چەرچەن ناھىيەسى: خىزمەت ئەترىتى باقمىچىلىق «بولىقى» تارقاتتى

日期:2020年12月15日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى خەۋىرى(تەكلىپلىك مۇخبىر رىزۋانگۈل، ئىختىيارىي مۇخبىر لى پېڭيەن خەۋىرى): يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش-تىرانسپورت ئۇنىۋېرسال مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ئىدارىسى بايىنغولىن قانۇن ئىجرا قىلىش تارماق ئەترىتى، بايىنغولىن ئوبلاستلىق قاتناش-تىرانسپورت ئىدارىسىنىڭ چەرچەن ناھىيەسى ئاچچان بازىرى ئىسكەنگەن كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ھەر بىر نەسىللىك قوچقارغا 925 يۈەن ياردەم پۇلى بېرىش ئۆلچىمى بويىچە كەنت ئاھالىلىرىگە ياردەم پۇلى تارقاتتى.

ئىسكەنگەن كەنتى چارۋىچىلارنى كۆچۈرۈش كەنتى، چارۋىچىلىق، باقمىچىلىق كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسلىق ئىقتىسادىي مەنبەسى. كەنت ئاھالىلىرىنىڭ باقمىچىلىق ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، خىزمەت ئەترىتى چارۋىچىلىق كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش، نەسىلنى ياخشىلاشنى تېزلىتىشنى كۆزلەش نۇقتىسى قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى سوغۇققا چىداملىق، تېز ئۆسىدىغان، ئۇرۇقلاندۇرۇش نىسبىتى يۇقىرى بولغان نەسىللىك قوچقارلارنى سېتىۋېلىشقا پائال يېتەكلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، خىزمەت ئەترىتى بۇ كەنتنى ھۆددىگە ئالغان ئورۇن بايىنغولىن ئوبلاستلىق ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىنى ماسلاشتۇرۇپ 50 مىڭ يۈەن مەبلەغ توپلاپ، نەسىللىك قوچقار ياردەم پۇلى قىلدى. ھازىرغا قەدەر، پۈتۈن كەنتتىكى 32 ئائىلىلىك ئاھالە جەمئىي 54 نەسىللىك قوچقار كىرگۈزدى.

كەنت ئاھالىسى سادىر ياقۇپ كەنتتىكى باقمىچىلىق چوڭ ئائىلىسى، ئۇ بۇ يىل 8700 يۈەنگە تۆت قوچقار سېتىۋالدى. ئۇ ياردەم پۇلىنى ئېلىپ خۇشال ھالدا: «بىزنى ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن، خىزمەت ئەترىتى بىزگە تېخنىكا ئۆگىتىپلا قالماي، يەنە بىزگە ياردەم پۇلى تارقىتىپ بەردى، مەن باقمىچىلىق تېخنىكىسىنى كۆپرەك ئۆگىنىمەن، مۇشۇنداق ياخشى نەسىللىك قوچقار بولغاچقا، كېلەر يىلى قوينىڭ سانىنى يەنە بىر قاتلىيالايدىغان بولدۇم» دېدى.