يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش مۇساپىسىدە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئورگىنىنىڭ قاغىلىق ناھىيەسى خېيۈەن بازىرى يېڭىئاۋات (9) كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى باشتىن-ئاخىر بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پائال تۈردە تۇرۇشلۇق كەنتىنىڭ تەرەققىياتىنى كۆزلەپ، تۇرۇشلۇق كەنتىگە ئەمەلىي ئىش قىلىپ بەردى. ئېتىزلارنى ۋاقتىدا، يېتەرلىك سۇغىرىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، يەرنىڭ مۇنبەتلىكى ۋە ھوسۇل بېرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، يېزا-كەنت يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، يېزىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن، يېقىندا، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ى بوشاشماي تىرىشىش ئارقىلىق، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنى ماسلاشتۇرۇپ، فۇجيەن شىۋېي قۇرۇلۇش چەكلىك شىركىتىنىڭ يېڭى ئاۋات كەنتىدىكى ئېتىز-ئېرىق ئۇل سۇچىلىق ئەسلىھەلىرىنى رېمونت قىلىپ بېرىشىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قولغا كەلتۈرۈپ، سۇچىلىق ئۇل قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈردى.
يېڭىئاۋات كەنتىنىڭ ئېتىز-ئېرىق ئۇل سۇچىلىق ئەسلىھەلىرى ئۇزاق يىل رېمونتسىز قالغانلىقتىن، قىسمەن زاكولار بۇزۇلۇپ، سۈڭگۈچلەر توسۇلۇپ، ئېرىق-ئۆستەڭلەر راۋان بولمىغاچقا، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىغا زور قىيىنچىلىق ئېلىپ كېلىپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى ۋە دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا ئېغىر تەسىر يەتكۈزۈپ، بۇزۇلۇش ۋە يېڭىدىن ياساشقا جىددىي ئېھتىياجلىق بولۇش ئەھۋالىغا دۇچ كەلدى. كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى مەسىلىگە دىققىتىنى بېرىپ، ئالاقىدار ئورۇنلارنى پائال ماسلاشتۇرۇپ، ھەل قىلىش لايىھەسى ئۈستىدە ئىزدەندى.
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئورگىنىنىڭ قاغىلىق ناھىيەسى خېيۈەن بازىرى يېڭىئاۋات (9) كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى، كەنت «ئىككى كومىتېت»ى ۋە فۇجيەن شىۋېي قۇرۇلۇش چەكلىك شىركىتىنىڭ خىزمەتچىلىرى يېڭىئاۋات كەنتىنىڭ ئېتىز-ئېرىق ئۇل سۇچىلىق ئەسلىھەلىرى سۈڭگۈچلىرى توسۇلۇپ قالغان، بۇزۇلغان نەق مەيداننى بىرلىكتە كۆزدىن كەچۈردى.
يەن جىڭۋېن فوتوسى
بوشاشماي تىرىشىش ئارقىلىق، خىزمەت ئەترىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا فۇجيەن شىۋېي قۇرۇلۇش چەكلىك شىركىتى بىلەن ئالاقىلەشتى. بۇ شىركەت بۇ كەنتنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، يۈكسەك جەمئىيەت مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى نامايان قىلىپ، كەنتنىڭ ئېتىز-ئېرىق ئۇل سۇچىلىق ئەسلىھەلىرىنى پائال رېمونت قىلىپ بەردى. كارخانىنىڭ بۇ كەنتنىڭ سۇچىلىق قۇرۇلۇشىغا ياردەم بېرىش ۋە يۆلەش تۈرى ئىككى چوڭ زاكو، 27 كىچىك زاكونى رېمونت قىلىش، 5 زاكونى يېڭىدىن ياساش ھەمدە 60 سانتىمېتىرلىق 77 سۈڭگۈچنى تازىلاش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش، شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەنە ئۇزۇنلۇقى 2.5 كىلومېتىر كېلىدىغان ئۆستەڭنى قېزىش ۋە راۋانلاشتۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، شىركەت يەنە 50 توننا سېمونت، 100 توننا قۇم، 150 توننا شېغىل قاتارلىق ماددىي ئەشيالارنى تەمىنلەپ، قۇرۇلۇشنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ.
نۆۋەتتە، رېمونت قىلىش قۇرۇلۇشى جىددىي، تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. كەنت ئاھالىلىرى قۇرۇلۇش قىلغۇچىلار قوشۇنىنىڭ ئالدىراش ئىشلەۋاتقان سىيماسىنى كۆرۈپ، چېھرىدە خۇشاللىق ۋە ئۈمىد جىلۋىلەندى. كۆپچىلىك بەس-بەستە مۇنداق بىلدۈردى: خىزمەت ئەترىتى ۋە فۇجيەن شىۋېي قۇرۇلۇش چەكلىك شىركىتىنىڭ كۆڭۈل بۆلگەنلىكى ۋە ياردەم بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمىز، يېڭى سۇچىلىق ئەسلىھەلىرىنىڭ كاپالەتلەندۈرۈشىدە، بۇ يىللىق يېزا ئىگىلىك ھوسۇلىمىزنىڭ چوقۇم تېخىمۇ ياخشى بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.
فۇجيەن شىۋېي قۇرۇلۇش چەكلىك شىركىتى يېڭىئاۋات كەنتىنىڭ ئېتىز ـ ئېرىق ئۇل سۇچىلىق ئەسلىھەلىرىنى رېمونت ماددىي ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلىدى.
يەن جىڭۋېن فوتوسى
ئونمىڭ كارخانا ئونمىڭ كەنتكە كىرىپ، گۈللىنىش ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇردى. بۇ قېتىمقى قوشماقلىشىپ ياردەم بېرىش-يۆلەشتە، كارخانىلار جىددىي ئېھتىياجلىق ماددىي ئەشيالارنى ئېلىپ كېلىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە بولغان ئۈمىد ۋە ھاياتىي كۈچ ئېلىپ كېلىپ، كارخانىلارنىڭ جەمئىيەت مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش روھىنى تولۇق نامايان قىلدى. كارخانىلارنىڭ كۈچ قوشۇشى بىلەن، مۇكەممەللەشتۈرۈلگەن سۇچىلىق ئەسلىھەلىرى ئېتىزلارنى ۋاقتىدا سۇغىرىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، زىرائەتلەرنىڭ ھوسۇلى ۋە سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، يېزا-كەنتلەرنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىغا پۇختا ئاساس سالىدۇ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇشى تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ.
كېيىنكى قەدەمدە، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى رېمونت قىلىش قۇرۇلۇشىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىغا داۋاملىق كۆڭۈل بۆلۈپ، قۇرۇلۇشنىڭ سۈپىتى ۋە سۈرئىتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، خىزمەت ئەترىتى يەنە تېخىمۇ كۆپ كارخانىنى «10 مىڭ كارخانىنى 10 مىڭ كەنتكە كىرىش» ھەرىكىتىگە قاتنىشىشقا چاقىرىق قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ ياردەم بېرىش-يۆلەش يولى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ يېزا-كەنت قۇرۇلۇشىغا ئورتاق قاتنىشىش قىزغىنلىقىنى قوزغاپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچىنى يەنىمۇ مۇجەسسەملەپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ساداسىنى ياڭرىتىپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ شانلىق سەھىپىسىنى قول تۇتۇشۇپ ئورتاق پۈتۈپ چىقىدۇ.
( ئىختىيارىي مۇخبىر يەن جىڭۋېن)