كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى يېزا ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى بەرپا قىلدى

日期:2019年07月12日
来源:天山网
【字体:

خىزمەت ئەترىتىدىكىلەرنىڭ ياردىمىدە، مېيىپ كەنت ئاھالىسىما خۇچېڭ ئېلېكتىرونلۇق سودائۇنىۋېرسال مۇلازىمەت پونكىتى قۇردى، بۇ ئۇنى نامرات ئاھالىدىن كەنتتىكى بېيىش باشلامچىسىغائايلاندۇردى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى تېكەس ناھىيەسى يېزا ئېلېكتىرونلۇق سودىنى زور كۈچ بىلەنتەرەققىي قىلدۇرۇپ، يەرلىك «گۆھەر»لەرنى كەنتتىن چىقمايتۇرۇپمۇ كىشىلەرگە تونۇتتى. ھەرقايسى «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرىيېزا ئېلېكتىرونلۇق سودىنىتەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمىتىنى ئىنچىكە، ئەمەلىي ئىشلەپ، بىر قىسىم دېھقان-چارۋىچىلارنى ئوتىغۇچ، مال قامچىسىنى تاشلاپئېلېكتىرونلۇق سودا بىلەن شۇغۇللىنىشقا يېتەكلەشبىلەن بىر ۋاقىتتا، تېخىمۇ كۆپ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا يۈزلەندۈرۈپ، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ھەميىنىنى تومپايتتى، بۇنىڭ بىلەن دېھقان-چارۋىچىلارخاس تېرىقچىلىق، باقمىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا نىسبەتەن تېخىمۇ ئىشەنچكە تولدى.

ما خۇچېڭ دەل نەپكە ئېرىشكۈچىلەرنىڭ بىرى ئىدى. «خىزمەت ئەترىتى مېنى ئېلېكتىرونلۇق سودا ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت پونكىتى قۇرۇشقا يېتەكلەپ، ماڭا مال سېلىپ بەردى، توردىن مال سېتىۋېلىش، توردا مال سېتىشنى قولمۇقول ئۆگىتىپ قويدى، مەن نامرات ئاھالىدىن بېيىش باشلامچىسىغا ئايلاندىم، بۇنىڭدىن ئىنتايىن مىننەتدارمەن.» ما خۇچېڭنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ بايىلا ئۈرۈمچىدىكى جاۋ خانىمغا ئىككى «خېيلياڭفېڭ» يەرلىك توخۇسىنى ئەۋەتىپ بەرگەن بولۇپ، بۇ جاۋ خانىمنىڭ ئۇنىڭ دۇكىنىدىن 4-قېتىممال سېتىۋېلىشى ئىكەن، جاۋ خانىم يەنە دوستلىرىغىمۇ بۇ دۇكاننى تونۇشتۇرغان.

چىلئۆزەك بازىرى قامىستىبۇلاق كەنتىنىڭ ئاھالىسى قانىيات غايىپنىڭئېلېكتىرونلۇق سودا تاللا بازىرى كەنت ئاھالىلىرى بېرىشكە ئەڭ ئامراق جاي، بۇنى قانىيات دەسلەپتە ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدى.

دەسلەپتە، خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر پىكىر يولى بىرقەدەر جانلىق قانىياتنى ئىزدەپ تېپىپ، ئۇنىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا تاللا بازىرى ئېچىشىنى ئۈمىد قىلغان، بىراق تەجرىبىسىكەمچىل، مەبلىغى يېتىشمىگەن قانىيات كۆڭلىدە ئەنسىرەپ قالغان ئىدى.

كېيىن خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر ئۇنىڭ بىلەن كۆپ قېتىم پاراڭلاشتى، ئۇنىڭ ئۈچۈن چارە ئويلاشتى، ئۇنىڭغا ئەقىل كۆرسەتتى. ئېلېكتىرونلۇق سودا تاللا بازىرى ئېچىلغاندىنكېيىن، قانىيات خىزمەت ئەترىتىدىكىلەرنىڭ ئۆزىگە بېيىش يولى كۆرسىتىپ بەرگەنلىكىنى بايقىدى، بۈگۈنكى كۈندە ئۇ ئىشەنچكە تولدى.

چولاقتېرەك بازىرى تاچابىس كەنتىنىڭ تېكەس ناھىيەسى بىلەن بولغان ئارىلىقى 19 كىلومېتىر بولۇپ، تېكەس ناھىيەلىكيېزا ئىگىلىكى-يېزا ئىدارىسىنىڭ تاچابىس كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ پىكىر يولىنىڭ جانلىق، يېڭى شەيئىلەرنى ئاسان قوبۇل قىلىشتەك ئالاھىدىلىكىنى سەزگۈرلۈك بىلەن بايقاپ، تەۋەلىكتە ئۈچ «ئېلېكتىرونلۇق سودا مەخسۇس پوكىيى» تەسىس قىلىپ، ئېلېكتىرونلۇق سودا ئارقىلىق ئىگىلىك تىكلەش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە 19 قارار تەربىيەلەش كۇرسى تەشكىللەپ، يېزا تور دۇكىنى تېخنىكا ئىختىساسلىقىدىن167 كىشىنى يېتىشتۈردى. يەرلىك خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئاساسلىق ئىلگىرى سۈرۈپ، يەرلىك خاس ماركا يارىتىپ، بۇ كەنتنىڭ «داڭلىق، ئەلا، خاس» يەرلىك مەھسۇلاتلىرىنى بىر-بىرلەپ تىزىمغا ئالدۇردى ھەمدە تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلدى، «تېكەس قىزىل ئالمىسى» «تىيانشان مىيۈەن تاغ گۈلى ھەسىلى» قاتارلىق ئالتە خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى،يەتتە يېشىل ئورگانىك مەھسۇلات ماركىسىنى يېتىشتۈردى.

دېھقان خۇ چاڭۋۇ مۇنداق دېدى: «ھازىر، بىزنىڭ <تېكەس قىزىل ئالمىسى> توردا ۋە ئەمەلىي دۇكانلاردا نام چىقاردى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ بىزگە ياردەم قىلىپ سېتىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ بەرگىنىگەرەھمەت».

  نۆۋەتتە، تېكەس ناھىيەسىدە 48 يېزا ئېلېكتىرونلۇق سودا پونكىتى بار. تېكەس ناھىيەسى يېزا ئېلېكتىرونلۇق سودا ئاممىۋى مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ مۇدىرى يۈ يۇڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇلتۇر ناھىيە بويىچە يېزا ئېلېكتىرونلۇق سودا پونكىتىنىڭسېتىش سوممىسى 87 مىليون يۈەنگە يەتكەن، بۇنىڭبۇ يىل %20 تەدرىجىي ئېشىشىدا ئۈمىد بار ئىكەن.