12-ئاينىڭ 8-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق تەبىئىي بايلىق نازارىتىنىڭ يەكەن ناھىيەسى بەشكەنت بازىرى توقامئېرىق كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى 99 ئاممىۋى مەنپەئەتكۈنى «باھار غۇنچىلىرى پىلانى» ئوقۇش ياردەم پۇلى ھەم «ئانىلار پوسۇلكىسى» تارقاتتى.
ئاپتونوم رايونلۇق تەبىئىي بايلىق نازارىتى كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى ۋە ياشلار، ئۆسمۈرلەرگە بولغان «ئاساسنى پۇختىلاش»خىزمىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، مېخانىزمنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «باھار غۇنچىلىرى پىلانى» تۈرىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، بالىلارغا دەل جايىدا كۆيۈنۈپ، يار-يۆلەك بولۇپ، ئۇلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە، كىشىلىك ھايات ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا كۈچ قوشتى.
ياردەمگە ئېرىشكەن ئوقۇغۇچى ئايزۆھرە ئابدۇسەمەت مۇنداق دېدى: «بۇ كۆيۈنۈش قىشنىڭ ئاپتىپىغا ئوخشاش قەلبىمىزنى ئىللىتتى، شۇنداقلا بىزنى تىرىشىپ ئۆگىنىپ، ئۆزىمىزنى ئۈزلۈكسىز يۈكسەلدۈرۈشكە رىغبەتلەندۈردى، مەن ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق جەمئىيەتكە جاۋاب قايتۇرىمەن، يۇرتۇمنى گۈللەندۈرىمەن».
بۇ قېتىمقى ئاممىۋى مەنپەئەت پائالىيىتى يەكەندىكى ئاياللار، بالىلارغا ماددىي جەھەتتىن ياردەم بەردى، كۆيۈنۈش ۋە ئۈمىد ئۇرۇقىنى يەتكۈزدى.
ئاپتونوم رايونلۇق تەبىئىي بايلىق نازارىتىدىن يەكەن ناھىيەسىنىڭ بەشكەنت بازىرى توقامئېرىق كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى فەن تاۋ مۇنداق دېدى: «بىز تېخىمۇ تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق، تېخىمۇ ئەمەلىي ئىستىل، تېخىمۇ كۈچلۈك تەدبىر ئارقىلىق كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىگە پۈتۈن ۋۇجۇدىمىز بىلەن ئاتلىنىمىز. ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلەرنىڭ غەمخورلۇقى، يېتەكچىلىكى ۋە يۇرتداشلارنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىدا، بىز خىزمەتلەرنى داۋاملىق چوڭقۇرلاپ تۈجۈپىلەپ ئىشلەپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ۋە ئاياللار، بالىلار ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئەقىل-پاراسەت ۋە كۈچ-قۇۋۋەت قوشىمىز».
(يەكەن ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرىخەن ياۋېي، پىراكتىكانت مۇخبىرجيا زىجۈن)