导航切换

كەنت كوللېكتىپ ئىگىلىكىنىڭ تىجارەت پايدىسى 7 مىليون 442 مىڭ 900 يۈەنگە يەتتى، غۇلجا شەھىرى خەنبىڭ يېزىسىنىڭ «بېيىش مەخپىيىتى»گە نەزەر سېلىپ باقايلى

日期:2024年11月20日
来源:天山网
【字体:

مەنبە: غۇلجا شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى

«بۇ بازار ئېچىلدى، كۆكتات سېتىۋالغاندا ئۇنچە يىراققا بارمىساقمۇ بولىدۇ.» 11-ئاينىڭ 12-كۈنى، مۇخبىر خەنبىڭ يېزىسى دۆڭمەھەللە كەنتى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرىغا كىرىپلا، كۆكتات سېتىۋېلىۋاتقان ئاھالە لى مىنخۇانى ئۇچراتتى.


بۇ بازار دۆڭمەھەللە كەنتىنىڭ كوللېكتىپ مۈلكىگە تەۋە بولۇپ، نۇرغۇن ئامىللار سەۋەبىدىن، ئون يىلغا يېقىن بىكار تۇرۇپ قالغانىدى. قانداق قىلغاندا «ئۇيقۇدىكى مۈلۈك»نىڭ يېڭى ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، كوللېكتىپ ئىگىلىكنىڭ ھاياتىي كۈچىنى قوزغىتىپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشقىلى بولىدۇ؟ دۆڭمەھەللە كەنتى بۇنىڭغا جاۋاب بەردى. بۇ يىل دۆڭمەھەللە كەنت كوللېكتىپى 15 مىليون يۈەن مەبلەغ چىقىرىپ، كەنت ئاھالىلىرى 7 مىليون يۈەن مەبلەغ توپلاپ پاي قوشۇپ، «كەنت كوللېكتىپى + ئىجارە ئالغۇچى»دىن ئىبارەت مەنپەئەتنى باغلاش مېخانىزمبەرپا قىلىپ، كۆلىمى تۆت مو كېلىدىغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرىنى بىرلىكتە بەرپا قىلدى. بازاردىكى يايما ئورنى، دۇكان جەمئىي 78 بولۇپ، نۆۋەتتە ھەممىسى سىرتقا ئىجارىگە بېرىلدى، مۆلچەرلىنىشىچە، ھەر يىلى كەنت كوللېكتىپىنىڭ كىرىمىنى 960 مىڭ يۈەن ئاشۇرغىلى بولىدىكەن.


بۇ يىل 7-ئايدا، سۈپىتىنى ئاشۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرى يېڭى تۈسكە كىرىپ، نۇرغۇن سودىگەرنى ماكانلىشىشقا جەلپ قىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە، ئىلى جيۇدىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توپ سېتىش بازىرىدا تىجارەت قىلىۋاتقىنىغا ئون نەچچە يىل بولغان سۈن لىمۇ قەتئىيلىك بىلەن ئىشىكى ئالدىغا قايتىپ كېلىپ پۇل تېپىشنى قارار قىلدى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: «يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرى قۇرۇلغاندىن باشلاپ، بىز ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتىمىز. بۇ بازارغا ماكانلاشقان دەسلەپكى مەزگىلدە، گەرچە سودىمىز ئانچە ياخشى بولمىسىمۇ، لېكىن ھازىر كۈندىلىك سېتىش سوممىمىز 3000 يۈەندىن ئاشىدۇ».


تۇرمۇش پۇرىقىغا تولغان بۇ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرى ئاممىنىڭ تۇرمۇشىغا قولايلىق يارىتىپلا قالماي، يەنە خەنبىڭ يېزىسىدىكى 95 ئاممىنى يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىدى.

«بۈگۈن خاڭگا بەك ياخشى، شوخلىمۇ بار.» زەينەپ خەمىت ئەتىگەندىن كەچكىچە يايما ئورنىدا ئالدىراش بولدى. بازار تىجارەتكە كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئۇمۇ بۇ يەردە خىزمەت تېپىپ، ئايدا 2600 يۈەن مائاش ئالىدىغان بولدى. ئۇ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «مەن بۇ يەردە ئۈچ ئاي خىزمەت قىلدىم، ھەر ئايدا مائاشىمنى ۋاقتىدا ئالالايمەن، كىرىمىم بولغانلىقىدىن ئەلۋەتتە ناھايىتى خۇشالمەن».

يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرىنىڭ تىجارىتىنىڭ جانلىنىشى دۆڭمەھەللە كەنتىنىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئالدىن مۇلازىمەت قىلىشىدىن ئايرىلالمايدۇ. يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرىنىڭ سىجىل يۈرۈشۈشى ۋە ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، بۇ يىل 9-ئايدا، كەنت ئاھالە كومىتېتى ئۆزى مەبلەغ توپلاپ بازارنىڭ پار تۇرۇبىسى ۋە توك ئىشلىتىش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ئۆزگەرتتى ھەم بىر تۈركۈم ئىستېمال بېلىتى ياساپ ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى. «كېيىنكى قەدەمدە، بىز يەنە ئەتراپتىكى ئاھالىلەرنىڭ پىكىر-تەكلىپلىرىگە ئاساسەن، بازارنىڭ قاتتىق دېتال ئەسلىھەلىرى ۋە سېتىش مەزمۇنىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرىمىز» دېدى دۆڭمەھەللە كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى نيۇ دوۋدوۋ.


دۆڭمەھەللە كەنتىدىن باشقا، خەنبىڭ يېزىسىدىكى تەرەققىيات كەنتىمۇ كەنت كوللېكتىپ ئىگىلىكى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى يولى ئۈستىدە پائال ئىزدەنمەكتە. بۇ يىل 8-ئايدا، كەنت ئاھالە كومىتېتى ئاۋات جايغا جايلاشقان ئەسلىدىكى چۈەنجۈدې ئاساسىي گەۋدە بىناسىنى ئىلى ئوبلاستلىق يېزا مۈلۈك ھوقۇقى ئوبوروتى سودا مۇلازىمەت مەركىزى ئارقىلىق باھا رىقابىتى بىلەن خېرىدار چاقىرىشقا قاتناشتۇرۇپ، ئاخىرىدا يىلىغا 3 مىليون 11 مىڭ يۈەنلىك ئىجارە ھەققى بىلەن مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئىجارىگە بەردى.


نۆۋەتتە، مېھمانساراي قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ، كېلەر يىلى يازدا تىجارەت باشلاش مۆلچەرلەندى. تەرەققىيات كەنتىنىڭ 1-شۇجىسى جاۋ چياڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: ئىجارە ھەققى پايدىسىنىڭ %70ى مۇشۇ كەنتتىكى كەنت ئاھالىلىرىگە پايدا تەقسىملەشكە ئىشلىتىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمى ئاشۇرۇلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كەنت «ئىككى كومىتېت»ى ۋە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىمۇ مەبلەغ سالغان كارخانىلارغا بولغان مۇلازىمەتنى كۈچەيتىپ، كارخانىلارنى خاتىرجەم تەرەققىي قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، كەنت كوللېكتىپ ئىگىلىكىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئېشىشىغا كۈچ قوشىدۇ.



بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، خەنبىڭ يېزىسى كەنت كوللېكتىپ ئىگىلىكىنىڭ تىجارەت كىرىمى 7 مىليون 442 مىڭ 900 يۈەنگە، كەنتلەرنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى 1 مىليون 63 مىڭ 300 يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.07 ئاشتى. بۇنىڭ ئىچىدە تۆت كەنتنىڭ كوللېكتىپ ئىگىلىك كىرىمى 1 مىليون يۈەندىن ئاشتى.

خەنبىڭ يېزىسىنىڭ مۇئاۋىن يېزا باشلىقى سابىرجان ئەخمەتجان كېيىنكى قەدەمدە، خەنبىڭ يېزىلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ سىجىل تۈردە «تۈرگە ئايرىپ تەدبىر قوللىنىش، مۈلۈكنى جانلاندۇرۇش»تىن ئىبارەت تەرەققىيات پىكىر يولى بويىچە، مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلەرنى تاۋلاپ، ئەلا سۈپەتلىك بايلىقلارنى بىرىكتۈرۈپ، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش خىزمىتىنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، خاس كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرىدىغانلىقىنى،كەنت كوللېكتىپ ئىگىلىكىنىڭ بىرلىشىپ تەرەققىي قىلىشتەك كۆپ خىللىقئورتاق پايدا ئېلىش ۋەزىيىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، كەنت كوللېكتىپ ئىگىلىكىنىڭ «قان ئىشلەش ئىقتىدارى»نى ئومۇميۈزلۈك جانلاندۇرۇپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە ئۈزلۈكسىز ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

(غۇلجا شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرلىرىدىلدار، جاڭ كاڭ)

«تىيانشان تورى»دىن تەرجىمە قىلىندى