200 مىڭ 700 يۈەن! ئونسۇدىكى بۇ كەنت پايدا تەقسىم قىلدى

日期:2024年04月17日
来源:天山网
【字体:

«بۇ يىل ماڭا 7000 يۈەن پايدا تەقسىملەندى.» 4-ئاينىڭ 8-كۈنى، كەنتتىكى ھەمكارلىق كوپىراتىپى تارقاتقان پايدا تەقسىماتىنى ئالغاندىن كېيىن، ئونسۇ ناھىيەسى توخۇلا يېزىسى خېپەن كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى تۇرسۇن ئىمىن ھاياجانلانغان ھالدا قولىدىكى نەق پۇلنى بىر قېتىم ساناپ چىقىپ خۇشال ھالدا شۇنداق دېدى.


4-ئاينىڭ 8-كۈنى، ئونسۇ ناھىيەسى پارلاق مېۋىچىلىك دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ پايدا تەقسىملەش نەق مەيدانى.

شۇ كۈنى، ئونسۇ ناھىيەسى پارلاق مېۋىچىلىك دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ پايدا تەقسىملەش نەق مەيدانىدا، كەنت كادىرلىرى ۋە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى ھەمكارلىق كوپىراتىپى ئەزالىرىنى تەرتىپ بويىچە «پايدا»نى ئېلىشقا تەشكىللىدى. بۇ قېتىم جەمئىي 43 ئائىلىلىك كوپىراتىپ ئەزاسىغا 2023-يىللىق 200 مىڭ 700 يۈەن پايدا تەقسىملەندى.

ياڭاق خېپەن كەنتىدىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنىڭ ئاساسلىق كېلىش مەنبەسى. 2019 ـ يىلى، ياڭاق كەسپىنى ئەلالاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى تارىخ ـ تەزكىرە ئىشخانىسىنىڭ خېپەن كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى كەنت ئاھالىلىرىنى پارلاق مېۋىچىلىك دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى تەشكىللەپ قۇرۇشقا يېتەكلەپ، «پارتىيە ياچېيكىسى + ھەمكارلىق كوپىراتىپى + پارتىيە ئەزاسى»دىن ئىبارەت تەرەققىيات ئەندىزىسى بويىچە، كەنت ئاھالىلىرىنى «يەر ھۆددە بېرىش ھەققىنى پاي قىلىپ قوشۇش + نەق پۇلنى پاي قىلىپ قوشۇش + ئەمگەك مۇلازىمىتىنى مەبلەغكە سۇندۇرۇپ پاي قىلىپ قوشۇش» قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا قاتنىشىشقا يېتەكلىدى، كوپىراتىپقا كىرگەن يەرلەرگە قارىتا يۇقىرى ئۆلچەمدە مەركەزلىك باشقۇرۇشنى يولغا قويۇپ، «كىچىك ئېتىز»نى «چوڭ ئېتىز»غا ئايلاندۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى، كەنت ئاھالىلىرى «پايچىك»قا ئايلىنىپ، ئادەم كۈچى تېجىلىپ، يەر تېرىش ئۈنۈمى ئۆستۈرۈلدى.


4-ئاينىڭ 8-كۈنى، ئونسۇ ناھىيەسى پارلاق مېۋىچىلىك دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ پايدا تەقسىملەش نەق مەيدانى.

بۈگۈنكى كۈندە، پارلاق مېۋىچىلىك دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى ھەر يىلى كەنت ئاھالىلىرىگە 1600 توننىدىن ئارتۇق ياڭاق سېتىپ بېرىپ، 1000 توننىدىن ئارتۇق كۆك ياڭاقنى پىششىقلاپ، 100 دىن ئارتۇق كەنت ئاھالىسىنى پەسىل خاراكتېرلىك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىدۇ.

«مەن ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا ئىشلەپ ھەر ئايدا مائاش ئېلىۋاتىمەن، خىزمىتىم خاتىرجەم، مۇقىم، يىل ئاخىرىدا يەنە پايدا تەقسىم قىلىنىدۇ، كۈنلىرىم ئۈمىدكە تولدى» دېدى كەنت ئاھالىسى كەنجى ھوشۇر.

كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى مۇسا ھۈسەن مۇنداق دېدى: «بۇنىڭدىن كېيىن بىز داۋاملىق ھالدا ياڭاق كەسپىنى نىشانلاپ، <بىر ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى ياخشى قۇرۇش، بىر كەسىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، بىر تەرەپنىڭ ئىقتىسادىنى جانلاندۇرۇش، بىر تەرەپنىڭ ئاممىسىنى بېيىشقا يېتەكلەش>نى نىشان قىلىپ، ياچېيكا نەتىجە يارىتىش، ئاممىنى ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتۈرۈش، كوللېكتىپنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرىمىز».

(ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرى لۈ نا، ئىختىيارىي مۇخبىرشى شېڭسۇڭ)