导航切换

تېز قاراڭ قاراقاشتىكى ئىسسىق بەلباغ مېۋىلىرىگە يەنە يېڭى مېۋە قوشۇلدى

日期:2025年01月13日
来源:天山网
【字体:

1 ـ ئاينىڭ 2 ـ كۈنى، قاراقاش ناھىيەسى جاھانباغ يېزىسى ئايماق كەنتىنىڭ ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى بازىسىدىكى پارنىكلاردا، بۇلتۇر 4 ـئايدا سىناق تەرىقىسىدە تېرىلغان فەنمۇگۇالارنىڭ ئۆسۈشى كىشىنى خۇشال قىلىپ، ياپيېشىل مېۋىلەر شاخلىرىغا لىققىدە ئېسىلغانىدى. تېخنىكلار فەنمۇگۇالارنىڭ تۈپىگە سۇلياۋ ئوراپ ئۇلارنى توڭلاشتىن ساقلاش بىلەن ئالدىراش ئىدى. فەنمۇگۇا ئىسسىق بەلباغ مېۋىسىگە تەۋە، يۇمشاق، شىرنىلىك، تەملىك، تەركىبىدە مۇگۇا ئېنزىمى مول. 2021 ـ يىلى، كەنت «ئىككى كومىتېت»ى ۋە خىزمەت ئەترىتى ئىلغار تېرىقچىلىق تېخنىكىسىنى كىرگۈزۈپ، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش قۇرۇلۇشى بەرپا قىلدى.نۆۋەتتە، پۈتۈن كەنت بويىچە122 پارنىك قۇرۇلۇپ، «كارخانىلارنى تېرىقچىلىق قىلىشقاكىرگۈزۈش + ئامما ئۆز ئالدىغا تېرىش + ئارقا تىرەك ئورۇنلار تۈرنىقوللاش»تەك ھەمكارلىشىپ كۈچەش ئەندىزىسىقوللىنىلىپ، فەنمۇگۇا، خولوڭگو، بولو، فېڭلى، شياڭجاۋ، كۆك چىلان قاتارلىق خاس مېۋىلەرئۆستۈرۈلۈپ، تېرىقچىلىق كۆلىمى پۇختا قەدەم بىلەن كېڭەيتىلىپ، كوللېكتىپ ئىگىلىكنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇشىغا كۈچ قوشۇلدى.