ئېقىنبويى كەنتىدىكى ئاھالىلەرنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇش ھېساباتى

日期:2019年01月24日
来源:新疆日报
【字体:

1- ئاينىڭ 21- كۈنى، مۇخبىر ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ كۆكيار بازىرى ئېقىنبويى كەنتىگە بېرىپ، كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ ئاشكارىلاش تاختىسىدا ئېلان قىلىنغان بىر قاتار سان- سېپىرلارنى، بۇ ئېغىر نامرات كەنتتىكى ئاھالىلەرنىڭ چېھرىدىكى تەبەسسۇمنى كۆردى. 2018- يىلى، ئېقىنبويى كەنتىدە 57 ئائىلە 170 كىشى بولۇپ، كىشى بېشى كىرىمى 9256 يۈەن، كەنت كوللېكتىپ ئىگىلىكى كىرىمى 92 مىڭ يۈەن بولدى.

«يېقىندا بەك ئالدىراش بولۇپ كەتتۇق، كەنتتىكى باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپى پايدا تەقسىملەشكە تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ، يېڭىدىن قۇرۇلغان يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش زاۋۇتىدا ئۈسكۈنىلەر قۇراشتۇرۇلۇۋاتىدۇ، لاپاسلىق كۆكتات تېرىقچىلىق تېخنىكىسىنى يەنىمۇ كېڭەيتىشكە توغرا كېلىۋاتىدۇ...» دېدى ئېقىنبويى كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى مەمەتئېلى يۈسۈپ.

نامرات ئاھالە تۇرسۇن روزى ئائىلىسىنىڭ 7.6 مو ئالمىلىق بېغى بولۇپ، ئىلگىرى مېۋىلىك دەرەخلەرنى پەرۋىش قىلىش تېخنىكىسى كەمچىل بولغاچقا، مېۋىسى كىچىك، ھوسۇلى تۆۋەن ئىدى. 2018- يىلى، كەنت كۆپ قېتىم باغ- ئورمان پەرۋىش تېخنىكىسى بويىچە تەربىيەلەشكە تەشكىللىدى، خىزمەت ئەترىتى يەنە تەجرىبىلىك تېرىقچىلىق ئائىلىسىنى ئۇنىڭغا ياردەملەشتۈردى، ئۇنىڭ ئالمىلىق بېغىنىڭ ھوسۇلى 2017- يىلىدىكى سەككىز توننىدىن 2018- يىلى 15 توننىغا كۆپەيدى. 2017- يىلى ئۇ ئالمىسىنىڭ ھەر كىلوگىرامىنى ئۈچ يۈەندىن ساتقان بولسا، 2018- يىلى ئالتە- يەتتە يۈەندىن ساتتى.

«كەنت ماڭا نامراتلارنى يۆلەش كالىسى تارقىتىپ بەردى، ماڭا 50 مىڭ يۈەن ياردەم ئۆسۈملۈك قەرز پۇل بېجىرىشىپ بەردى، يەنە بىزگە كىچىك لاپاس ياسىشىپ بەردى. مەن قەرز پۇلغا 70 قوي سېتىۋالدىم، كالىنى باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا بېقىشقا بەردىم، چاغاندىن بۇرۇن نامراتلارنى يۆلەش كالىسىدىن تەقسىملەنگەن پايدىنى ئالالايمەن، كۆكتات تېرىپ بەلگىلىك كىرىم قىلدىم، يەنە ئون قوي ساتتىم»، دېدى تۇرسۇن مۇخبىرغا ھېساب- كىتاب قىلىپ بېرىپ.

تۇرسۇن نامرات ئاھالىلەرنى يۆلەش كىنىشكىسىنى ئېلىپ مۇنداق دېدى: ئائىلىمىزنىڭ بۇ يىلقى كىرىمى 40 مىڭ يۈەندىن ئاشتى، بۇ قىزىل كىنىشكىنىڭمۇ ئەمەلدىن قالىدىغان ۋاقتى بولۇپ قالدى.

مۇخبىر ئەمدىلا نامراتلىقتىن قۇتۇلغان تۇرسۇن قۇرباننىڭ ئۆيىگە كىرگەندە، ئۇ ناھىيە بازىرىغا بېرىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقانىدى. 2018- يىلى، تۇرسۇن تىرىشچانلىقى، قابىلىيىتىگە تايىنىپ ۋاسىتىچى بولدى.

