خوتەندىكى كەنتتە كىيىم-كېچەك زاۋۇتى قۇرۇلۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يولى كېڭەيدى

日期:2024年04月12日
来源:天山网
【字体:

يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتە، كەسىپ ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلۇشى كېرەك. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خوتەن شەھىرىنىڭ لاسكۇي بازىرى كۆپ تەرەپتىن مەبلەغ توپلاپ، خوتەن رۇنتەي كىيىم-كېچەك چەكلىك شىركىتىنى كىرگۈزۈپ چىگە بۇلۇڭ كەنتىدە شۆبە زاۋۇت قۇرۇپ، كەسىپنى يېتەكچى قىلىپ، يېزا-كەنت كارخانىلىرى تۈجۈپىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋە بازار ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى ئىشىكى ئالدىدا مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىش سۇپىسى بىلەن تەمىنلىدى.


40 نەچچە ئىشچى كىيىم تىكىپ، يىپلەرنى كېسىپ، رەخت ئالماشتۇرۇپ، دەزمال سېلىۋاتاتتى، نەق مەيداندا ئالدىراشلىق مەنزىرىسى شەكىللەنگەنىدى.

سەيراڭ دۇڭجۇ فوتوسى

4-ئاينىڭ 6-كۈنى، خوتەن رۇنتەي كىيىم-كېچەك چەكلىك شىركىتى لاسكۇي بازىرى شۆبە زاۋۇتىنىڭ كىيىم-كېچەك پىششىقلاش سېخىدا قاتار تىزىلغان توكلۇق تىكىش ماشىنىسى تەرتىپلىك ئايلىنىۋاتقان بولۇپ، 40 نەچچە ئىشچى كىيىم تىكىپ، يىپلەرنى كېسىپ، رەخت ئالماشتۇرۇپ، دەزمال سېلىۋاتاتتى، نەق مەيداندا ئالدىراشلىق مەنزىرىسى شەكىللەنگەنىدى.

گۈلسايىپ مەتنىياز چىگە بۇلۇڭ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى، كەنتتە كىيىم-كېچەك زاۋۇتى قۇرۇلىدىغانلىقىدىن خەۋەر تاپقاندا، كىيىم تىكىشتىن بەلگىلىك تەجرىبىسى بار ئۇ بىرىنچى بولۇپ تىزىمغا ئالدۇرۇپ زاۋۇتقا كىردى، بىر تۇتاش تەربىيەلەنگەندىن كېيىن رەسمىي ھالدا ئىش ئورنىغا چىقتى.


خىزمەتچى خادىملار زاكازنى ئۈلگۈرتۈش ئۈچۈن جىددىي ئىشلىمەكتە.

سەيراڭ دۇڭجۇفوتوسى

خوتەن شەھىرى لاسكۇي بازىرى چىگە بۇلۇڭ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى گۈلسايىپ مەتنىياز مۇنداق دېدى: «مەن كىيىم تىكىشنى ئۆگەنگەن، بۇ يەردە ئىشلىسەم ئاسانلا ئىشلەپ كېتەلەيمەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە زاۋۇت ئۆيۈمگە يېقىن، ھەم ئۆيۈمدىكىلەرنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالالايمەن، بىرقەدەر قولايلىق، كىرىمىممۇ مۇقىم».

ئىگىلىنىشىچە، خوتەن رۇنتەي كىيىم-كېچەك چەكلىك شىركىتى 2017-يىلى 10-ئايدا خوتەن شەھىرىنىڭ بېيجىڭ-خوتەن سانائەت باغچە رايونى توقۇمىچىلىق كەسىپلەر باغچىسىغا ماكانلاشقان بولۇپ، ئاساسلىقى تەنھەرىكەت، ئىستىراھەت كىيىملىرىنى لايىھەلەش، پىششىقلاش، سېتىش بىلەن شۇغۇللىناتتى. بۇ يىلنىڭ بېشىدا، لاسكۇي بازارلىق ھۆكۈمەت ۋە ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ۋاسىتە، كۆۋرۈك بولۇشى بىلەن، شىركەت چىگە بۇلۇڭ كەنتىدە شۆبە زاۋۇت تەسىس قىلىپ، كارخانىنىڭ كىيىم تىكىش تېخنىكىسى ۋە ماشىنا-ئۈسكۈنىلىرىنى كەنتكە ئېلىپ كىردى.


خىزمەتچى خادىملار زاكارنى ئۈلگۈرتمەكتە.

سەيراڭ دۇڭجۇفوتوسى

خوتەن شەھىرى لاسكۇي بازىرىنىڭ كادىرى مەمەتئەلى رېھىم مۇنداق دېدى: «كارخانىنىڭ مەبلىغى ۋە تېخنىكىسىنى كىرگۈزگەندە، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كىيىم-كېچەك كەسپى ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپكە تەۋە، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ يېشى ۋە تېخنىسىكىغا بولغان تەلەپئانچە يۇقىرى ئەمەس، پىششىق مەشىق قىلغاندىن كېيىن، ھەر ئايدا 2500 يۈەندىن 4000 يۈەنگىچە كىرىم قىلغىلى بولىدۇ».


