قاراقاشتىكى بۇ كەنت خاس چايچىلىق ماركىسى بەرپا قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولدى

日期:2024年04月08日
来源:天山网
【字体:

قاراقاش ناھىيەسىنىڭ زاۋا بازىرى باشاقچى كەنتىدە، بىر خىل ساپ چاي پۇرىقى باھار شامىلىغا ئەگىشىپ تۆت ئەتراپقا تاراۋاتاتتى. ئىلگىرى ئەنئەنىۋى يېزا ئىگىلىكىنى ئاساس قىلىدىغان بۇ كەنت ھازىر بىردىنلا ئۆزگىرىپ يىراق-يېقىنغا داڭقى چىققان «چاي كەنتى»گە ئايلاندى. كەنت خاس چاي كەسپىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، چوڭ كەسىپ يېتىشتۈرۈپلا قالماي، يەنە چايچىلىق كەسپى زاۋۇتى قۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنى ئىشىكئالدىدىلا ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.


قاراقاش ناھىيەسىنىڭ زاۋا بازىرى باشاقچى كەنتىدىكى ئىزھار ساغلاملىق پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخى.

4-ئاينىڭ 1-كۈنى، قاراقاش ناھىيەسىنىڭ زاۋا بازىرى باشاقچى كەنتىدىكى ئىزھار ساغلاملىق پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىگە كىرگىنىمىزدە، قىزىلگۈل ھىدى دىمىقىمىزغا ئۇرۇلدى، ئاقما لىنىيەدە ئىشچىلار پۈتۈن كۈچبىلەن چىڭ تۇتۇپ ئىشلەپچىقىرىپ، يېڭى زاكاز قىلىنغان ماللارنى ۋاقتىدا تاپشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشقا تىرىشىۋاتاتتى، ئىلغاش، خالتىغا قاچىلاش، توشۇش... قاتارلىق ئالدىراش مەنزىرە شەكىللەنگەنىدى.

شىركەت مەسئۇلى دىلدار قېيۇم مۇنداق دېدى: «بۇ ئايدا بىز 1 مىليون يۈەنلىك زاكاز ئالدۇق، ئىشچىلار ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەپ ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ چاي ئىشلەپچىقىرىۋاتىدۇ. ھازىر سوۋغاتلىق ئورالما، يەككە ئورالما، يالغۇز ئورالما قاتارلىق تۆت تۈربار، كېيىنچە چاي سورتىنى كۆپەيتىمىز».


خىزمەتچى خادىملار خام ماتېرىياللارنى يۇيۇپ تازىلىماقتا.

2022-يىلى 5-ئايدا، شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 1-دوختۇرخانىنىڭ قاراقاش ناھىيەسىنىڭ زاۋا بازىرى باشاقچى كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكى كەسپىي تېخنىك خادىملارنىڭ ئارقا كۆرۈنۈش ئەۋزەللىكىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، 400 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، 100 كۋادىرات مېتىرلىق كىچىك ھۈنەرخانا قۇرۇپ، كەنتتە خاس چاي كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئاممىنىڭ يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ھەل قىلىش بىلەن بىللە، كەنت كوللېكتىپ ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ زورايتتى. بىر قانچە يىللىق تىرىشىش ئارقىلىق، ھازىر كىچىك ھۈنەرخانا زاۋۇتقا ئايلىنىپ، ئۆستۈرۈش، پىششىقلاش، ئوراش-قاچىلاش، سېتىش بىر گەۋدىلەشكەن چاي كەسپى بازىسى بەرپا قىلىشقا كۈچىدى.


يېڭىدىن سېلىنغان باشاقچى چاي زاۋۇتى.

