۈچ» بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، ئېغىز- بۇرۇن يالىشىپ، تىلىنى بىر قىلىۋېلىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ مۇھاپىزەت كۈنلۈكى بولدى، ئۇلار «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ قولچوماقچىسى ۋە پەردە ئارقىسىدىكى قارا قول. «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر بىر كۈن يوقىتىلمىسا شىنجاڭدا ئەمىنلىك بولمايدۇ. بىز قەتئىي، كەسكىن ھالدا «ئۈچ خىل كۈچ» «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى جان تىكىپ كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك.

مەن ئاددىي دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، پارتىيە مېنى كۆپ يىل تەربىيەلەپ يېتىشتۈردى، شىنجاڭدا بولغان غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم، ئۆز بېشىمدىن ئۆتكۈزدۈم. ھازىر، يېزىدىكى بالىلار يەسلىدىن تارتىپلا ياخشى تەربىيە قوبۇل قىلالايدۇ، رايون ئىچىدىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپى، ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىنىڭ ئەلا سۈپەتلىك مائارىپ بايلىقىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ، داشۆگە چىققاندا يەنە تۈرلۈك ياردەم پۇل ۋە ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بار؛ دېھقانلار كېسەل كۆرسەتسە داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بار، يەر تېرىسا تۈرلۈك تولۇقلىما بار؛ يېزىلارنىڭ ئىلگىرىكى توپا يوللىرىنىڭ ھەممىسى ئاسفالت يولغا ئايلاندى، تۆمۈريول، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول، خەلق ئاۋىياتسىيەسى تەرەققىي قىلىپ، پۇقرالارنىڭ سەپەرگە چىقىشىغا ئىنتايىن زور قولايلىق ئېلىپ كەلدى؛ دېھقانلار ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش ئۆيىگە كۆچۈپ كىردى، ئىلگىرى ئولتۇرغان كېسەك ئۆيلەر ھازىر تارىخقا ئايلاندى... بۇ غايەت زور ئۆزگىرىشلەر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە غەمخورلۇق قىلغانلىقى، كۆيۈنگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى، پارتىيە رەھبەرلىكى بولمىسا، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەختلىك تۇرمۇشى بولمايتتى. مەن پاكىتلار ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىغا پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى، كۆيۈنۈشىنى، پارتىيەنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى ئېنىق سۆزلەپ، ھەر مىللەت ئاممىنى پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشكە، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاشقا، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا يېتەكلەيمەن.

بىر پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە باشتىن-ئاخىر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، قەتئىي ھالدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرىمەن، ئەمەلىيلەشتۈرىمەن. باشتىن-ئاخىر بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ بىرىنچى سېپىگە ئاتلىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، چوڭ ھەق-چوڭ ناھەق مەسىلىلىرى ئالدىدا قەتئىي ھالدا بايرىقىمنى روشەن، مەيدانىمنى مۇستەھكەم، پوزىتسىيەمنى قەتئىي، سۆز-ھەرىكىتىمنى بىردەك قىلىمەن. باشلامچىلىق بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆزۈم ئۈلگە بولۇپ، باشلامچىلىق بىلەن ئۈلگە كۆرسىتىپ، سىياسىي ئىنتىزام، سىياسىي قائىدە ۋە بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ئىنتىزامىغا قاتتىق رىئايە قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۆزۈمنىڭ بارلىق كۈچىنى بېغىشلايمەن.

مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچنى ياخشى ئادا قىلىمەن. خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىك سەپ تەشكىلاتىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ھەر مىللەت، ھەر ساھە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى، كەڭ سىياسىي كېڭەش كادىرلىرىنى ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىغا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈشكە، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا بىرلىككە كەلتۈرۈشكە تەشكىللەپ، سەپەرۋەر قىلىپ، قەتئىي، كەسكىن ھالدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشنىڭ بىرىنچى سېپىدە، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ بىرىنچى سېپىدە چىڭ تۇرىمەن. ھەر مىللەت، ھەر ساھە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ ئاساسىي قاتلامدا تۇرۇش، ئامما بىلەن ئالاقە باغلاش ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتى ۋە ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى كۈچەيتىشىنى ئىلگىرى سۈرىمەن. سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتىنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى ۋە «ئىككى پان» ئىدىيەسىنى باشلامچىلىق بىلەن پاش قىلىمەن، تەنقىد قىلىمەن، ئاممىنى كۆزىنى روشەنلەشتۈرۈپ، ھەق- ناھەقنى ئېنىق ئايرىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئاتلىنىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەشكە يېتەكلەيمەن.