چېگرادىكى كىچىك كەنتتە يېڭى كەيپىيات

日期:2019年01月28日
来源:新疆日报
【字体:

كوچىلار رەتلىك، يوللار بىر- بىرىگە تۇتاشقان، ئۆيلەر رەت- رەت، كەڭرى ئاسفالت يولدىكى قارلار پاكىز تازىلانغان بولۇپ، ئاپتوموبىللارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيتتى، ھەممە ئائىلە چاغانلىق مال سېتىۋېلىشنىڭ تەييارلىقى بىلەن ئالدىراش ئىدى. 1- ئاينىڭ 23- كۈنى، بىز جىڭ ناھىيەسىنىڭ تولى بازىرى ئۇلان دانداغاي كەنتى ۋە ئېلىسنە ئېكىن كەنتىگە كەلدۇق، شىمالىي شىنجاڭدىكى قار قاپلىغان دالىدا گۈزەل يېڭى كەنتنىڭ مەنزىرىسى نامايان بولدى.

ئۇلان دانداغاي كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى گۇڭ. تۆلىۋاي مۇخبىرلارغا مۇنداق دېدى: 2017- يىلى بۇ يەردە يەر تەۋرىگەنىدى، شۇنىڭدىن كېيىن پۈتۈن كەنتتىكى تۆت ئاھالە گۇرۇپپىسىدىكى ئاپەتكە ئۇچرىغان ئائىلىلەر مەركەزلىك پىلانلاپ ئۆي سالدى، 210 ئائىلە يېڭى ئولتۇراق نۇقتىسىغا كۆچۈپ كەلدى، ھەربىر ئائىلە قايتىدىن سالغان ئۆينىڭ كۆلىمى 80 كىۋادرات مېتىر بولۇپ، ئۆي، ھويلىلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ۋە تاشقى كۆرۈنۈشى بىرلىككە كەلتۈرۈلدى.

با. سويىلباتنىڭ ھويلىسىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە يىراقتىنلا مەززىلىك پۇراق دىمىقىمىزغا ئۇرۇلدى: ئۇنىڭ خوتۇنى ئىككى قوشنىسى بىلەن خېمىر يۇغۇرۇپ، پىلتە ئېشىپ قازانغا سېلىپ ساڭزا، مايېزى سېلىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ، چاغانلىق يېمەكلىك تەييارلاۋاتاتتى. ئۆي يېڭىدىن بېزەلگەن بولۇپ، شەھەرلىكلەرنىڭ ئۆيلىرىدىن قېلىشمايتتى، مۇھىت ئاسرايدىغان، يېشىل سىرلانغان تۆمۈر كىچىك پار قازان ئۆينى ئىسسىتىۋەتكەنىدى.

«پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ بىزگە ئۆي سېلىپ بەرگىنىگە، بۇنداق ياخشى تۇرالغۇ مۇھىتى بىلەن تەمىنلىگىنىگە رەھمەت!» با. سويىلبات مۇنداق دېدى: يېڭى ئۆيىمىزگە ھۆكۈمەت 80 مىڭ يۈەن مەبلەغ چىقاردى، ئۆز يېنىمىزدىن 20 مىڭ يۈەن چىقاردۇق، ئۇنىڭدىن باشقا 50 مىڭ يۈەن خەجلەپ ئۆينى بېزىدۇق. بۈگۈنكى كۈندە، ئائىلىمىز 40 مو يەرگە كېۋەز تېرىدۇق، بىر كىچىك دۇكان ئاچتۇق، ئائىلىمىزنىڭ يىللىق كىرىمى 100 مىڭ يۈەنگە يېتىدۇ، كۈنلىرىمىز شۇنداق باياشات ئۆتۈۋاتىدۇ.

ئېلىسنە ئېكىن كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ما لەنخۇا گۈزەللىكنى سۆيىدىغان ئايال، ئۇنىڭ قايتا سېلىپ يېڭى بېزىگەن ئۆيى پاكىز، رەتلىك ئىدى. دېرىزە تاكچىلىرىغا قويۇلغان تەشتەكلىك گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلغان بولۇپ، يەرگە قويۇلغان بىرقانچە تەشتەك يېشىل يوپۇرماقلىق ئۆسۈملۈك بىلەن قوشۇلۇپ ئۆيگە قويۇق باھار تۈسى قوشۇپ تۇراتتى. جىڭ ناھىيەلىك بازار نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئېلىسنە ئېكىن كەنتىدە تۇرۇشلۇق 1- شۇجى ۋاڭ شېڭيى مۇنداق دېدى: «2018- يىلى، كەنتنىڭ ئىشلىرىغا قىزغىن قارىشىدىغان ما لەنخۇا كەنت كومىتېتى تەرىپىدىن <ۋەتەنپەرۋەر ياخشى كەنت ئاھالىسى> بولۇپ باھالاندى.» ما لەنخۇا تارتىنىپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «پارتىيەگە رەھمەت، كەنتتىكىلەرنىڭ كۆڭۈل بۆلگىنىگە رەھمەت، مېنىڭ قىلغانلىرىم تېخى يېتەرلىك ئەمەس.»

ئۇلان دانداغاي كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىلەر مۇلازىمەت مەركىزىدە، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت ئاھالە كومىتېتى كادىرلىرى تەخمىنەن 30 ئائىلە پەرزەنتىنىڭ سىرتتا خىزمەت قىلىپ، چاغاندا ئۆيگە قايتىپ كېلەلمەيدىغانلىقىنى ئالدىراش ئىستاتىستىكا قىلىۋاتاتتى، ئۇلار چاغاننىڭ ھارپا كېچىسى ئائىلىدە قالغان بۇ ياشانغانلارنى كەنت ئاھالىلەر مۇلازىمەت مەركىزىگە ئېلىپ كېلىپ بىرلىكتە جياۋزى تۈگۈپ، چاغانلىق كېچىلىكنى كۆرۈپ، چاغاننى خۇشال- خۇرام ئۆتكۈزۈشنى پىلانلىدى. ئېلىسنە ئېكىن كەنتىدىكى كەنت ئاھالىلەر مۇلازىمەت مەركىزىدە، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى كەنتكە قايتىپ چاغان ئۆتكۈزىدىغان ياشلارنى تەشكىللەپ، بىرلىكتە ئۆگىنىپ پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئۇلارنى يۇرتىنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش توغرىسىدا چارە- تەدبىر كۆرسىتىشكە ئىلھاملاندۇرۇشنى مەسلىھەتلەشتى.