ھازىر، كۇچا شەھىرى خانىقاتام يېزىسى بوز ئېرىق كەنتىدە تېرىلغان 22 چوڭ پارنىكتىكى شىلەنخۇالاردىن مول ھوسۇل ئېلىندى، كەنت ئاھالىلىرى يىغىش، سېتىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە ئىشخانىسىنىڭ كۇچا شەھىرى خانىقاتام يېزىسى بوز ئېرىق كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى پائال ماسلاشتۇرۇپ ۋە ئۇدۇللاشتۇرۇپ، جىنچياۋ تاللا بازىرى بىلەن زاكاز ئىمزالاپ، كۆكتاتلىققا بېرىپ كۆكتات يىغىپ، دېھقانلارنىڭ شىلەنخۇا سېتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىگە ياردەملەشتى.
6-ئاينىڭ 10-كۈنى، كۇچا شەھىرى خانىقاتام يېزىسى بوز ئېرىق كەنتىدە قاتار-قاتار پارنىكلار رەتلىكبولۇپ، پارنىك ئىچىدىكى شىلەنخۇالار ياشىرىپ،ياخشى ئۆسكەنىدى. بۇ يىل كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ چاقىرىقى بىلەن، پۈتۈن كەنتتىكى 22 پارنىكقا ئوزۇقلۇق قىممىتى مول، بازار ئېھتىياجى يۇقىرى بولغان شىلەنخۇا تېرىلدى، ئالدىنقى مەزگىلدە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىتېخنىكلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، تېخنىكا جەھەتتىن دائىملىق يېتەكلەشنى قانات يايدۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىگە تېخنىكا جەھەتتىكى مۇھىم نۇقتىلارنى چۈشەندۈردى. شىلەنخۇانىڭ پىشىپ ھوسۇل بېرىشىگە ئەگىشىپ، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكى كادىرلارمۇ ئالدىنئالا ئۇدۇللاشتۇرۇپ، جىنچياۋ تاللا بازىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، پۈتۈن كەنتتىكى 22 پارنىكقا تېرىلغان شىلەنخۇانىڭ ھەممىسىنى جىنچياۋ تاللا بازىرىغا سېتىپ بېرىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تېخىمۇ ياخشى پايدىغا ئېرىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.
(كۇچا شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىمۇخبىرىۋاڭ لۇڭجياڭ،بۇ دېڭپېڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرۋاڭ جيايۈ)