«كەنت كوللېكتىپ كىرىمىنى زورايتىش ئۈچۈن، بىز 2023-يىلى 12-ئاينىڭ ئاخىرىدا مەبلەغ سېلىپ باشاقچى چاي زاۋۇتىنى قۇرۇپ چىقتۇق، چاي زاۋۇتىنىڭ قۇرۇلۇش كۆلىمى 1000 كۋادىرات مېتىردىن ئاشىدۇ، بۇنىڭغا 3 مىليون 600 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىندى، بۇ چاي زاۋۇتىنىڭ قۇرۇلۇشى كەنتىمىزنىڭ كەسىپ تەرەققىياتىغا نىسبەتەنئىنتايىن چوڭ ئۆستۈرۈش رولىنى ئوينىدى» دېدى 1-شۇجى فېڭ يەنخۇ تونۇشتۇرۇپ.

خىزمەتچى خادىملار چاينى ئىنچىكە پىششىقلىماقتا.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خاس چاي-ئىچىملىكنىڭ بازاردىكى ئۈلۈشى سىجىل ئېشىپ باردى، باشاقچى كەنتى سودا پۇرسىتىنى تۇتۇپ، چاي يوپۇرمىقىنى يېيىتىپ قۇرۇتۇش ماشىنىسى، قاقلاپ قۇرۇتۇش ماشىنىسى قاتارلىق 10 نەچچە ئۈسكۈنە كىرگۈزدى، «ئىزھار» تاۋار ماركىسىنى تىزىمغائالدۇرۇپ، «كەنت كوللېكتىپى + زاۋۇت + كەنت ئاھالىسى» ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، خام ماتېرىيالنى ئۆستۈرۈش، ئىنچىكە پىششىقلاشتىن ئىبارەت تەرەققىيات يۆنىلىشىنى بېكىتتى، قىزىلگۈل چېيى قاتارلىق چاي مەھسۇلاتلىرىنى ئاساسىي ئورۇنغا قويۇپ، «ئىزھار تەڭشەلمە قىزىلگۈل چېيى»نىڭ تونۇلۇش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى.

«بىزنىڭ بۇ چاي زاۋۇتىمىز يېمەكلىك دەرىجىسىدىكى چاي زاۋۇتى بولۇپ، چاينىڭ تۆت تۈرى ۋە ئۈچ خىل ئۆلچىمى بار، بىز ھەر يىلى دېھقانلاردىن نەچچە مىليون يۈەنلىك خام ماتېرىياليىغىۋالىمىز، كېيىنكى قەدەمدە، بىز تېخىمۇ كۆپ سورتتىكى چايلارنى ئىشلەپچىقىرىپ، ماركىلاشتۇرۇشقا قاراپ تەرەققىي قىلىمىز» دېدى شىركەت مەسئۇلى دىلدار قېيۇم.

خىزمەتچى خادىملار چاينى ئىنچىكە پىششىقلىماقتا.

باشاقچى كەنتى چاي كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولدى، كەنت كوللېكتىپ ئىگىلىكىنىڭ زورىيىشىغا ياردەم بەردى. 1-شۇجى فېڭ يەنخۇ مۇنداق دېدى: «چاي زاۋۇتىنىڭ قۇرۇلۇشى كەنتىمىزنىڭ كەنت كوللېكتىپ ئىگىلىكىنى زورايتىشتا ئىنتايىن زور رول ئوينىدى. 2022-يىلى كەنت كوللېكتىپ ئىگىلىكى 400 مىڭ يۈەن كۆپەيدى، 2023-يىلى600 مىڭ يۈەن كۆپەيدى، بۇ يىل 1 مىليون يۈەن كۆپىيىشى مۆلچەرلەنمەكتە».

كەنت كوللېكتىپ ئىگىلىكىنى زورايتىش كەنت قىياپىتىنى ياخشىلاشتا ئىنتايىن زور رول ئوينىدى.

