خىزمەت ئەترىتى بىلەن دېھقانلار پەن-تېخنىكا مۇلازىمەت ئەترىتى بىرلىشىپ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ‏ئەتىيازلىق تېرىلغۇسىغا ياردەم بەردى ‏‎ ‎

日期:2019年02月15日
来源:天山网
【字体:

مۇخبىرىمىز ليۇ يىمىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز شۈ سۇمىڭياڭ خەۋىرى: 2-ئاينىڭ 11-كۈنى، شىنجاڭ داشۆسىنىڭ قاغىلىق ناھىيەسى تۆگىچى يېزىسى قۇمباغ كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئەزاسى ئاسىپجان تۇرسۇن كەنت دېھقانلار پەن-تېخنىكا مۇلازىمەت ئەترىتىدىكى تېرىقچىلىق ئۇستىلىرى بىرلىكتە كەنتتىكىلەر بىلەن يىغىلىپ، ياڭاقنى قانداق قىلغاندا ياخشى پەرۋىش قىلغىلى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ئەلگە نەپ يەتكۈزىدىغان بىر مەيدان تەشۋىقات سۆزلىدى.

بۇ قېتىملىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش تەشۋىقاتىدا، يۇرتداشلارنىڭ ئەتىياز پەسلىدىكى ياڭاق دەرەخلىرىنى ياخشى پەرۋىش قىلىپ، ئۇچرىغان قىيىن مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم قىلىش ئۈچۈن، ئاسىپجان كەنت دېھقانلار پەن-تېخنىكا مۇلازىمەت ئەترىتىدىكى تېرىقچىلىق ئۇستىلىرىنى ئالاھىدە تەكلىپ قىلىپ، سۇغىرىش، ئوغۇتلاش، كېسەللىك ۋە ھاشارات زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، شاخلارنى چاتاش قاتارلىق مۇھىم ھالقىلاردا كەنت ئاھالىلىرىگە ئەسكەرتىش بەردى ۋە چۈشەندۈردى.

بۇ قېتىملىق تەشۋىقات ئاياغلاشقاندىن كېيىن، كەنتتىكى كارتا تۇرغۇزۇلۇپ، ئارخىپ بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە ئەنۋەر راخمان: «ئەلگە نەپ يەتكۈزىدىغان تەشۋىقات ئىنتايىن ۋاقتىدا بولدى، ھازىر ئەتىيازلىق تېرىلغۇلارنى باشلايدىغان پەيت، يۇرتداشلار ئاسىپجان مۇئەللىم ھەم تېرىقچىلىق ئۇستىلىرىنىڭ چۈشەندۈرۈشلىرىنى ئاڭلاپ، ئەتىيازدا ياڭاق پەرۋىش قىلىش ۋە ئۆستۈرۈشتىكى ھالقىلىق نۇقتىلار شۇنداقلا مۇھىم ۋاسىتىلەرنى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇردى، بۇ يىل تىرىشىپ، ياڭاقلارنىڭ سۈپىتىنى تېخىمۇ ياخشى، مەھسۇلات مىقدارىنى تېخىمۇ كۆپ قىلىمىز»،دېدى.