«تېخنىكا ئىگىلىگەندىلا پۇل تېپىشنىڭ يولىنى تاپقىلى بولىدۇ»

日期:2019年01月23日
来源:天山网
【字体:

«بۇ قېتىملىق تەربىيەلەش بەك ياخشى بولدى، مەن ئون نەچچە خىل پېچىنە-پىرەنىك پىشۇرۇش ئۇسۇلىنى ئۆگىنىۋالىم»، «شۇنداق، تېخنىكا ئىگىلىگەندىلا پۇل تېپىشنىڭ يولىنى تاپقىلى بولىدۇ، پېچىنە-پىرەنىك پىشۇرۇشنى ئۆگىنىۋېلىپ يەنە بىر ماھارىتىم كۆپەيدى، سىرتقا چىقىپ ئىشلەشتە يەنە بىر يولۇم كۆپەيدى». چاغانتوقاي ناھىيەسى جېڭىس يېزىسى چىغىر كەنتىدىكى كۇرسانتلار ئۆزلىرى پىشۇرغان پېچىنىنى تېتىغاچ، تەسىراتلىرى، ھېس قىلغانلىرى ئۈستىدە پاراڭلاشتى.

يېقىندا، تارباغاتاي ۋىلايەتلىك باج ئىدارىسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى نامرات ئاھالىلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئىقتىدارى ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش مەقسىتىدە، چاغانتوقاي ناھىيەلىك ئەمگەك-كاپالەت تارماقلىرىنىڭ قوللىشى بىلەن كەنتتىكى 50 نامرات ئاھالىنى 20 كۈنلۈك پېچىنە-پىرەنىك پىشۇرۇش كۇرسىدا ھەقسىز تەربىيەلەپ، نامرات ئاھالىلەرنى كەنتتىن چىقماي تۇرۇپلا بىر يېڭى ماھارەتكە ئىگە قىلدى.

تەربىيەلەش نەق مەيدانىدا، پىرەنىك ئۇستىسى نەزەرىيە ۋە ئەمەلىي مەشغۇلاتنى بىرلەشتۈرۈپ، جانلىق، يۇمۇرىستىك سۆزلەر بىلەن ئون نەچچە خىل پېچىنىگە ئالاقىدار ماتېرىيال تەييارلاش، پىشۇرۇش، ئېچىتىش قاتارلىق ساۋاتلارنى سىستېمىلىق سۆزلەپ بەردى. كۇرسانتلار تەپسىلىي ئاڭلاپ، ئەستايىل ئۆگىنىپ، ئىنتايىن قىزغىن بولدى. ئۇستامنىڭ سەۋرىچانلىق بىلەن يېتەكلىشىدە، كۆپچىلىك بەس-بەستە قول سېلىپ، خېمىر يۇغۇرۇپ، قىيمىنى ئارىلاشتۇرۇپ، دوخوپكىنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى تەڭشەپ، ھەر خىل كۆركەم ھەم تەملىك پېچىنە-پىرەنىكلەرنى تەييارلاپ ئۈستەلگە قويدى.

بىرىنچى شۇجى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى ياڭ شەن مۇنداق دېدى: «خىزمەت ئەترىتىمىز ئەمەلىي ئىش قىلىپ، پۇقرالارنىڭ ئىشىنى خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەڭ چوڭ ئىشى دەپ بىلىدۇ، تەربىيەلەش كۇرسى ئارقىلىق كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بېيىش يولىنى كىڭەيتىپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇپ باي بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاھالىلەرنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى ۋە بەخت تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمىز.» (تارباغاتاي ۋىلايەتلىك «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» ئىشخانىسىدىن گو گاۋلېي، شۈ زېشۇاڭ تەمىنلىگەن)