باش باھار كېلىپ، بارلىق شەيئىلەر يېڭىلاندى. 2-ئاينىڭ 14-كۈنى خەلق ئاۋىياتسىيەسىنىڭ چىرا ناھىيەسى دامىكۇ يېزىسى گۈلتېرىغان كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى خۇاشيا ئاۋىياتسىيەسى، كېرىيە ئايرودۇرۇمى بىلەن ھەمكارلىشىپ، گۈلتېرىغان كەنتى، شورخانا كەنتىدىكى 18 نەپەر ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىتەشكىللەپ،2025-يىلى تۇنجى قېتىم «كېرىيەدىن قەشقەرگە بېرىپ كېلىش» ئۇچۇشنى ھېس قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئارزۇدىكىدەكئاۋىياتسىيە سەپىرىنى باشلىدى.
پائالىيەت كۈنى، خىزمەت ئەترىتى ئەزالىرى ۋە ئايرودۇرۇم خىزمەتچى خادىملىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئوقۇغۇچىلار ئايرودۇرۇمنىڭ يولغا چىقىش زالىغا تەرتىپلىك يېتىپ كەلدى. ئالدى بىلەن ئوقۇغۇچىلارغا ئايرودۇرۇمنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ۋە ئىقتىدارى ھەمدە ئايروپىلانغا ئولتۇرۇش ئاساسىي ساۋاتلىرى تەپسىلىي تونۇشتۇرۇلدى. ئارقىدىن ئوقۇغۇچىلار تەرتىپلىك ئۆچرەتتە تۇرۇپ، ئايروپىلانغا چىقىش رەسمىيىتىنى ئۆز مۇلازىمەت ئارقىلىق بېجىرىش، ئايروپىلان كۈتۈش، ئايروپىلانغا چىقىش قاتارلىق ھالقىلارنى تەرتىپ بويىچە ھېس قىلدى. خىزمەتچى خادىملارنىڭ سەۋرچانلىق بىلەن يېتەكلىشى بىلەن، ئوقۇغۇچىلار ئايروپىلانغا چىقىش كارتىسىنى ئوڭۇشلۇق ئالدى ھەمدە تەرتىپلىك ھالدا ئايروپىلانغا چىقتى.
بۇبالىلارنىڭ تۇنجى قېتىم ئايروپىلانغا ئولتۇرۇشى بولۇپ، ئۇلار ئايروپىلانغا ئولتۇرۇش جەريانىنىبىۋاسىتە چۈشىنىپ، ھېس قىلىپلاقالماي، يەنە كۆزىتىش ئىقتىدارى ۋە ئەمەلىيەتئىقتىدارىنى كۈچەيتتى. پائالىيەتكە قاتناشقان ئوقۇغۇچىلار بەس-بەستە: «بىز چوقۇم ياخشى ئۆگىنىپ، تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈپ، جاسارەت بىلەن يۇقىرى ئۆرلەيمىز، كەلگۈسىدە ئايروپىلان ھەيدىگۈمىزبار!» دېيىشتى.
بۇ قېتىمقى پائالىيەت ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرستىن سىرتقى تۇرمۇشىنى بېيىتىپلا قالماي، يەنە ئۇلارنى جەمئىيەتنى چۈشىنىش، شەيئىلەر بىلەن ئۇچرىشىشپۇرسىتىگە ئىگە قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتتى، شۇنىڭ بىلەن بىللە كۆپچىلىك بىرلىكتە ئۇچۇشنىڭ سىرى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئاۋىياتسىيەنىڭجەلپكارلىقىنىھېس قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى يەنىمۇ كۈچەيتتى.
(چىرا ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىمۇخبىرى ھەسەنجان ئىبراھىم، ئىختىيارىي مۇخبىر جوۋ بۇجۈن)