بىرلىكتە چاغاننى كۈتۈۋېلىش

日期:2019年02月04日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى: 2-ئاينىڭ 3-كۈنى، غۇلجا شەھەرلىك ساياھەت ئىدارىسى، غۇلجا ساياھەت مەنزىرە رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ ئازادلىق يولى كوچا باشقارمىسى ليۇشىڭ كوچىسى مەھەللە كومىتېتىدا تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى ئەزالىرى ۋە مەھەللە كومىتېتىنىڭ كادىرلىرى ئاھالىلەر بىلەن بىرلىكتە دوستلۇق پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، ھەممەيلەن بىرلىكتە جياۋزى تۈگۈپ، خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈپ، ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ چاغاننى قىزغىن كۈتۈۋالدى.