导航切换

دېھقانلارنىڭ كۈزلۈك يىغىم ئىشلىرىغا ياردەم بېرىش

日期:2024年09月05日
来源:天山网
【字体:


9-ئاينىڭ 3-كۈنى، دېھقانلارنىڭ كۈزلۈك يىغىم ئىشلىرىغا ياردەم بېرىش مۇلازىمەت ئەترىتى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ قىزىل لازا ئىلغىشىغا ياردەم بەردى. ھازىر، دەل كۈزلۈك كۆكتاتلارنىڭ بازارغا سېلىنىش مەزگىلى، ساۋەن شەھىرىنىڭ داچۈەن يېزىسى چېڭجياۋ غەربىي كەنتىدىكى كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى دېھقانلارنىڭ كۈزلۈك يىغىمىغا ياردەم بېرىش مۇلازىمەت ئەترىتى تەشكىللەپ، ئېتىز باشلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، تېرىقچىلىق ئائىلىلىرىنىڭ ئەمەلىي مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بەردى.لەن لىڭ فوتوسى


ساۋەن شەھىرى داچۈەن يېزىسى چېڭجياۋ غەربىي كەنتىدىكى كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى دېھقانلارنىڭ كۈزلۈك يىغىم ئىشلىرىغاياردەم بېرىش مۇلازىمەت ئەترىتى تەشكىللەپ، ئېتىز باشلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، تېرىقچىلىق ئائىلىلىرىنىڭ لازا يىغىشىغا ياردەم بەردى.لەن لىڭ فوتوسى


9-ئاينىڭ 1-كۈنى، دېھقانلارغا ياردەم بېرىش پىدائىيلىرى خوشۇت ناھىيەسىنىڭ سۇخاتۇ يېزىسىدىكى لازا تېرىش بازىسىدا دېھقانلارنىڭ لازا ئۈزۈشىگە ياردەم بەرمەكتە. ھازىر دەل كۈزلۈك يىغىم مەزگىلى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى يېزا ئىگىلىكىگە ياردەم بېرىدىغان 611 پىدائىي ئېتىز باشلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، دېھقانلارنىڭ كۈزلۈك يىغىم ئىشلىرىغا ياردەم بەردى.تىيانشان تورى − شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ لىخۇا فوتوسى


9-ئاينىڭ 3-كۈنى، ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ ئاقتوقاي بازىرىدىكى 2800 مولۇق جىغانلىق بازىسىدا، كەنت ئاھالىلىرى شاخ چاتاش، مېۋە ئۈزۈش، سېۋەتكە قاچىلاش بىلەن ئالدىراش بولدى.ۋەلى قېيۇم فوتوسى