«مەن دوستلىرىمنىڭ بىر كالا سېتىۋېلىشىغا ياردەملەشسەم، 50 يۈەندىن 100 يۈەنگىچە كىرىم قىلالايمەن؛ بىر قوي سېتىۋېلىشىغا ياردەملەشسەم، ئون يۈەن ئەتراپىدا كىرىم قىلالايمەن. كالا، قويلارنى سويۇشقا ئاپىرىپ بەرسەم، ئۈچەي قاتارلىق ئىچكى ئەزالىرىنى ماڭا بېرىۋېتىدۇ، بۇلارنى ساتساممۇ پۇل. بۇنىڭغا باقمىچىلىقتىن قىلغان كىرىمنى قوشقاندا، بۇلتۇر ئائىلەمنىڭ كىرىمى 50 مىڭ يۈەندىن ئاشتى». تۇرسۇن بۇ ھېساباتنى قىلىۋېتىپ، ناھايىتى ھاياجانلاندى.

76 ياشلىق بۈۋىخان ئېزىز ياشىنىپ قالغان بولۇپ، ئوغلىنىڭ سالامەتلىكى ياخشى ئەمەس ئىدى، ئائىلىسىدە پەقەت كېلىنى قەلبىنۇر ئاۋۇت بىرلا ئەمگەك كۈچى بار بولغاچقا، ئۇنىڭ ئائىلىسى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ، كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلە بولۇپ قالغانىدى. «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېتى» ئۇنىڭ ئائىلە ئەھۋالىغا قارىتا، قەلبىنۇرنى تازىلىق ئىشچىلىقى خىزمىتىگە ئورۇنلاشتۇردى، بۇنىڭ بىلەن ئۇ ئايدا 1000 يۈەن كىرىم قىلىدىغان بولدى.

ھەر كۈنى ئەتىگەندە قەلبىنۇر ئاۋۇت بىر سائەتتە كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ ھويلىسىنى سۈپۈرۈپ بولۇپ، تىككۈچىلىك تېخنىكىسىنى ئۆگەنگىلى بارىدۇ.

كەنتتىكى مىكرو كىيىم- كېچەك زاۋۇتىدا، ماشىنىلار «تاق- تاق- تاق» قىلىپ رىتىملىق ئاۋاز چىقىراتتى. قەلبىنۇر ئۆگىنىش مەزگىلىدە، پىراكتىكا ئىش ھەققى ئالىدۇ، پىراكتىكا ۋاقتى توشقاندىن كېيىن، ئاساسىي مائاش ئالىدۇ، يەنە نەتىجە- ئۈنۈم مائاشىمۇ بار.

«2018- يىلى، ئائىلىمىزنىڭ يېرىنى ئوبوروت قىلىپ 9900 يۈەن كىرىم قىلدۇق، ياڭاق ھوسۇلى ئېشىپ، كىرىمىمىز 7000 يۈەن كۆپەيدى، 4000 يۈەن تۆۋەن كاپالەت پۇلى ئالدۇق ...» قەلبىنۇر بۈۋىخانغا ئائىلىسىنىڭ كىرىمىنى بىر- بىرلەپ سۆزلەپ بەرگەندە، خۇشاللىقتىن موماينىڭ ئاغزى يۇمۇلماي قالدى.

بۇ پەقەت بىر يىلدىن بۇيان ئېقىنبويى كەنتىدىكى نامرات ئائىلىلەرنىڭ ناھايىتى ئاز بىر قىسىم كىرىمنى ئاشۇرۇش ھېساباتى.

كەسىپلەر ئارقىلىق بىر تۈركۈمنى يۆلەش، يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق بىر تۈركۈمنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، چېگرا قوغدىغۇچىغا ئايلاندۇرۇپ بىر تۈركۈمنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، ئىجتىمائىي كاپالەت ئارقىلىق بىر تۈركۈمنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش...ئاقسۇ ۋىلايەتلىك 1- ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ئېقىنبويى كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېتى» نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش، يۆلەش تەدبىرلىرىنى تۈزۈپ، بىرمۇبىر ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئارقىلىق نامرات ئاھالىلەرنى تېز ئۈنۈم بېرىدىغان كىرىمنى ئاشۇرۇش نەتىجە- ئۈنۈمگە ئىگە قىلدى.