导航切换

«چاي»دىن «چايچىلىق كەسپى» شەكىللەندى قاراقاشتىكى بۇ «چاي كەنتى» يەنە ئالدىراشلىققا تولدى

日期:2024年05月27日
来源:天山网
【字体:

«بىز ئالدىنقى ئايدا خوتەن شەھىرىدىن بىر مىليون يۈەنلىك زاكاز قوبۇل قىلدۇق، ئىشچىلار ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەپ چاي ئىشلەپچىقىرىۋاتىدۇ. نۆۋەتتە سوۋغاتلىق ئورالما، يەككە ئورالما، يالغۇز ئورالما قاتارلىق تۈرلىرى بار، كېيىن يەنە تېخىمۇ كۆپ چاي تۈرىنى كۆپەيتىپ، بازار ئېھتىياجىغا ماسلىشىمىز.» دېدى شىنجاڭ ئىزھار ساغلاملىق پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى دىلدار قېيۇم.


شىركەت مەسئۇلى دىلدار قېيۇم خىزمەتچىگە تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.

5-ئاينىڭ 20-كۈنى، قاراقاش ناھىيەسىنىڭ زاۋا بازىرى باشاقچى كەنتىگە كىرگىنىمدە، چاينىڭ ساپ خۇش ھىدى دىماققا ئۇرۇلدى. ئىلگىرى ئەنئەنىۋى يېزا ئىگىلىكىنى ئاساس قىلغان باشاقچى كەنتى شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 1-دوختۇرخانىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردەم بېرىشى ۋە يۆلىشىدە چاي زاۋۇتى قۇرۇش، خاس چاي كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق، بۈگۈنكى كۈندە يىراق-يېقىنغا داڭلىق «چاي كەنتى»گە ئايلاندى.


مەھسۇلات سۈپىتىنى تەكشۈرۈش.

دىلدار قېيۇم شىنجاڭ ئىزھار ساغلاملىق پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى، ئۇ 1989-يىلى شىنجاڭ تېببىي داشۆسىنىڭ دورىگەرلىك كەسپىنى پۈتكۈزگەن ھەم ئىزچىل بۇ مەكتەپ قارىمىقىدىكى 1-دوختۇرخانىنىڭ دورىگەرلىك بۆلۈمىدە خىزمەت قىلغان. 2020-يىلى 1-ئايدا، ئۇ ئېرى بىلەن بىللە باشاقچى كەنتىگە كېلىپ كەنتتە تۇردى. كەنتتە تۇرغان مەزگىلدە، ئۇ دائىم كەنت ئاھالىلىرىگە چاي دەملەپ بەردى ھەم ئۆزىنىڭ چاي پاتېنتىدىن تەڭ بەھرىمەن بولدى. كەنت ئاھالىلىرى بۇ چاينى ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي ماختاپ، بەس-بەستە سېتىۋېلىش يولىنى سورىدى. كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كۈچلۈك تەلىپى ۋە شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 1-دوختۇرخانىنىڭ قوللىشىدا، دىلدار قېيۇم ئەر-خوتۇن كەنتتە چاي زاۋۇتى قۇرۇپ، بۇ خاس چاينى تەتقىق قىلىپ ياساش ھەم ئىشلەپچىقىرىشنى قارار قىلدى.


ئىشچىلار چاي ياسىماقتا.

بازار ئېھتىياجىنىڭ داۋاملىق ئېشىشىغا ئەگىشىپ، چاي زاۋۇتىنىڭ كۆلىمى ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى، نۆۋەتتە 3 مىليون 600 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىندى، سوۋغاتلىق ئورالما، يەككە ئورالما ۋە يالغۇز ئورالما قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۆت خىل تۈردىكى چاي مەھسۇلاتى بار ھەم بۇنىڭدىن كېيىن چاي تۈرىنى داۋاملىق كۆپەيتىش پىلانلاندى. دىلدار قېيۇم مۇنداق دېدى: «تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ ئىشىكى ئالدىدىلا ئىشقا ئورۇنلىشىپ، تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشىنى ھەم كېيىنكى ئەۋلادلارنى تېخىمۇ ياخشى مائارىپ مۇھىتى بىلەن تەمىنلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن».


چاي دەملەش جەريانىنى تونۇشتۇرۇش.

بازار ئېھتىياجىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىشىغا ئەگىشىپ، چاي زاۋۇتىنىڭ كۆلىمىمۇ تەدرىجىي كېڭەيدى. بۇلتۇر 5-ئايدا، دىلدار قېيۇم رەسمىي پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن چاي تەتقىق قىلىپ ياساش خىزمىتىگە ئاتلىنىپ، چاينىڭ سۈپىتى ۋە تەمىنى ئۆستۈرۈشكە كۈچىدى.


خىزمەتچىلەر چاي ياسىماقتا.

چاي زاۋۇتىنىڭ قۇرۇلۇشى شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرىنى ئىشىك ئالدىدا ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەپلا قالماي، يەنە كەنت كوللېكتىپ ئىگىلىكىنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى. باشاقچى كەنتىنىڭ 1-شۇجىسى فېڭ تىڭخۇ مۇنداق دېدى:«كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردەم بېرىش-يۆلەش ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، بىز <قان بېرىش>نى <قان ئىشلەش>كە ئۆزگەرتىپ، يەرلىك خاسلىققا ئىگە كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇردۇق. قايتا-قايتا سىناش ۋە دەلىللەش ئارقىلىق، بىز شۇ جايدىكى قىزىلگۈل، ياڭاق مېغىزى قاتارلىق خام ماتېرىياللارغا بىرلەشتۈرۈپ، باشاقچى گۈلچېيىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەتقىق قىلىپ ئاچتۇق. بۇ خىل خۇش پۇراق چاي ئۆزگىچە تەمى ۋە سۈپىتى بىلەن بازاردا ئالقىشقا ئېرىشتى».


يېڭى چاينى تەتقىق قىلىپ ئېچىش.

چايچىلىق كەسپىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشى باشاقچى كەنتىدىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرۇپلا قالماي، يەنە كەنت دەرىجىلىك تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈردى. كەنت ئاھالىسى سۇمەرەم روزىھېيت مۇنداق دېدى: «بىز ھازىر ئىشىكىمىز ئالدىدىلا مۇقىم خىزمەت تاپالايدىغان بولدۇق، ھەم ئائىلىمىزنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالالايمىز، ھەم كىرىمىمىزنى ئاشۇرالايمىز، تۇرمۇش سۈپىتىمىز ئىنتايىن زور دەرىجىدە ياخشىلاندى».

ئىگىلىنىشىچە، 2023-يىلى، باشاقچى كەنتىدە چاي زاۋۇتىنىڭ تۈرتكىسىدە، كەنت كوللېكتىپ ئىگىلىكىنىڭ كىرىمى 600 مىڭ يۈەنگە يەتكەن، بۇ يىل 1 مىليون يۈەنگە يېتىشى مۆلچەرلەنگەن. كەلگۈسىگە نەزەر سالغاندا، باشاقچى كەنتى كارخانىلارنى سۈپەتلىك ماركا ئېڭىنى تۇرغۇزۇشقا داۋاملىق يېتەكلەپ، ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ كەنت ئاھالىسىنىڭ چايچىلىق كەسپى ئارقىلىق بېيىش «تېز پويىزى»غا چىقىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، تۈرتكە بولىدۇ.

(قاراقاش ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرى نەبىجان ئېزىز)