ئالتۇن كۈزدىكى مول ھوسۇل ئالدىراشچىلىقى خوتەن ناھىيەسىنىڭ خاس باغ-ئورمانچىلىقى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بەردى

日期:2024年09月22日
来源:天山网
【字体:

ئالتۇن كۈز پەسلىدە، خوتەن ناھىيەسىدىكى ئېتىز-ئېرىق باشلىرى مەي باغلاپ پىشقان مېۋىلەرگە تولۇپ، كىشىنى خۇشال قىلىدىغان مول ھوسۇل مەنزىرىسى شەكىللەندى. خوتەن ناھىيەسىنىڭ ياڭاق، ئەنجۈر، شاپتۇل قاتارلىق خاس مېۋىلىرى ئارقا-ئارقىدىن پىشىپ بازارغا سېلىنىپ، سېتىشنىڭ ئاۋات مەزگىلىگە كىردى.



9-ئاينىڭ 18-كۈنى، مۇخبىر خوتەن ناھىيەسى لايقا يېزىسىنىڭ باش لايقا كەنتىدىكى ئەنجۈر ئۆستۈرگۈچى ئاھالە ئابدۇنەبى مەخمۇت ئائىلىسىنىڭ بېغىغا كىرىپ، ئۇنىڭ ئۈزۈش، ئىلغاش، ئوراش-قاچىلاش قاتارلىق خىزمەتلەرنى قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردى، ئابدۇنەبى مەخمۇت يېڭى ئەنجۈرلەرنى تېزدىن مېۋە-چېۋە سودا بازىرىغا يەتكۈزۈپ، ئىستېمالچىلارنى بۇ يۇمشاق، يېپىشقاق ھەم تاتلىق ئەنجۈردىن بەھرىمەن قىلدى.



شۇنىڭ بىلەن بىللە، باش لايقا كەنتىدىكى ياڭاقنى مەركەزلىك سېتىۋېلىش نۇقتىسىمۇ ئادەتتىن تاشقىرى قىزىپ كەتكەنىدى. دېھقانلار يېڭىدىن يىغقان ياڭاقلىرىنى چوڭ-كىچىك خالتىلارغا قاچىلاپ بۇ يەرگە توشۇپ سېتىش بىلەن ئالدىراش ئىدى. كەنت ئاھالىسى غوجىئالىم روزىئابدۇللا كەنتتىكى داڭلىق ياڭاق ئۆستۈرۈش چوڭ ئائىلىسى ۋە سېتىۋېلىش سودىگىرى. ئۇ بۇ يىل سەككىز مو يەردە ياڭاق ئۆستۈردى، كۆڭۈل قويۇپ پەرۋىش قىلىش ئارقىلىق، ياڭاقنىڭ مېغىزى توق، ھوسۇلى بۇلتۇرقىدىن كۆرۈنەرلىك ئاشتى، مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ يىللىق كىرىمى 20 مىڭ يۈەنگە يېتىدىكەن. بۇنىڭدىن سىرت، ئۇ يەنە كەنتتىكى باشقا دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ ياڭاقلىرىنى سېتىۋېلىپ پىششىقلاپ، باشقىلارغا سېتىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى جانلىق بولغان كىرىمنى ئاشۇرۇش يولى بىلەن تەمىنلىدى. بەزى كەنت ئاھالىلىرى ئائىلىسىنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈش بىلەن بىللە، ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ ياڭاق چېقىشقا ياردەملىشىپ، كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 100 يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلدى. ھازىرغا قەدەر، ئۇ يېقىن ئەتراپتىكى ھەرقايسى كەنتلەردىكى دېھقان ئائىلىلىرىدىن تەخمىنەن 100 توننا ياڭاق سېتىۋالدى، ئۇ بۇنىڭدىن 200 مىڭ يۈەن كىرىم قىلىشنى مۆلچەرلىدى.


باش لايقا كەنتىدە ھازىر بار بولغان باغ-ئورمان كۆلىمى 1275 مو بولۇپ، باغ-ئورمانچىلىق كەسپىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ى كەسپىي خادىملارنى ئېتىز-ئېرىق باشلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈشكە پائال تەكلىپ قىلىپ، تېرىقچىلىق ئائىلىلىرىنى تېخنىكا يېتەكچىلىكى بىلەن تەمىنلەپ، ئالدىنقى باسقۇچلۇق ئىلمىي باشقۇرۇش-پەرۋىش قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتتى. ئەتىيازدا قوشۇمچە ئوغۇتلاش، شەكىلگە كەلتۈرۈپ چاتاشتىن يازدا كېسەللىك، ھاشارات زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشكىچە، دەل جايىدا بولغان تېخنىكىلىق مەشغۇلاتنى يولغا قويۇپ، مېۋە سۈپىتى ۋە ھوسۇلىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈردى.


جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھ چەكلىك شىركىتىنىڭ خوتەن ناھىيەسى لايقا يېزىسى باش لايقا كەنتىدە تۇرۇشلۇق 1-شۇجى ليۇ سۇچى مۇنداق دېدى: «يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتە پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشىنى بېيىتىش، تۇرمۇشىنى ياخشىلاش كېرەك. خاس باغ-ئورمانچىلىقنى يېتىلدۈرۈش، راۋاجلاندۇرۇش دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىدىكى مۇھىم يول، بىز ئاممىنىڭ بېيىشىدىكى ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى داۋاملىق ئۇرغۇتۇپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش ۋە دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىمىز».

(خوتەن ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرى نۇردۇن ئەلى، ئىختىيارىي مۇخبىر خېلىل رۇسۇل)