بۈگۈنكى كۈندە، باشاقچى كەنتىدىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ قىزىلگۈل، رەيھانگۈل قاتارلىق زىرائەتلەرنى ئۆستۈرۈش قىزغىنلىقى بارغانسېرى ئاشماقتا. ئۇلارئۆزلىرىنىڭ ھويلىسىدا بۇ زىرائەتلەرنى ئۆستۈرۈپلا قالماي، يەنە چاينى پىششىقلاشۋە سېتىشقا پائال قاتناشماقتا. كەنت ئاھالىلىرى تېخنىكا بويىچە تەربىيەلەشكە قاتنىشىش ئارقىلىق، چاي ياساش تېخنىكىسىنى ئىگىلەپ، چاي زاۋۇتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئاساسىي قوشۇنىغا ئايلاندى. نۆۋەتتە، چاي زاۋۇتىدا ئىشقا ئورۇنلاشقان 21 ئادەم كېيىنكى باسقۇچتا ئىشلەپچىقىرىشقا ئومۇميۈزلۈك كىرىشىدۇ، ئىشقا ئورۇنلاشقانلار سانىنىڭ تەخمىنەن 80دىن ئېشىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

خىزمەتچى خادىملار ھەرخىل چايلارنى ئوراپ قاچىلىماقتا.

«كەنتىمىزبىزنى تېخنىكا بويىچە مەخسۇس تەربىيەلىدى، مەن چاي ياساش تېخنىكىسىنى ئىگىلىۋالدىم، ئىلگىرى يەر تېرىشنىلا بىلەتتىم، ھازىر ھەرخىل ماشىنىلاردا مەشغۇلات قىلالايمەن، ئايدا تەخمىنەن 3000 يۈەن مائاش ئېلىۋاتىمەن. مەن چوقۇم ئىشلەپچىقىرىش ئۆلچىمىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، سۈپەت ئۆتكىلىنى ياخشى تۇتىمەن، شۇنداق قىلغاندىلا مەھسۇلاتلىرىمىز ئىستېمالچىلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشەلەيدۇ» دېدى كەنت ئاھالىسى سۇمەرەم روزىھېيت.

يېڭى چاينى تەتقىق قىلىش.

باشاقچى كەنتى چاي كەسپىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشى كەنت ئاھالىلىرىنى ئىشىكئالدىدىلا ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەپقالماي، يەنە كەنت كوللېكتىپ ئىگىلىكىنىڭ زورىيىشى ۋە كەنت دەرىجىلىك تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولدى.ئىلگىرىكى بۇ ئەنئەنىۋى يېزا ئىگىلىك كەنتى خاس چاي كەسپى يولىدا ھاياتىي كۈچكە تولماقتا. باشاقچى كەنتى كارخانىنى ماركا ئېڭى تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەپ، ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمىنى زورايتىپ، تېخىمۇ كۆپ كەنت ئاھالىسىنىڭ چاي كەسپىدىن ئىبارەت بېيىش «تېز پويىزى»غا چىقىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، تۈرتكە بولىدۇ.

ئىزھار تەڭشەلمە قىزىلگۈل چېيى.

1-شۇجى فېڭ يەنخۇ مۇنداق دېدى: «كېيىنكى قەدەمدە، بىز خىزمەت ئەترىتىمىزنىڭ ئارقا تىرەك ئورنىدىكى ھەرقايسى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تېخنىكا ئەۋزەللىكىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، مەھسۇلاتلارنى يەنىمۇ تەتقىق قىلىپ ئاچىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بىز سۈپەتنى ئومۇميۈزلۈك بازارغا يۈزلەندۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىپ، 832 نامراتلارنى يۆلەش سېتىۋېلىش سۇپىسى تەرەپ تور بېكىتى، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ ھەرقايسى چوڭ تاللا بازارلىرى، رېستۇران، دوۋيىن قاتارلىق تور سۇپىلىرىدىن پايدىلىنىپ، مەھسۇلاتلىرىمىزنى پۈتۈن مەملىكەت، پۈتۈن شىنجاڭغا ئومۇميۈزلۈك تونۇشتۇرۇپ ساتىمىز».

(قاراقاش ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىنىڭ مۇخبىرلىرىنەبىجان، نادىرە، ئابدۇرىيىم)