ئۇستا كىيىم تىكىش تېخنىكىسىنى قولمۇقول ئۆگەتمەكتە.

سەيراڭ دۇڭجۇفوتوسى

بۇ يىل 27 ياشقا كىرگەن رىزۋانگۈل قىيۇم ئۇستىسىنىڭ كۆڭۈل قويۇپ يېتەكلىشى بىلەن تىككۈچىلىك تېخنىكىسىنى ئۆگىنىپ، ئائىلە ئايالىدىن سانائەت ئىشچىسىغا ئايلاندى.

خوتەن شەھىرى لاسكۇي بازىرى چىگە بۇلۇڭ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى رىزۋانگۈل قىيۇم مۇنداق دېدى: «ئۇستام بىزگە كىيىم تىكىش تېخنىكىسىنى قولمۇقول ئۆگەتتى، مەن بۇ خىزمەتنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىمەن، بىرىنچى ئېيىدىكى تەربىيەلەش مەزگىلىدە 1800 مائاش ئالدىم، ئىككىنچى ئېيىدىن باشلاپ، تىككەن كىيىم سانىغا قاراپ مائاش ئېلىۋاتىمەن، كىيىمنى كۆپ تىكسەم كۆپ مائاش ئالىمەن».


كىيىم-كېچەك زاۋۇتىنىڭ مەسئۇلى كىيىم تىكىش ئىشىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە.

سەيراڭ دۇڭجۇفوتوسى

كىيىم-كېچەك زاۋۇتىنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى ئاممىنىڭ «بېيىش ئارزۇسى»غا تىرەك بولۇپلا قالماي، يەنە يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى كەسىپ تىرىكىگە ئىگە قىلدى. ھازىر، كىيىم تىكىش سېخىدىكى تىككۈچى ئىشچىلار 50 نەچچىگە يەتكەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى لاسكۇي بازىرىدىكى دېھقانلار. تەربىيەلەنگەندىن كېيىن، ئۇلار كىيىم تىكىش تېخنىكىسىنى ئىگىلەپ، كىرىمىنى مۇقىم ئاشۇردى.

«بىز ئالدىنقى مەزگىلدە تەربىيەلەشنى ئاساس قىلىپ، باشقۇرغۇچىلار ۋە تېخنىكلارنى تېخنىكا بويىچە يېتەكلەشكە ئورۇنلاشتۇردۇق، ھازىر ئىشچىلار تېخنىكىدا خېلى زور ئىلگىرىلىدى» دېدى خوتەن رۇنتەي كىيىم-كېچەك چەكلىك شىركىتى لاسكۇي بازىرى شۆبە زاۋۇتىنىڭ مەسئۇلى جۈرئەت ئابلىمىت.


ئۇستىنىڭ قېتىرقىنىپ يېتەكلىشىدە كىيىم تىكىش تېخنىكىسىنى ئۆگىنىش.

سەيراڭ دۇڭجۇفوتوسى

تېخنىكنىڭ يېتەكلىشىدە، شۆبە زاۋۇتتىكى ئىشچىلارنىڭ كىيىم تىكىش سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆسۈپ، كىيىم-كېچەك زاكازلىرى ئارقا-ئارقىدىن كۆپەيدى. خوتەن رۇنتەي كىيىم-كېچەك چەكلىك شىركىتى لاسكۇي بازىرى شۆبە زاۋۇتى سېخىنىڭ ئاساسلىق باشقۇرغۇچىسى ۋاڭ خەن مۇنداق دېدى: «بىز ھازىر 2000 نەچچە پارچە زاكاز كىيىمنى ئىشلەۋاتىمىز، مالنى 4-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا تاپشۇرىمىز».


خىزمەتچى خادىملار زاكازنى ئۈلگۈرتۈش ئۈچۈن جىددىي ئىشلىمەكتە.

سەيراڭ دۇڭجۇفوتوسى

خوتەن شەھىرى لاسكۇي بازىرىنىڭ مۇئاۋىن بازار باشلىقى فەن جىڭجىڭ مۇنداق دېدى: «كېيىنكى قەدەمدە، بىز داۋاملىق ھالدا كىيىم تىكىش سېخى، كەشتىچىلىك كۇرسى بازىسى، ياشلار ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بازىسى، كىيىم تىكىش زاۋۇتى قاتارلىق ھازىر بار بولغان بايلىقلارغا تايىنىپ، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلىپ قىلىش سالمىقىنى سىجىل ئاشۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كۆلىمىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، ئىش ئورنىنى كۆپەيتىپ، بىزنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئاممىنى <ئىشىكى ئالدىدىلا> مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمىز».

خىزمەتچى خادىملار زاكازنى ئۈلگۈرتۈش ئۈچۈن جىددىي ئىشلىمەكتە.

سەيراڭ دۇڭجۇفوتوسى

ھازىر لاسكۇي بازىرىدا كەسىپلەر گۈللەنگەن، ئېكولوگىيە ئولتۇراقلىشىشقا ماس كېلىدىغان، يېزا ئىستىلى مەدەنىي، تۇرمۇش باياشات بولۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز كۈچەيمەكتە.

(خوتەن شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىنىڭ مۇخبىرلىرىيەن جاۋشيا، سەيراڭ دۇڭجۇ)