导航切换

«ئۇلار خۇددى بىر دەستە نۇرغا ئوخشاش، مومام ئىككىمىزنىڭ تۇرمۇشىنى يورۇتتى»

日期:2024年05月09日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتىمۇخبىرىبەي سۇجۈن

«ئەگەر مېھرىبان كىشىلەر كۈچ ئۇلاپ ياردەم قىلمىغان بولسا، نەۋرە قىزىم ئىككىمىزنىڭ بۈگۈنكىدەك بەختلىك تۇرمۇشىمىز بولمىغان بولاتتى». 5-ئاينىڭ 2-كۈنى، چېن فېڭمىڭ مەھەللە كادىرلىرىنىڭ قولىدىن بايراملىق ھال سوراش بۇيۇملىرىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن ھاياجانلانغان ھالدا شۇنداق دېدى.

بۇ يىل 70 ياشقا كىرگەن چېن فېڭمىڭ كۇيتۈن شەھىرى ئىتتىپاق كوچىسى كوچا باشقارمىسى فېڭخۇالى مەھەللىسى فېڭخۇالى ئولتۇراق رايونىنىڭ ئاھالىسى. ئۇنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىشىچە، كېلىنى بىلەن ئوغلى ئارقا-ئارقىدىن ۋاپات بولغاندىن كېيىن، كىشىلىك تۇرمۇشتا چۈشكۈنلىشىپ كەتكەن، نۇرغۇن ئاق كۆڭۈل كىشى مېھرىبانلىقنى كۈچ ئۇلاپ يەتكۈزۈش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئۇنىڭ تۇرمۇشقا بولغان ئۈمىدىنى قايتىدىن قوزغاتقان.

«2009-يىلى، كېلىنىم راك كېسىلى بىلەن ۋاپات بولدى. يەتتە يىلدىن كېيىن، ئوغلۇممۇ كېسەل سەۋەبىدىن بىزدىن ئايرىلدى، شۇ مەزگىللەردە،ھەر كۈنى كۆزۈمدىن ياش قۇرۇمىدى، تۇرمۇشقا بولغان ئىشەنچىمنى يوقاتتىم». چېن فېڭمىڭنىڭ ئېيتىشىچە، ئوغلى ۋاپات بولغاندا نەۋرە قىزى فېڭ لىجيې ئەمدىلا باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 6-يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان بولۇپ، ئائىلىسىنىڭ ئېغىر يۈكى پۈتۈنلەي ئۇنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەنىكەن.

چېن فېڭمىڭ شۇنچىلىك ياردەمسىز قالغاندا، شۇ چاغدىكىكۇيتۈن شەھەرلىك تۇرالغۇ ئۆي ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى ئىدارىسىنىڭ ئىتتىپاق كوچىسى كوچا باشقارمىسى فېڭخۇالى مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1-شۇجىياڭ لىڭ بىلەن ئۇچرىشىپ قالدى.

«دادامنىڭ ۋاپاتى مومامغا قاتتىق زەربە بولدى، ئۇ ھەر كۈنى دادامنىڭ سۈرىتىگە قاراپ يىغلايتتى. ياڭ شۇجى ئۆيىمىزگە زىيارەتكە كەلگەندە بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ، بىزگە تاماق ئەكىلىپ بېرىشكە ئادەم ئورۇنلاشتۇردى، كەچتە مېنىڭ تاپشۇرۇق ئىشلىشىمگە يېتەكچىلىك قىلدى، يەنە مومامغا ھەمراھ بولۇپ كەچ كىرگىچە پاراڭلاشتى». فېڭ لىجيېنىڭ ئېيتىشىچە، كۈنلەر شۇ تەرىقىدە ئۆتۈپ يېرىم يىلدىن كېيىن، مۇمىسىنىڭ كەيپىياتى ياخشىلانغان.

بىر قېتىم فېڭ لىجيېنىڭ دەل مەۋسۇملۈك ئىمتىھانى ۋاقتىدا، چېن فېڭمىڭنىڭ ئۆتكە تاش چۈشۈش كېسىلى قوزغىلىپ قېلىپ ئوپېراتسىيە قىلىشقا توغرا كەلدى. ياڭ لىڭ ۋە ئۈچ مەھەللە كادىرى ئۇنىڭ خاتىرجەم داۋالىنىشى ئۈچۈن مېھرىبانلىق يەتكۈزۈش شۆبە ئەترىتى تەشكىللەپ، چېن فېڭمىڭنىڭ ھالىدىن تاكى دوختۇرخانىدىن چىققۇچە خەۋەر ئالدى.

فېڭخۇالىمەھەللىسى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى كېنبات مۇسانىڭ دېيىشىچە، بۇ موماي تۇغقانلىرىدىن ئايرىلىپ قالغاندىن كېيىن، كەيپىياتىدىكى داۋالغۇش ناھايىتى چوڭ بولغان، ئۇلار تۇرمۇش ۋە روھىي جەھەتتىن ياردەم قىلغان. فېڭ لىجيې تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان ئۈچ يىلدا، مېھىرىبانلىق يەتكۈزۈش شۆبە ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى ئۈزلۈكسىز كۆپىيىپ، بەزىلەر پۇل ئىئانە قىلغان، بەزىلەر كىيىم-كېچەك ئاپىرىپ بەرگەن، يەنە بەزىلەر دەرس تەكرار قىلىپ بەرگەن. «ياڭ شۇجى ئىككىمىز فېڭ لىجيېغا قەرەللىك تۇرمۇش پۇلى بەردۇق، بوش ۋاقىتلاردا ئۇنىڭ بىلەن تاكى ئۇ داشۆگە ئۆتكىچە سىردىشىپ تۇردۇق» دېدى كېنبات.

ئۈچ يىللىق مەھەللىدە تۇرۇش خىزمىتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىنمۇ، ياڭ لىڭنىڭ مېھرىبانلىق يەتكۈزۈش ياردىمى توختاپ قالمىدى. ئۇنىڭ كۆۋرۈك بولۇشى بىلەن دوستلىرى، مەھەللە كادىرلىرى بەس-بەستە مېھىرىبانلىق يەتكۈزۈش كىچىك شۆبە ئەترىتىگە قاتنىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ ۋاقتىغا ئاساسەن موماي بىلەن نەۋرىسى ئىككىيلەنگە ياردەم بەردى.

​فېڭ لىجيېنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىشىچە، كۆپ يىللاردىن بۇيان، مېھىرىبانلىق يەتكۈزۈش شۆبە ئەترىتى ھەر خىل ئۇسۇلئارقىلىق ئۆزىگەۋە مۇمىسىغا ياردەم قىلغان، ئۇ كارخانىلارئىئانە قىلغان يېڭى كىيىملەرنى، ھەربىي تاغىلارنىڭ ئىئانىسىنى تاپشۇرۇۋالغان. «شۇنچە كۆپ ئاقكۆڭۈل كىشىلەرنىڭ كۆيۈنۈشى ۋە ھەمراھ بولۇشى بىلەن، تۇرمۇشتا ئازراقمۇ غېرىبلىق ھېس قىلمىدىم، ئۇلار خۇددى بىر دەستە نۇرغا ئوخشاش مومام ئىككىمىزنىڭ تۇرمۇشىنى يورۇتتى». فېڭ لىجيېنىڭ ئېيتىشىچە، ھەر قېتىملىق ئىمتىھان ئاخىرلاشقاندا، تاغا-ھەدىلىرى ئۇنى ساۋاقداشلىرى بىلەن بىللە دالا تامىقى يېيىشكە، تاغقا چىقىشقا ئېلىپ بارىدىكەن، ھازىر بۇ مەنزىرىنى ئويلىسا، يەنىلا گۈزەل ھەم ئىللىقلىق ھېس قىلىدىكەن.

بۇلتۇر فېڭ لىجيې شاڭخەي لىشىن بوغالتىرلىق پۇل مۇئامىلە شۆيۈەنىگە ئىمتىھان بېرىپ ئۆتتى. مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە، مەيلى تۇرمۇشتا قىيىنچىلىققا ئۇچرىسۇن ياكى مومىسى بىلەن سىنلىق كۆرۈشمەكچى بولسۇن، ئۇ مېھرىبانلىق يەتكۈزۈش شۆبە ئەترىتىنىڭ ۋىيشىن توپىدا ئۇچۇر يوللىدى. بۈگۈنكى كۈندە، مېھرىبانلىق يەتكۈزۈش شۆبە ئەترىتىنىڭ ئىزچىل ھەرىكەتكە كەلگەن 26 پىدائىيسى بار، كۆپچىلىك موماي بىلەن نەۋرىسى ئىككىسىگە داۋاملىق ياردەم بېرىپ، مېھرىبانلىق يەتكۈزۈشنى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

«مېھىرىبانلىق يەتكۈزۈش شۆبە ئەترىتىدىكى ئاقكۆڭۈل كىشىلەر خۇددى مېنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمغا ئوخشايدۇ، ئۇلار بولسىلا مەن چوقۇم ھەربىر كۈنۈمنى قەدىرلەپ ئۆتكۈزىمەن» دېدى چېن فېڭمىڭ.